80خالتا دۇكىنىدىكى خاتىرىلەر(3)Medical Store Diaries


بۇ ھەقتىكى پاراڭلار ئىزدىنىش مۇنبىرىدە 365 ئەپەندىمنىڭ << مەن قانداقلارچە لى ياڭ ئەسەبىي ئىنگلىز تىلى مەكتىپىدە ئىشلەپ قالدىم >> ناملىق يازمىسىغا يوللانغان ئىنكاسلىرىم بولۇپ ساقلىنىپ قالسۇن دەپ 80 خالتا بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.

كونا بويۇملارنى يېغىپ ساقلاپ ساتقۇچى دۇكاندار قوشنام  بىر تال كونا تەخسىسىگە كۆزى چۈشكەن ئامرىكىلىق ساياھەتچىگە گېپىنى ئۇقتۇرالماي ، ئۇكام بىر ياردەم قىلغان بولسىلا، دەسلاپ قىلمىغىلى خىلى كۈنلەر بولاپ كەتتى... مۇشۇ تەخسىنى بولسىمۇ ساتساق بولاتتى دەپ دۇكانغا يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ. خوشنا تۇرۇپ سالام -سەھىتىنىڭ تايىنى يوق بىر ئادەم ئىدى. ئىرىنچەكلىك بىلەن ئۇنىڭ دۇكىنىغا چىقتىم. ئۇ ساياھەتچى بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ئىككى ئوتتۇردا تەرجىمانلىق قىلىپ سودىسىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم. ئۇ ساياھەتچى ئۇ تەخسىنىڭ قانچىنجى يىللارغا تەۋە بويۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇنى سىتىۋالغاندىن كىيىن ئىنگىلىزچە ئىسپات يىزىپ تامغا بىسىپ بىرەلەيدىغان، بىرەلمەيدىغانلىقىنى سوراپ ئۇنداق قىلىپ بىرەلمىسەك ئۇنى سىتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ok  دېدىم. شۇنىڭ بىلەن سودا پۈتۈپ بىر تال تەخسىنى 300 ئامرىكا دوللىرىغا ساتتۇق. كىيىن ئاڭلىسام 60 يۈئەنلىك تەخسە ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن قوشنامنىڭ سالام - سەھىتى باشقىچە بولۇپ كەتتى.

دۇكانغا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر كىرسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى، چاي، دورا-دەرمەكلەر بىلەن مىجەز تەڭشەش ئالاھىدىلىكىمىزنى بايان قىلىپ خىلى يامان ئەمەس سودا قىلىپ قويىمەن. ۋاقتى كۆپرەك بەزى ئەزمىلىرى چاي دەملەپ بەرسەم لەۋلىرىنى يالاپ ئولتۇرۇپ ئىچىپ كېتىدۇ. پىراكتىس قىلىۋالغاچ چاي-پاي راسلايدىغان گەپ.

ئاۋىستىرالىيلىك ئىككى موماي ئالدىنقى كۈنى قوشنامنىڭ دۇكىنىدىكى كونا بىر تاۋاققا كۆزى چۈشۈپ قىلىپ سودىسىنى كىلىشەلمەي ئالماي كەتكەن ئىدى. ئەتىسى سەھەردە كامىراسىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى  ئېيتىپ ياردەم سوراپ كەپتۇ. ئۇلار قوشنامنىڭ دۇكىنىدىن ئايرىلىپ تاكسىغا چۈشۈپ مىھمانخانىغا بارغۇچە كامىراسىنى يوقۇتۇپ قويغان ئىكەن. ئۇ كامىراسىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىكەنلىكىنى لىكىن 15 كۈندىن بىرى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ تارتقان سۈرەتلىرىنىڭ يوقاپ كىتىشىگە ئىچى پۇشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تېت-تېت بولاپ كېتىۋاتاتتى. مەن قاتناش باشقۇرۇش ئەترىتى، تاكسى شىركىتى دېگەندەك جايلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلارغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى قىسقىچە بايان قىلدىم. ئۇلار تاكسى نۇمۇرى بىلمىسە ئامال يوقلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويدى. بۇ ئەھۋالنى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىدىم. ئۇلار بۇ ئىشنىڭ شەھىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا  مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ، چوقۇم كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ، ئىككى - ئۈچ كۈن ئىچىدە خەۋەر بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويدى. ئۇ مومايغا بۇ گەپلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشتىم. ئۇ تولىمۇ مەيۈس قىياپەتتە بۈگۈن كەچتە يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، گەرچە كامىرا تېپىلمىغان بولسىمۇ مېنىڭ كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ تاس قالىتتى يىغلىۋەتكىلى. ئۇيغۇرلار بەك ئاقكۆڭۈل، ئىسىل ئادەملەر ئىكەنسىلەر دەپ تەشەككۈر دېگەننى ياغدۇرۋەتتى. ( بۇمۇ ئىنگىلىز تېلى ئۈگەنگەننىڭ پايدىسى بولغاچقا سۆزلەپ قويدۇم)

بىر كۈنى گىرمانىيەلىك بىر ياش كىرىپتۇ. گىتلىر ھەققىدە  بىردەم پاراڭلىشىپ قالدۇق. چوڭ دادىسى گىتلىرغا ئەسكەر بولغان بولۇپ << شەرەپلىك >> ئۇرۇش تارىخىلىرى بولغان ئىكەن. ئۇ چوڭ دادىسىدىن ھەم گىتلىردىن بەك پەخىرلىنىدىكەن. مەن ئۇنىڭ ماختىنىشلىرىغا ھە دەپ چاي تەڭشەشكە تۇتۇش قىلدىم. ئاخىرىدا ھېساب قىلسام 220 يۈئەنلىك بولغان ئىدى. سەن بىلەن ياخشى پاراڭلاشتىم دەپ 300 يۈئەننى تاشلاپ بىرىپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. چەتئەللىك بىلەن بولغان سودىدا بۇنداق ئارتۇق پۇل بىرىدىغان ئىش ئانچە - مۇنچە ئۇچراپ تۇرىدۇ.

ئىشقىلىپ مەن ئىنگىلىز تېلى ئۈگۈنۈپ خىلى پايدىسىنى كۆردۈم دەپ قارايمەن. ھازىر چەتئەللىك بىلەن پاراڭلاشسام تېل توسالغۇسى، قورۇنۇش دېگەنلەر ئاساسەن بولمايدۇ. شۇنداق تەبىيلا پاراڭغا كىرىشىپ كېتىمەن.

______________________

پىداگوگىكا ئىنىستىتوتتا ئۇيغۇر تېلى ئۈگىنىۋاتقىلى 6 ئاي بولغان ئىككى كورىيەلىك قىز پات-پات دۇكانغا كىلىپ چاي تەڭشىتىپ ،باشقا خىرىدار بولمىسا ئولتۇرۇپ بىر ئۇزۇن پاراڭ سوقۇپ قايتىشىدۇ. بەزى ئۇيغۇرچە ئىنگىلىزچە ئەبجەشلەشتۈرۈپ پاراڭ قىلىشىپ قويدۇق، كورىيە مەدىنىيتى، ھازىر ئىشلىنىۋاتقان كىنولىرى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى... بەزى جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچە شۇنداق چىرايلىق سۆزلىگىنىگە قاراپ مەستلىكىم كىلىپ قالىدۇ. ئۇلار بىلەن چېقىشىپ قويىمەن،  سىلەر نېمىشقا كورىيە كىنولىرىدىكى قىزلاردەك چىرايلىق ئەمەس.........................

كورىيانچە ئۈگۈنەي دېگەن دېسەم مەكتەپتىكى ئەر كورىيانغا دېسەك ساڭا دەرىس ئۆتۈپ بىرىشى مومكىن. چوقۇم ياخشى ئۈگۈنەلەيسەن دېۋىدى،،، سىز ئۈگۈتۈپ قويسىڭىز ئۈگۈنەتتىم دەپ چاخچاق قىلىپ قويسام ، ئوغال بالىغا قىز بالا دەرس ئۆتسە قانداق بولىدۇ،،،چوڭ سىنىپ بولسا ، ئوقۇغۇچى كۆپ بولسا بولاتتى، لىكىن يالغۇز دەرىس ئۆتسە بولمايدۇ دەيدۇ. تەپەككۇرىڭلارمۇ ئۇيغۇرچىلاشقىلى تۇرۇپتۇ. مارەك بولسۇن، دېسەم كۈلۈپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە كورىيانلارمۇ پەدىشەپكە سىلەردەك بەك دېققەت قىلىدۇ. ئوخشاشلىقلىرىمىز كۆپ ئىكەن دەيدۇ، راۋان ئۇيغۇر تېلىدا . ئۇلارنىڭ تېل ئۈگۈنۈشتىكى تىرىشچانلىقىغا قايىل بولۇپ قالدىم.

چاخچاق قىلىپ، كوريانچە كالدىرلاپ بىرىڭلار تېلىڭلار ماڭا بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ گەپ قىلىشى خۇددى بىركىمگە ئەركىلەۋاتقاندەك دېسەم ،،، ماڭا قاراپ بىردەم كالدىرلاپ كىتىشتى. نېمە دېدىڭلار دېسەم شۇ كالدىرلىدۇك دەپ كۈلۈشۈپ كېتىشتى...

ماۋۇ فىرانسوزلار بىلەن ئىتالىيانلارنىڭ مىجەزىنى ئېغىرراق كۆردۈم. لىكىن ئۇلارنىڭ تېلىنى ماختاپ ياكى بىرەر ئېغىز گەپنى ئۈگۈتۈپ قويۇشنى سورىسىڭىز ھەممە ئىشىنى تاشلاپ دەرس ئۆتكىلى ئولتۇردىكەن. زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئېنگىلىز تىلىدە سۆزلىمىسە ئۆز تىلىنى بەك چوڭ كۆرىدىكەن. بەزى يەرلىرىدىن ئېنگىلىز تېلىنى ياراتمايدىغاندەك تەسىر بىرىدۇ.

بىر كۈنى 3 فىرانسوز دۇكانغا كىرىپتىكەن، ئادىتىم بويچە ئۇيغۇر تېبابىتى چاي ، دورا دەرمەكلىرىنىڭ تەبئىيلىكى، پايدىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ كەتتىم. ھە دەپ ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلىشىپ ئولتۇرۇپ كېتىشتى. زەپە چاينى مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يۈرەك قان تومۇرلارنى ئادىرايدۇ، ئادەمنى خۇشخۇي قىلىدۇ دەپ  ماختاپ بەرسەم، ئىچىپ باققان بولسا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئىرىنمەي چاي دەملىدىم. چاي بەك تېتپ كەتتى بولغاي ماختاپ كىتىشتى. 1-2 پىيالىدىن چاي ئىچىشتۇق. مەن فىرانسوزچە << غ >> ھەرپىنىڭ چىرايلىق ئاڭلىدىغانلىقىنى ، بۇ تاۋۇشنىڭ بىزدىمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئېيتسام بىرسى بەزى گەپلەرنى ئۈگۈتۈشكە باشلىدى. مەن دەپتەر - قەلەمنى ئالدىغا قويۇپ يېزىپ بىرىشنى ئېيتسام ساق بىر سائەتتەك فىرانسوزچە تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلىشنى، ساناق، ئادەتتىكى سالاملىشىش سۆز-جۈملىلىرىنى ئۈگەتتى.

ئەتىسى يەنە ھىلىقىدەك چاي تەڭشەپ بىرىشنى ئېيتىپ دۇكانغا كەپتۇ. چاي تەڭشەۋاتسام فىرانسوزچە سانلارنى تەلەپپۇز قىلىپ بېقىشنى ئېيتىپتى. بىر-ئىككىنى دەپلا قالغىننى ئېيتالمىدىم. قالغىننى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دېسەم، بۇ چايلىقنى سەنمۇ كۆپرەك ئىچىپ بەرگىن، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ كۈلۈپ كەتتى. ئۆزۈم خىجىل بولۇپ قالدىم.

بىر ئىتاليان ئۇدا ئىككى كۈن كىلىپ ئىتالىيانچىدىن دەرىس ئۆتۈپ بىرىپتى. ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن ئىدىم.....
_________________ بىرزات
2008-يىل قەشقەر



[Birzat بۇنى 2010-09-01 04:49 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئېنگىلىز دوللار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماuyghuri[2010-05-28 05:00 PM | del]
ئالى مەكتەپتە ئوقۇسىلا  ھەممە نەرسىنى بىلىپ كەتمەيدۇ،  ئالى مەكتەپنى پەش قىلمايلى باللا، ئۇيەر يە  يوغان يەر بولمىسا،بىرزات ئەپەندىمۇ ھەقىچان چوڭ بىلپ كەتمەيدۇ ئۇيەرنى،ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىللىرىنىڭ ئەھۋالى تايىنلىق بولغاندىكىن(چاقچاق جۇمۇ،مەقسەت مەھەللىنى قىزىتىش،گىپىممۇ بەك خاتامۇ ئەمەس خاخا...)،مىنىڭ قارىشىمچە تىل ئۈگۈشتە ئاساسلىق تىرىشچاىلىق بىلەن ئۈگۈش ئۇسۇلى مۇھىممىكىن دەيمەن.
回复قايتۇرماelijan[2010-05-25 00:45 AM | del]
مەن ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگىنەي دىسەم خىزمەت ئورنۇمدا ئۇنداق يەرلەر يۇق ئىكەن يا ئۆزى ئۈگىنىۋالغىلى بولمىسا ...بەك تەسكەن تىل ئۈگەنمەك
回复قايتۇرماظستةك[2009-07-05 11:05 AM | del]
بىر زات ئەپەندى بەك تىرىشچان ئىكەنسىز جۇمۇ؟ مەن 5~6يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپمۇ، ئىنگىلىسچىنى بىلىپ كەتمەيمەن .سىز چەت-ئەللىكلەر بىلەن ئەركىن پىكىرلىشەلەيدىكەنسىز.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.