مەشھۇر دورا<<لۇبۇبى كەبىر>>نىڭ رېتسىپى


مەجۈنى لوبۇبى كەبىر
دورا ياسىلىپ ئەينەك، ياكى سىرلىق قاچىلارغا قاچىلىنىپ ئېغىزى مەھكەم ئېتىلىپ 2 ئاي تۇرغۇزۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
تەسىرى: بۆرەك ۋە بالياتقۇنى قىززىتىپ جىنسىي بەزلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ. مەنى كۆپەيتىدۇ. ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ. رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەپ ئومومىي بەدەننىڭ ئېممىنۇت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بۆرەكنى سەمىرتىدۇ.
ئىشلىتىلىشى: بۆرەك، يۈرەك، مېڭە كېسەللىكلىرى، جىنسىي ئاجىزلىققا، كەيپىياتنى تەڭشەپ كۆڭۈلنى خۇش قىلىشقا، پەيلەرنى چېڭىتىپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە، سەمرىتىشكە، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ.
تەركىبى:
پىستە مېغىزى 15گىرام
پىندۇق مېغىزى 15گىرام
بادام مېغىزى 15گىرام
ھەببەتۇل خۇزرا مېغىزى 15گىرام
ياڭاق مېغىزى 15گىرام
چىلىغوزا مېغىزى 15گىرام
ھەببى زەلەم مېغىزى 15گىرام
ماھى رۇبىيان 15گىرام
خولۇىنجان 15گىرام
شاقاقۇل مىسىرى 15گىرام
قىزىل بەھمەن 15گىرام
ئاق بەھمەن 15گىرام
سېرىق تۇدىرى 15گىرام
قېزىل تۇدىرى 15گىرام
زەنجىۋېل 15گىرام
كۈنجۈت مۇقەششەر 15گىرام
دارچىن 15گىرام
سۇمبۇل 9گىرام
سۆئىدى كۇپى 9گىرام
قەلەمپۇر 9گىرام
كاۋاۋىچىن 9گىرام
ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى 9گىرام
سەۋزە ئۇرۇقى 9گىرام
چامغۇر ئۇرۇقى 9گىرام
تۇرۇپ ئۇرۇقى 9گىرام
پىياز ئۇرۇقى 9گىرام
بېدە ئۇرۇقى 9گىرام
ھەليۇن ئۇرۇقى 9گىرام
ئەرمىدۇن ئۇرۇقى 9گىرام
دۇرنەج ئەقرەبى 9گىرام
زۆزەنبات 9گىرام
جويۇز 6گىرام
بەسباسە6گىرام
داۋالە 6گىرام
پىلپىل 6گىرام
سۆئىلەپ مىسىرى 30گىرام
يېڭى نارجىل 30گىرام
قۇشقاچ مېڭىسى 30گىرام
كۆكنار ئۇرۇقى 30گىرام
قۇرۇتۇلغان كالاچېۋىسى 12 گىرام
سۆرۈنجان 12گىرام
بوزىدان 12گىرام
پىننە 12گىرام
زەپەر 12گىرام
مەستىكى 12گىرام
ئۇدخام 12گىرام
ئالتۇن ۋەرەق 30دانە
كۆمۈش ۋەرەق 50 دانە
ئەنبەر 4 گىرام
ئىپار 2 گىرام
مەرۋايىت 16گىرام
كەھرىۋا 16گىرام
مارجان 16گىرام
ئەقىق يەمەن 16گىرام
قىزىل ياقۇت 16گىرام
تەييارلىنىشى: يۇقۇردىكى دورىلارنىڭ مېغىز دورىلاردىن باشقىلىرىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ئەقىق، ياقۇت قاتارلىق دورىلارنى قائىدە بويچە ئوتتا تاۋلاپ ئاندىن سالايە قىلىنىدۇ. ئاندىن يېتەرلىك ھەسەل( ھەسەل جەۋھىرى بولسا تېخى ياخشى) تەييارلاپ باشتا زەپە، ئىپار، ئەنبەرلەرنى ئۇندىن كىيىن ئالتۇن، كۆمۈش ۋەرەقلەرنى سېلىپ تولۇق ئىرىگىچە ئارىلاشتۇرىمىز.ئۇندىن كىيىن باشقا دورىلارنى سىلىپ تەكشى مەجۈنات تەييارلىنىدۇ.
كۈندە ئىككى قېتىم، 5 گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.





يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماhalo[2011-02-27 12:47 AM | del]
لوبۇبى كەبىرى قايسى غىلى ياغشى
回复قايتۇرما回纥BOY[2010-06-19 00:30 AM | del]
بۇ دۇرىنى قايەردىن ئالساق ئىشەنچىلىك چىقار؟
بۇ دورىنىڭ ھەقىقى جىڭىنى نەدىن سېتىۋالغىلى بولىدىغاندۇ ؟
ھازىر جەمىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن دورىلاردا ئىشەنچ قالمىدى ........
回复قايتۇرما回纥BOY[2010-06-19 00:28 AM | del]
مەجۈنى لوبۇبى كەبىر
ئەسلى باھاسى قانچە پۇل  مۇمكىن بولسا 80خالتا دۇكىنىدكى بارلىق مەسھۇلاتلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ،تەسىرى ۋە باھاسى بولغان بولسا ياخشى بولاتىكەن.
回复قايتۇرماظأمةرراخمان[2010-06-12 09:56 PM | del]
بۇ دۇرىنى قايەردىن ئالساق ئىشەنچىلىك چىقار؟
回复قايتۇرماvally[2010-06-10 06:39 PM | del]
بۇ دورىنىڭ ھەقىقى جىڭىنى نەدىن سېتىۋالغىلى بولىدىغاندۇ ؟
ھازىر جەمىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن دورىلاردا ئىشەنچ قالمىدى ........
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.