قولتۇق تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەتلىك ئاددىي رېتسىپلار



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم :
مەن سىلىدىن قىزلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتقان بىر ئاددى ئەمما تەسىرى ياخشى ئەمەس بىر ئىش ئۇچۇن مەسلىھەت سورىماقچىتىم. ئۇ بولسىمۇ قولتۇق تەرلەش ھەم پۇراش!!بۇ قىزلاردا ئۇمۇميۇزلۇك بار بۇلۇپ ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدىغان بىر ئىش . مۇشۇ قولتۇق تەرلەش ھەم پۇراشقا نىسبەتەن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدىغان ئۇنۇملۇك يەرلىك ئۇسۇل ياكى دورا بارمىدۇ؟؟غەرىپچە دورىلار دەسلەپ ئۇنۇم قىلغاندەك تۇرغان بىلەن كىيىن ئېغىرلاشتۇر ۋىتەمدۇ قانداق ئىشقىلىپ تەسىر قىلماس بۇلىدىكەن . ياز كەلدى ، ئەمدى ئادەمنىڭ قولتىقى ھۆل تۇرسا ھەم بىرخىل پۇراق چىقسا ئادەم بەك خىجىل بۇلۇپ قالىدىكەن . شۇڭا بىر ئەڭ ياخشى ئۇنۇملۇك ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرغان بولسىلا سىلدىن مەنلا ئەمەس بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق قىز سىلىدىن بەك رازى بولغان بولاتتى~~~!!!

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇزۇلغان خېلىتلارنىڭ چىرىشىدىن قولتۇقتىكى تەر بەزلىرى ياللۇقلىنىپ قولتۇق تەرلىگەندە تەر بىلەن بىللە سارغۇچ مايسىمان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجىرىلىپ چىقىدۇ ، بۇ سۇيۇقلۇق مەلۇم مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن جاراسىم (مىكىروب ) لارنىڭ چىرىتىشى تۈپەيلىدىن سېسىق پۇرايدۇ . قولتۇق پۇراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئىلىش چارىسى قولتۇقنى پات-پات يۇيۇش، تۈكلەرنى ئېرىغداپ پاكىز تۇتۇشتىن ئبارەت .
تۈك بەزلىرى ياللۇقى ئېغىرراق بولغاندا تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى خىلىتقا قارىتا كېسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش، سۈرۈپ تازىلاش دېگەندەك سىستېمىلىق داۋالاش ئۇسسۇلىنى قوللانغىلى ياخشى.

تۆۋەندىكىلەر قولتۇق تەرلەش ھەم پۇراقنى يوقۇتۇشتا ھەر كىم ئۆزى قىلىۋالالايدىغان ئاددىي رېتسىپ-كۆرسەتمىلەر بولۇپ قولايلىق بولغانلىرىدىن تاللاپ پايدىلانسا بولىدۇ.

1. قولتۇقنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىملەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇش لازىم .

2. ئانار گۈلى، سۇمبۇل، زەمچە ۋە چىغىرتماق گۈلىنى يۇمشاق سوقۇپ، قولتۇقنى سوپۇنلاپ يۇغاندىن كېيىن سېپىش كېرەك. قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ،غولپىياز ،سامساق قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، تاماكاچەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك .

3. 10 گىرام قىزىل گۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، ،قولتۇققا چاپسا قولتۇق پۇراش ۋە تەرلاشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .

4. تاۋۇزنى 30گىرام پىياز سۇيىگە چىلاپ،قولتۇققا كۈندە2-1قېتىم سۈركەپ،بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .

5. قولتۇقى سېسىق پۇرايدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە چۈشتە چىش پاستىسى سۈرتۇپ بەرسە ،سېسىق پۇراق ئازلايدۇ .

6. تۇخۇم شاكىلىنى قوقاستا سارغايغىچە كۆيدۈرۈپ ،ئۇپا ھالەتكە كەلگۈچە سوقۇپ ،،يەرلىك ئورۇنغا چاپلىسا ،قولتۇق تەرلەشكە شىپا بولىدۇ .

7. خام زەنجىۋىل جەۋھىرىنى ھەر كۈنى قولتۇققا بىر نەچچە قېتىم سۈرتۈپ بەرسە ،قولتۇق پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
8. مەدەستاندىن 125گىرام ،زەمچىدىن 31گىرامنى سوقۇپ سىرىتتىن ئىشلىتىش تاكى پىشۇرۇپ يېرىم سۇۋۇتۇلغان ياڭيوغا بۇ دورىلارنى سېپىپ قولتۇققا تۇتۇش ئارقىلىق قولتۇق پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
9. شاپتۇل يۇپۇرمىقىنى ئىزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ،قولتۇق تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .

10. قۇرۇتۇلغان ئانار گۈلىنى يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ ،سۇپۇپ تەييارلاپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدە بەش گىرامدىن ئىستىمال قىلسا ،قولتۇق پۇراشقا شىپا بولىدۇ .

11. ئۆپكىنى ئۇششاق توغراپ ،قولتۇق قىسمىغا قۇيۇپ ،ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇۋىلاپ بەرسە ،پۇراق يوقايدۇ .

12. ئاچچىقسۇ بىر پىيالە، لاچىندانە بىر ئۇچۇم، قوۋزاقدارچىن بىرئۇچۇم، پىننە بىر ئۇچۇم، رەيھان ياغىچى بىر ئۇچۇمدىن ئىلىپ قاينىتىپ قول كۆيمىگۈدەك ھالەتتە تەرلەيدىغان ئورۇن يۇيۇپ بىرىلىدۇ.

13. گۈرۈچ بىر پىيالە، ماش بىر سېقىم، يۇمغاقسۈت بىر ئۇچۇم، پىننە بىر ئۇچۇم، چىلاندىن 10 دانە ئىلىپ قاينىتىپ سۈيى ئىچىپ بىرىلىدۇ.

14. كاسىنە ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت، ئانار ئۇرۇقى بىر ئۇچۇمدىن، چىلان 10 دانە، شاتۇتتىن 5 دانە ئىلىپ چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
______________ مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)



[Birzat بۇنى 2010-05-26 09:38 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمامېھىربان[2013-06-04 10:43 PM | del]
مېنىڭ قولتۇقۇمدا ئەزەلدىن تۈك يوق، تەرلەپ كىيىمم ھۆللا تۇرىدۇ، ئەمما قەتئى غەيرى پۇراق يوق، تەرلەش تۈك بىلەن مۇناسۋەتلىكمۇ؟بۇ ئۇسۇللارنى زدى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ؟مەسلھەت بەرگەن بولسىلا.....
回复قايتۇرمامېھىربان[2013-04-30 09:35 PM | del]
مېنڭ قولتۇقۇم ھەددىدىن زىيادە بەك تەرلەيدۇ، قش كۈنلىرىمۇ تەرلەپ ھۆللا تۇرىدۇ، ئاممۋى سورونلاردا ئەركىن ئازادە يۈرەلەلمەيمەن، ئەمما سېسىق پۇراق يوق، نۇرغۇنلىغان دورىلارنى ئىشلەتتىم، ئەمما ئۈنۈمى بولمىدى. ئوراتسىيە قىلدۇرۇشنى نۇرغۇن قېتىم ئويلاشقان بولساممۇ، يەنىلا قورقۇپ قالدىم. يەرلىك رىتپلارنىمۇ سىناپ باقتىم، ئۈنۈمى بولمىدى. قانداق قىلسام بولار.......؟
回复قايتۇرماnigara[2010-07-17 03:30 PM | del]
مىنىڭ قولۇم 2يىل ئىلگىرى ئوتتا كۆيۇپ كىتىپ تاتۇك بولۇپ قالغان ئىدى تاتۇقنى يوقىتىدىغان ئۇنۇملۇك دورا بارمىدۇ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.