پۇت تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشنى داۋالاشنىڭ ئاددىي رېتسىپلىرى


ئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيسى بويچە بولغاندا، خىلىتلارنىڭ بۇزۇلىشى ئومۇمىي بەدەن، قولتۇق ، چات ئارىلىق ۋە پۇتتا سېسىق پۇراق پەيدا قىلىدۇ. بۇنى -ئۈزۈل كېسىل داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبى قايسى خىلىتنىڭ غالىپلىقىدىن بولسا شۇنىڭغا قارىتا بەدەننى نۇرمالسىز ماددىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن مۇناسىپ تازىلىغۇچى سۈرگۈ دورىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە سېرتىدىن مۇناسىپ چارىلەر قوللىنىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئۆزى داۋالاشقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، تېرىنى قۇرغاق تۇتۇش، پۇتنى پاكىز تۇتۇش كېرەك، بولسا پۇتنى كۈندە يۇيۇش، پايپاقنى دائىم ئالماشتۇرۇپ كىيىش كېرەك.
تەنتەربىيە ئاياقلىرى، ساياھەت ئاياقلىرىغا ئوخشاش ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان، پۇتنى ئوڭاي تەرلىتىدىغان ئاياقنى كىيمەسلىك كېرەك.
سېسىق پۇراق پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىش،يەنى پۇت تەرلەش، پۇت تەمرەتكىسى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا يوق قىلىش لازىم.
ئوڭاي تەرلىتىدىغان يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: لازا(مۇچ)، زەنجىۋىل، خام سامساق قاتارلىقلارنى يىمەسلىك لازىم.
روھى كەيپىياتنى كونترول قىلىش كېرەك، ھاياجانلىنىش ئادەمنى ئوڭاي تەرلىتىپ، پۇت تەرلەشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

پۇت تەرلەش ۋە سېسىق پۇراققا شىپا بولىدىغان ئاددىي رېتسىپلار:

* زەنجىۋېلدىن 50 گىرام ئىلىپ مۇناسىپ سۇدا قاينىتىپ زەمچىدىن 100 گىرامنى شۇ قايناتما ئۈستىگە سىلىپ ئىرىتىپ سەل سوۋىغاندىن كىيىن پۇت يۇيۇپ بىرىلىسە پۇت تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

* يېڭىدىن ئۈزىۋىلىنغان پىدىگەنىڭ پوستىنى ھەر كۈنى بىر ئىككى قېتىم تاپانغا سۈركەپ بەرسە ،پۇت پۇراشنى يۇقۇتىدۇ .

* يازنىڭ تۇمۇز كۈنلىرىدە قۇم ئۈستىدە يالاڭئاياغ مېڭىپ بەرسە ،پۇت تەرلەشنەڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

* ھەر دائىم پۇتى پۇرايدىغانلار پۇتىغا ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم ئاچچىقسۇ سۈركەپ بەرسە ،سېسىق پۇراق يوقىلىدۇ .

* ئاق تۇرۇپنى قاينىتىپ سۈيىدە پۇتىنى يۇيسا ،پۇت تەرلەشكە شىپا بولىدۇ .

* ئاچچىق سۇدىن 200مىللىمىتىر ئېلىپ ،1000مىلىمىتىر سۇغا ئارلاشتۇرۇپ كۈندە كەچتە پۇتىنى چىلاپ بەرسە ،پۇت تەرلەشنى تۈگىتىدۇ .

* ئاياغ كىيگەندە پۇتى تەرلەپ پۇرايدىغانلار ،ئازراق چاي ۋە تۇزنى جاۋۇرغا سېلىپ ،ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ،سۇ تىمپۇراتۇرسى نورمال ھالەتكە كەلگەندە،پۇتنى بەش ئون مىنۇت چىلاپ ئۇۋىلاپ يۇسا ،پۇتتىكى پۇراق يوقايدۇ.

* كاۋاۋىچىن ۋە زەمچىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 31گىرامنى ئېلىپ ،ئۇششاق سوقۇپ قاينىتىپ ،سۇۋۇغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بەدەن ياكى پۇت قوللار يۇيۇلسا ،پۇت قوللارنىڭ شەلۋەرەپ قىلىشى ،پۇت قول ئارلىقلىرى تەرلەش ، سېسىق پۇراش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ .

* پۇت تەرلەشنى داۋالاشتا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى يۇيۇپ ،يالپاقلانغان سامساقنى پۇت تەرلەيدىغان قىسىمغا سۈركەپ بەرسە بولىدۇ .پۇت تەرلەش يوقالغاندىن كىيىن يەنە ئۇدا 2-3ئاي سۈركەپ بېرىلسە ،تەرلەش پۇتۈنلەي يوقايدۇ .
تېما تەييارلىغۇچىلار:
مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)
80خالتا دۇككان شاگىرتى: كۆكيال




[Birzat بۇنى 2010-05-26 09:33 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماahmatqan[2010-12-25 04:56 PM | del]
مەن بۇرۇن ياللۇقىغا گىرىپتار بولغىلى 4يىلدىن ئاشتى ......شۇنداق كۆپ..ھەرخىل ..دورىلارنى ئشلەتتىم.بىراق ئۈنىمى بولمىدى..........سڭزنىڭ بىرەر چارىڭىز بارمۇ؟<ئاۈارە قىلىۈەتتتىم ..رەھمەت...>
回复قايتۇرماakilsiz[2010-08-03 06:15 AM | del]
كۇپتىن كۇپ رەخمەت سىز گە.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.