80خالتا دۇكىنىدىكى خاتىرىلەر (4)


ئىلگىرى بلوگ يېزىشقا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە كېچىلەپ ئولتۇرۇپ يېزىپ كېتەتتىم. ئۆزۈمنىڭ خاس بىر بلوگىمنى قۇرۇپ چىقسام دېگەن نىيەتتە ھېرىپ - چارچاش دېگەننى ئۇنتۇپلا كەتكەن ئىدىم. 2007-يىلنىڭ ئاخىرى "بىرزات شىپاخانىسى " نامدا قۇرۇلغان خاس بلوگىمنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى خاسلىققا ئىگە بلوگلاردىن يۈكسەل بلوگى (ئەيدىز ۋە ئۇيغۇر تەگئاتچىلىقى ئاساس قىلىنغان)، جېك بلوگى (فىزىكا ۋە ھەر قايسى تەبئىي پەنلەرگە ئائىت نەزىرىيە ۋە تەتقىقاتلارنى ئاممىباب تىل ئارقىلىق بايان قىلىش ۋە چەتئەلدە ئوقۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاساس قىلىنغان)، ئەرتۈرۈك بلوگى ( ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەدەبىي خاتىرىلەر ۋە نەسىرى ئەسەرلەر ئاساس قىلىنغان) قاتارلىق قىرىنداش بلوگلار قاتارى سەپتىن چۈشۈپ قالماي مېڭىشىنى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز خاسلىقى بولغان تېبابەت ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن زىيارەتچى تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىغا ماس ھالدا داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلگىرلەش زۆرۈر ئىدى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن نەزىريەۋى تېببى بىلىملەردىن كۆرە ئەمەلىي بولغان ساغلاملىقنى ئاسىراش بىلىملىرى، ئەتراپىمىزدىكى يېمەك-ئىچمەك، غىزالىرىمىز ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ھە دېگەندە دوختۇرغا يۈگۈرۈپ يۈرۈشتىن كۆرە ئەتراپىمىزدىكى ئاددىي ھەم ئاسان تاپقىلى بولىدىغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشتىم.
كىتابى، نەزىرىيىۋى بىلىم -ئۇچۇرلارنى كىتابلاردىن كۆرۈۋىلىشقا قالدۇردۇم.
قارايدىغان بولساق تېبابەت دورا دەستۇرلىرىدا خاتىرلەنگەن دورا ئەشيالار ئەتراپىمىزدا تولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن بىر قىز ئانىسىنىڭ "بەلۋاغسىمان قوقاق " كېسەللىكى ئۈچۈن تېبابەت دورىسىدىن ئەۋەتىپ بىرىشىنى ئېيتقاندا بىر قانچە خىل مۇرەككەپ دورا بىلەن ئۇنىڭغا قوشۇپ سېرتىدىن چاپىدىغانغا سېمىز ئوت ئىزدەپ ئېتىز بويلىرىغا چىقتىم. گەرچە ئىلگىرى دىيارىمىزدىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپلىكىنى بىلسەممۇ بۇ قېتىم ھەيرانلىقتا باشقىچە نەزەر سالدىم؛
سېمىز ئوت، سېرىق ئوت، سۈتلۈك ئوت، پاقا يوپۇرمىقى، ۋاڭ ئۇرۇقى، ئىت ئۈزۈمى، قېرىق بوغۇم، مامىكاپ، قېزىل بۇغداش، لويلا، ئاق لەيلى، رەيھان، زاراڭزا، ھەشىقپىچەك، زېرە، بەدىيان، قېزىلگۈل، يالپۇز، پىننە، جېگدە، ئاپتاپپەلەس، كاكىنەچ، زېغىر، سەۋزە، چامغۇر، شوخلا......... ئىزدىسەملا تاپقىلى بولىدىغان دورىلىق مېۋىلەردىن: بىھى، ئانار، ئۈرۈك، ياڭاق، بادام، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئۈجمە.....ساناپ تۈگۈتۈپ بولالمىغۇدەك نىئمەت-شىپالىق گىياھلار ئەتراپىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ.

ئانارنىڭ دانچىسىنى يەپ بولغاندا پوستىنى (شۆپىگىنى ) ساقلاپ قويۇڭ! ئىرىق بويىدىكى پاقا يوپۇرمىقىنى بىلىدىغانسىز ؟ ،خوتەنلىك تۇققانلار قۇمچاق يوپۇمىقى دەيدىغان،بۇمۇ بەلەن دورا
بىر چاغدا 60 ياشلارغا كىرىىپ قالغان يىزىلىق دىھقان ئايال پۇل كەتمەيدىغان ئۇسسۇل بىلەن قىزىدىكى بىر ئايدىن بىرى توختىمايۋاتقان ئادەتنى قانداق توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ كىرىپتۇ. گېپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەك قىينىلىپ قالغاندەك ئىدى.
- بىر دانە ئانارنىڭ يېرىم پوستى، پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى تال ئىلىپ قاينىتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا 3 قوشۇق شىكەر سىلىپ كۈندە بىر قېتىم، ئۇدا 5 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسۇن دەپ يولغا سالدىم. 15 كۈندىن كىيىن قىزى بىلەن كىرىپ رەھمەت ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.
ئانار پوستى بىلەن پاقا يوپۇرمىقى يەنە ئىچى سۈرۈش، بۇرنى قاناش، ئاق خۇن كۆپ كىلىش قاتارلىقلارغىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇنى قاينىتىپ ئىچىش قولايسىز بولسا بۇ رېتسىپنى سەل مۇرەككەپلەشتۈرىمىز:
ئانار پوستى، پاقا يوپۇرمىقىنىڭ ئۇرۇقى، موزا بۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ يۇمشاق ئىزىپ تاپالىساق ئانار چېچىگى گۈلقەنتى بولمىسا قىزىلگۈل گۈلقەنتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ بىر قوشۇقتىن كۈندە ئۈچ قېتىم يەپ بەرسە يۇقۇردىكى كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈچەيدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەردە، سوزۇلما ئىچ سۈرۈش، قانلىق تەرەت كىلىشلەردە بىھىنى قوقاسقا كۆمۈپ پۇشۇرۇپ يەپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ

ئەگەر قورساق ئاغرىپ قالسا، ئىچى سۈرۈپ قالسا باشقا دورا تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىزىلگۈلقەنت بولسىمۇ يەپ قويسىڭىز خىلىلا مەنپەئىتىنى كۆرىسىز. ئۆپكە سىلى(تېبۇركۇليۇز) كېسىلىدىمۇ قىزلگۈلقەنتنى داۋاملىق ئىستىمال قىلسا ئوپكىنى قۇۋۋەتلەپ يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.

زەھەرلىك ھاشارەت - چايان، ئۆمۈچۈك، يىلان دېگەندەكلەر چىقىۋالغان چاغدا ئۈزۈم سىركىسى بولسا زەھەر قايتۇرۇشتا ئۈنۈمى قالتىس بولىدۇ. زەھەرلىنىشنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە، ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ مۇۋاپىق ئىچىلىدۇ. تەخمىنەن يىرىم پىيالە ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر سىركە تاپالماي قالساق ھايۋاناتلارنىڭ خام سۈتى بولسىمۇ زەھەر قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ. قايسى كۈنى قولۇمنى ھەرە چاقتى. ئىلگىرى چايان چىقىۋالغاندىمۇ سىركە ئارقىلىق زەھەر قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكەن ئىدىم. قانچە بالدۇر ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. ئىككى -ئۈچ قوشۇق ئىچىسىز ھەمدە ھاشارەت چىقىۋالغان يەرنى سىركىگە چىلاپ بىرىسىز. ئىككى يىل ئاۋۋال دورا ئۈچۈن بىر ئاقيەر يىلىنىنى ئۆلتۈرەي دەۋاتسام دېققەتسىزلىكىمدىن سول قولۇمنى چىقىۋالدى (چىشلەپ جاراھەتلەندۈرۈپ زەھەر قۇيۇۋېتىدىكەن. زەھەر يىلاننىڭ شۆلگىيىدە بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم). قولۇمنىڭ ئۇچىدىن بىر خىل يېقىمسىز ئاغرىق تومۇرلىرىمنى يېرىپ ئۆتۈپ مۇرە تەرەپكىچە ماڭدى. پۇت-قولۇمدا جان قالماي يۈرۈكۈم سىلىپ يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تەرلەپ كەتتىم. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يېرىم پىيالە ئۈزۈم سىركىسىنى ئىچىۋەتتىم، ئاشقازىنىم ئويناپ كەتتى. توختىماي يىلان چىشلىۋالغان جاراھەت ئورنىنى شوراپ بەردىم، ئارقىسىدىن ئۇ يەرگە ئازىراق ھەسەل سۈركىدىم. خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن يېرىم سائەتلەردىن كىيىن تولۇق ئېسىمگە كەلدىم.
ئۇندىن باشقا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان، تاماقتىن زەھەرلىنىپ ئىچى سۈرگەن، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن ئەھۋالدا دوختۇرغا تېز بېرىش ئىمكانيتى بولمىسا سىركە ئارقىلىقمۇ بۇ كېسەللەرنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
كېچىسى سېيىپ قويۇش بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ، بەزىلەردە ھەتتا بالاغەت يېشىدىن ئىشىپ توي قىلغۇچىمۇ ساقايمايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا كۈندە كەچتە 4-5 تال ياڭاق ئىچىدىن چىقىدىغان نېپىز پاسىلىنى بىر پىيالە سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بەرسە، ھەم كۈندە 2-3 تال ياڭاقنى قوقاسقا كۆمۈپ قىززىتىپ يىگۈزۈپ بەرسە ھەم تۇخۇم يېغى ، قەلەمپۇر، كۇچۇلا يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرىنى تاپالىسا شۇنىڭدا دوۋسۇن ساھەسىنى مايلاپ بەرسە بىرەر يىرىم ئايدا بۇ كېسەللىك ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ تېلفۇن قىلغانلار ئاز بولمىدى.

ئاياللاردا سېزىك كۈچىيىپ كۆڭۈل ئىلىشىپ تامىقى ئازلاپ كەتسە بىھىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بەرسە ياكى بىھى شەربىتى، ئانار شەربىتى قاتارلىقلاردىن ئىچىپ بەرسىمۇ سىزىك تېز ئاخىرلىشىدۇ ياكى پەسىيىدۇ.
مېڭىگە قان يېتىشمەيدىغان ، مېڭە قۇرۇپ ئۇيقۇسى ناچارلاپ كەتكەن ھەم شۇ سەۋەبتىن باش ئاغرىش، ئۇنتىغاق بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، دېققىتى ئاسان چېچىلىدىغان سەپرالار ئۆيىگە بىر -ئىككى تەشتەك رەيھان ئەكىرىپ قويسۇن، رەيھاندا چاي دەملەپ ئىچسۇن، سۈت، قېتىق ئىچىپ بەرسۇن. رەيھان گۈلىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى قۇرۇتۇپ ئۇنىڭدا ياستۇق تەييارلاپ بېشىغا قويۇپ ياتسۇن. بادام مېغىزى، ھۆل ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەردىن يەپ بەرسۇن!!

بۇ خاتىرىنىڭ داۋامى مۇشۇ تەرىقىدە تاغدىن-باغدىن داۋام ئىتىدۇ.
يوللانغان ۋاقتى: 2009-10-13 12:27

ئاق يەر يىلىنىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە تور بېتىمىزدە كۆپ توختالمىغان ئىكەنمىز. ئوپال، بۇلاقسۇ تەرەپلەرنىڭ سايلىق، تاغلىقلىرىدىن يىلان تۇتۇپ ئەكىلىپ بىرىدىغانلار بار. ئەلۋەتتە بۇنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيەتلىرى يۇقۇرى بولغاچقا پۇلنىمۇ ئوبدان تاپىدۇ. لىكىن يىلدا پەقەت ئىككى پەسىل تۇتالايدۇ. بىرسى-ئەتىيازدا تۇخۇم قويغاندا ، يەنە بىرسى-كۈزدە.
ئادەتتە يىلاننى ھەر خىل يەلدىن بولىدىغان كېسەللىكلەر، ھەر خىل جاراھەت،ئۆسمە، راك ئۇندىن باشقا گېمىروي، رېماتىزىم، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، تېبىركۇليۇز، ئاقكېسەل، ئومومىي بەدەن سوۋۇپ كېتىش دېگەندەك جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
ئادەتتە ئاق يەر يىلىنىنى سويۇپ گۆشىگە باشقا گۆشتىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ شورپا قىلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ياكى قۇرۇتۇلۇپ تالقان قىلىپ سوقۇپ كاپ ئىتىپ يەپ بىرىلىدۇ. ئادەتتە ئىستىمال مىقدارى نۇرمىدىن ئىشىپ كەتسە بەدەننى قىززىتىپ تەرلىتىۋېتىشى مومكىن. ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلسا ئۇنتىغاق قىلىپ قويۇشى ھەم جىگەرنىڭ ئىسسىقلىقىنىمۇ ئاشۇرىۋېتىشى مومكىن. بۇ - دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىدۇر. ئادەتتە يىلاننى دورىلىققا ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ بېشى ھەم قۇيرۇقىنى كىسىپ تاشلىۋېتىمىز.
ئادەتتە يىلان ھېچقانداق بىر نەرسە يېمەستىن تېرىك پېتى 2-3 ئاي ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ پايپىقىدا ساقلاش يىلاننى تېرىك پېتى ساقلاشتىكى ھەم ئىلىپ سويۇشقا ئاسان ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلدۇر.
يىلاننىڭ تۇخۇمى- ئەتىيازدا تۇتۇلغان يىلانلارنىڭ چېشىسىدىن ئاساسەن دېگۈدەك تۇخۇم چىقىدۇ. بۇ تۇخۇملار بالىلاردىكى سېرىق ئەت چىقىپ قىلىش، تارىلىپ كېتىش، چوڭلاردىكى ھەر خىل سەۋەبلەردىن بولغان ئۇرۇقداننىڭ ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ ئەگرى-بۈگۈرى كېڭىيىشى سەۋەبلىك بىر تال ئۇرۇقدان ( تېشى) پەسكە ساڭگىلىۋالىدىغان ئەھۋاللاردا ياخشى دورا بولىدۇ.
يېلاننى يېغى-كۈزدە تۇتۇلغان يىلانلاردىن ئاز مىقداردا ياغ چىقىدۇ. بۇ ماي ھەر خىل يېرىڭلىق جاراھەت، جاھىل تەمرەتكىلەر، گېمىروينى ياغلاش ئۈچۈن ئېسىل دورا بولىدۇ.
يىلان كۆرۈنۈشتە بەك سۈرلۈك، ۋەھىمىلىك مەخلۇق بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى تۇتۇۋالسىڭىزلا ئۇ سىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ. دەسلەپتا يىلاننى دورىلىق ئۈچۈن سويغاندا تەرلەپ، مۈرۈلىرىم كۆيۈشۈپ كېتەتتى، ھەتتا بىر نەچچە كۈن كېچىلىرى چۈشۈمگە كىرىپ قالاتتى. ھازىر ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىم. بۇ يىلاننىڭ تېرىكىنى ئىزدەيدىغانلار كۆپۈنچە ئاشقازان راكى، قىزىل ئۆڭگەچ راكى، مەقەت ئاقمىسى، بوۋاسىر مونەكچىسى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك چارە تاپالمايۋاتقانلاردۇر. سەۋەبنىڭ ئالىمى دەپ سەكرات ئالدىدىكى ئېغىر كېسەللىكلەرگە قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ ساقىيىپ كەتكەنلەر ھەم كۆپ ئىكەن. يىلاننىڭ بەدىنىدىكى راك ھۈجەيرىلىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىلمىنتلار ھەققىدە ھازىرقى زامان ئىلىملىرى بويچە تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ئەرزىيدىغان ئىشتۇر.
يىلان تۇتۇش جەريانىنى بىلىش، ھەم يىلاننىڭ ياشاش موھىتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر كۈنى "ئوۋچىلار" بىلەن بىرگە جاڭگاللارغا بارماقچى ئىدىم. ۋاقىت چىقىرىپ بولغىلى بولمايۋاتىدۇ. " قەۋرىستانلىقتا چايان تۇتۇش" دېگەن تېمىنى يېزىش ئۈچۈنمۇ بىر كۈن ۋاقىت چىقىرىپ چايان تۇتىدىغان جەرياننى كۆرۈپ ئاندىن يازغان ئىدىم. ئىشقىلىپ بۇ جانىۋارلانىڭمۇ ھاياتىنى ، ياشاش موھىتىنى ئۈگۈنۈش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك .

بۇ خاتىرىنىڭ داۋامى مۇشۇ تەرىقىدە تاغدىن-باغدىن داۋام ئىتىدۇ.
يوللانغان ۋاقتى: 2009-10-16 20:10



[Birzat بۇنى 2010-07-13 02:26 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماnamaxamguli[2011-03-25 11:46 AM | del]
[face41][face41]
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.