ئانانىزىم ئاسارىتىنى داۋالاش ھەققىدە قىسقىچە بايان


ئانانىزىم (onanism ) دېگەن ئەسلى يۇنانچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ بەزى ماتىرياللاردا ئېيتىلىشچە قەدىمكى يۇناندا ئونان دەپ بىرسى ئۆتكەن بولۇپ ئۆز جىنسىي ئەزاسىنى قولىدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش ئارقىلىق شەھۋەتنى باسقان ھەم ئۆزىنى ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسىۋەتلەردىن << پاك >> ساقلىغانمىش. كىيىنكىلەر مۇشۇنداق ئۆز -ئۆزىنى ئويناش ئىشىنى شۇ ئادەمنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ << ئونانىزىم >> دەپ ئاتىغان ئىكەن. ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرى بۇ خىل قولىدا ئىشقاپ لەززەتلىنىشنى ئەرەپچە << جەلق >> سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن بولۇپ بۇنىڭ مەنىسى << تەۋرىتىش، ئىشقاش >> مەنىسىدە. كىيىنكى مەزگىللەردە بۇ ئاتالما ئانانىزىم نامى بىلەن لۇغەت ئىستىمالىمىزدىن ئورۇن ئالغان.
خەنزۇچىدا ئانانىزىم بىلەن تەڭداش بولغان 手淫 نىڭ ئۇيغۇرچە لۇغەت تەرجىمىسى - قولىدا لەززەتلەنمەك، قولىغا زىنا قىلماق، ئانانىزىم قىلماق دېگەندەك بولۇپ يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا <<قول شەھۋەتپەرەسلىكى>> دېگەن مەنىدە كەلگەن .
ئانانىزىم ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىش ھەمدە مۇشۇ خىل شەكلى ئۆزگەرگەن جىنسىي پائالىيەت ھەققىدە بالدۇرقى تېببى ھۆكۈمالىرىمىز بىلەن ھازىرقى زامان غەربچە قاراشقا ئىگە جىنسىيەت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قاراشلىرى تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. تېببى ھۆكۈمالىرىمىز <<جەلق>>تىن ئىبارەت بۇ غەيرى نۇرمال جىنسىي پائالىيەت ھەققىدە توختالغاندا - جەلق خۇمار قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە يامان قىلمىش بولۇپ كىشىنىڭ نېرىپ-ئەسەپلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتنى خورىتىدۇ شۇڭا ياشلار بۇ خىل يامان ئادەتكە يېقىن يولىماسلىقى كېرەك دەپ ياشلارنى بۇ خىل ئادەتكە ئۈگۈنۈپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
غەرب جىنسىيەت قارىشىدىكىلەر بۇ ھەقتە - ئانانىزىم قىلىش نۇرمال جىنسىي پائالىيەت بولۇپ ئانانىزىم قىلغۇچىدا روھىيتىنى بوغۇپ قويىدىغان گۇناھ تۇيغۇسى بولمىسىلا ھېچقانداق زېيىنى يوق، ئەكسىچە بۇ بالاغەت يېشىغا يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي بىسىمنى يېنىكلىتىدۇ. بىر قېتىم چىقارغان مەنىي سۇيۇقلىقىنىڭ تەركىبىدە بىر قېتىم ئېغىزغا يېغىلغان شۆلگەيچىلىكمۇ ئوزۇقلۇق ئىلىمىنت يوق. پەقەتلا يامان ئىش قىلىۋاتىمەن دېگەن تۇيغۇنىڭ بولىشىلا ئۇزۇن ۋاقىت ئانانىزىم قىلغۇچىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدا پىسخىك توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويۇشى مومكىن دەيدۇ. ھەمدە ئۆسمۈرلەرگە جىنسىيەت تەربىيسى بەرگەندە بۇنى يامان ئىش دەپ قارىماسلىق، ئانچە-مۇنچە قىلىپ بەرگەننىڭ يامىنى يوق دەپ چۈشەندۈرۈپ ئانانىزىم قىلىشقا رىغبەت بىرىدۇ. بۇنىڭدا ياشلاردا سەلبىي پىسخىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش مەيلى ئوغۇللاردا ياكى قىزلاردا بولسۇن بۇ بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن يالغۇز ياشاش ، مەزمۇنى شەھۋانىي تۈس ئالغان پاراڭ ، كىتاب-ژورنال، كىنو-فىلىم قاتارلىقلارنى كۆپ كۆرۈش، تار كېيىملەرنى كېيىش، جىنسىي ئەزا ئەتراپىدىكى تۈكلەرنى پاكىز ئىرىغدىماسلىق، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن لەززەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلاش...قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدىن فىزئولىگيلىك جىنسىي تەلەپنىڭ نېرۋىنى غىدىقلىشى قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ يالغۇز قالغان مەلۇم بىر كۈندە ئانانىزىمغا كىرىشىپ قالىدۇ. ھەر قېتىم ئانانىزىم قىلىشنىڭ ئالدىدا ۋە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئازغىنە لەززەتلەنگەندىن سىرت ئانانىزىم ئاياغلاشقاندا پۈتۈن بەدەن بوشىشىپ ئۆزىدىن سەسكىنىش ، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق مۇرەككەپ پىسخىكىلىق زىددىيەت ئىچىدە قالىدۇ. بۇ ئەھۋال قىز-يېگىت ھەر ئىككىلا جىنىستا يۈز بىرىدىغان ئورتاقلىقتۇر.
بۇ خىل ئۆز جىنسىي ئەزاسىنى قولىدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش گەرچە بويتاقلىقتىكى شەھۋەتنى، جىنسىي ئەزالاردىكى چىڭقىلىشلارنى بوشاتقاندەك قىلغان بىلەن بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى خۇمار قىلىپ ئاستا -ئاستا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە زەئىپلىكلەرگە دۇچار قىلىدىغان يارىماس قىلىقتۇر.
كۆپ يىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجىسىدە رەئىس ئەزالار( يۈرەك، مېڭە، جىگەر، بۆرەك، ئاشقازان ، ئۆپكە ) ۋە خادىمىي ( كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئۆت، تال...ۋاھاكازالار ) ئەزالاردىن تارتىپ ئومومىي بەدەن قان تومۇر، نېرىپلارغىچە زەئىپلىشىپ ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئىلمىنتلارنى سۈمۈرۈش ، پارچىلاش، تۇتۇش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ نۇرمال ئىلىپ بىرىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇنى ئومومىي بەدەن پەي-ئەسەپلەرنىڭ تۇتۇش قۇۋۋېتى ئاجىزلاپ كېتىش دەپمۇ تەبىر بېرىشىمىز مومكىن.
ئانانىزىم ئادىتى بىلەن كۆپ يىل شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەڭ كۆرىنەرلىك خورايدىغان ئېلمىنتلار كالتىسىي، ئاقسىل، تۆمۈر، ياغ قاتارلىقلاردۇر. ئۇندىن باشقا سىنىك، سېلىن ھەم ھەر خىل ۋىتامىنلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە خورايدۇ.

كۆپ يىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان كېشىلەرنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك زارىدىن قارىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ: زەكەر يىگىلەش ، پۇت قول ماغدۇرسىزلىق ، بەل-پاچاق تېلىپ ئاغرىش، ئورۇقلاش، سۈيدۈك قىستاش، ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك بېسىمى بولماسلىق، مەنى سۇيۇق بولۇش، پۈچەك بولۇش، بالدۇر كېتىش ، زەكەر قاتماسلىق، چاچ چۈشۈش، بۆرەك ئورۇقلاش، كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش، چىرايى نۇرسىزلىنىش، زېھنى قۇۋۋەتلەپ ئاجىزلاپ ئۇنتۇغاقلىق، قورقۇنچاقلىق، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇسلاش دېگەنگە ئوخشاش پىسخىك ئاجىزلىقلار قوشۇلۇپ كىلىدۇ. دوختۇردا تەكشۈرتكەندە مەزى بىزى، ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇق پۈچەكلىك دېگەندەك دىئاگنۇسلارنى قويىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا خىلى ئۈنۈملۈك دەپ قارىلىۋاتقان داۋالاش ئۇسسۇللىرىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ھېچقانچە ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ. ئەر-ئاياللىق جىنسىي تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق، بالىلىق بولالماسلىق دېگەندەك ئىشلار بىمارنى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتۇرۋېتىدۇ.
بۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يېرى- توي قىلىپ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ ئانانىزىم قىلمىسا ھېساب بولمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. دېمەك ئەر -ئاياللىق نۇرمال جىنسىي تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالالمايدىغان ، ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسۋەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان ، تۇرمۇشقا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بىنۇرمال پىسخىكا شەكىللىنىپ قالدىكەن.
بلوگدا ياش-يېگىتلىرىمىزگە بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتى بويچە ئۆزىنى ئاسىراش تەربىيىسى ئىلىپ بىرلىۋاتقاندا ئانانىزىم ئادىتىنىڭ يالغۇز ياش يېگىتلەردىلا ئەمەس قىزلاردىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى دېققىتىمنى تارتتى. ئاياللاردىكى ئانانىزىم ئادىتى ئاسارىتىدىن جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىش- پۇت-قوللار ئېغىرلىشىپ ئاسان چارچايدىغان، كۆز ئاستى قورۇق، كۆكۈش بولۇپ قالىدىغان، چىرايى سۇلغۇن ، نۇرسىز بولۇپ قالدۇ. جىنسىي ئەزا ياللۇقلىنىش، شەلۋەرەش بولۇپ ئادەت قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، قان ئازلىق ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ئۇنتۇغاقلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. پىسخىكىلىق جەھەتلەردىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇسلاش، ئۈمۈدسىزلىك، ئۆزىدىن بىزار بولۇش، يالغۇزلۇقنى خالاش قاتارلىق ئاجىزلىقلار پەيدا بولىدۇ.
تەجىربەمدىن قارىغاندا ئانانىزىم تەسىرىدىن قالغان ئاسارەتنى داۋالاپ ساقايتماق بىر قەدەر قىيىن، ۋاقىت ، ئىقتىسات كۆپ سەرىپ بولىدىغان ، ھەر بىر شەخس، ئومومىي مىللەتنىڭ تەن ساپاسى، مەنىۋى ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئىللەتتۇر. شۇڭا ياشلاردا ساغلام جىنسىيەت قارىشى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىپ قولدا لەززەتلىنىش ( ئانانىزىم ) ئادىتىنىڭ زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، ياشلارنىڭ ھاياتى قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قىلىش جەمئىيتىمىزدىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتىدۇر.
بەزىلەر ئانانىزىمنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ زىنا-پاھىشىدىن ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ، ئۇرۇقدان خالتىسىدا يېغىلىپ قىلغان مەنى سۇيۇقلىقىنى چىقىرۋېتىشنىڭ پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىپ بىزگە قويغان سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىمىز:
ئۇزۇن مۇددەت بويتاق يۈرۈش مەيلى جىسمانىي مەيلى روھىي جەھەتتىن بولسۇن ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز، بۇنى تېۋىپ -ھۆكۈمالىرىمىزمۇ بەك تەكىتلەيدۇ. ئانانىزىم پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى دەمال پەسەيتكەندەك قىلغان بىلەن بۇ ئادەتنىڭ خۇمارىنىڭ يامانلىقىنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز.
بىر قىلغان ئادەمنىڭ يەنە قىلغۇسى كىلىدۇ. دەسلاپتا ئارىلاپ قىلغان بولسا كىيىن كۈندە قىلمىسا ئۇخلىيالمايدىغان، سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەقىدە-ئىتقادى كۈچلۈكرەك باللا دەسلاپتا زىنا -پاھىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جەلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كىيىن تولۇق ئادەتلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يېرى- توي قىلىپ ئايالى بىلەن بىرگە بولسىمۇ ئانانىزىم قىلمىسا ھېساب بولمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. دېمەك ئەر -ئاياللىق نۇرمال جىنسىي تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالالمايدىغان ، تۇرمۇشقا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بىنۇرمال پىسخىكا شەكىللىنىپ قالدىكەن. مەن ئۇچراتقان 2-3 كىشىدە مۇشۇ ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن.
شەيىخ سەئىدنىڭ سۆزى بويچە ئېتقاندا: ھەر قانداق بىر نەرسىگە ياخشىلىق قىلساڭ ساڭا ئۇنىڭدىن ياشىلىق يېنىشى مومكىن، لىكىن نەپسىڭگە ياخشىلىق قىلساڭ ، ساڭا يامانلىق يانىدۇ.
شۇڭا - ئانانىزىمغا ئازىراق بولسىمۇ يول قويماسلىق كېرەك ئىكەن. ئۇنداق جاننى قىيناپ بويتاق يۈرگەندىن ياكى ئانانىزىم بىلەن ئۆزىنى ئالداپ كىيىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە توي قىلسىلا ئىش پۈتكىدەك. ئەگەر توي قىلغۇدەك قۇربىتى بولمىسا ئانچە -مۇنچە رامىزان تۇتۇپ شەھۋەتنى سۇسلاشتۇرۇشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.
مەنىي سۇيۇقلىقىنىڭ يېغىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچىلىك ئاساسى يوق، چۈنكى ئانچە -مۇنچە ئىھتىلام ( شەيتان ئاتلاش) بولۇپ قىلىش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ.
ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغۇچىنىڭ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى، يېمەك-ئىچمەك ئوزۇقلىنىش ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى، تەنتەربىيە، بەدەن چىنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئەھمىيەت بىرىش-بەرمەسلىك ، ياشاۋاتقان جۇغراپىيلىك ھاۋا موھىيتى قاتارلىقلارنىڭ پەرىقلىق بولىشىغا ئاساسەن يۇقۇردا سۆزلەپ ئۆتكەن ئانانىزىم ئاسارىتىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ پەرقلىق بولىشى مومكىن.
داۋالاشتا بەدەندە قالغان ئاسارەتكە قارىتا جانلىق داۋالاش ئىلىپ بىرلىدۇ.
مەسىلەن : بىر ياش ئانانىزىم ئادىتى بىلەن 2-3 يىل شۇغۇللانغان بولسا يۇقۇردا بايان قىلىنغان ئالامەتلەرنىڭ تەڭ يېرىمى دېگۈدەك كۆرىلىدۇ-زەكەر يېگىلەش، مەنى سۈيۈلۈپ كېتىش، مەزى سۇيۇقلىقى ئېقىش، چاچ چۈشۈش، ئىرادە، زېھنى كۈچى ئاجىزلاپ ئۇنتۇغاق بولۇپ قىلىش قاتارلىقلار.
بۇنىڭغا قارىتا :
1. باسقۇچتا ئانانىزىم ئادىتىدىن چوقۇم قول ئۈزۈشى كېرەك. ئانانىزمنى تاشلاتقۇزۇشتا - ئىلگىرى ئۆتكەن بەزى تېۋىپلار ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىمارنى يالغۇز قويماسلىق، ئاخشىمى ئارام ئىلىشتىن ئاۋال تاھارەت ئىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاندىن قولىنى كارۋاتقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىگە باغلاپ يېتىشنى، ئوي خىيالىدا شەھۋانىي خىياللارنى قىلماي، ئانانىزىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى ئويلاش، خۇدانى زىكرى قىلىپ ئۇخلاپ قىلىش دېگەندەك چارىنى ئىككى ئايدىن ئۈچ ئايغىچە داۋام قىلىشنى بۇيرۇپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن ئىكەن.
بۇنى ھازىرمۇ سىناپ باقساق بولىدۇ، لىكىن قولىنى باغلاپ قويۇپ يېتىش پاسسىپ ، ئورۇندىماق تەس بولغان تەدبىردۇر.
ئۇندىن باشقا ئەرلىك ئەزانىڭ سەزگۈرلىكىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كۈندە بىر قېتىم ئەرلىك ئەزانى گۈل يېغىدا مايلاپ بەرسە بولىدۇ.
يۇمغاقسۈتنى سېقىپ سۈيىدىن كۈندە بىر - ئىككى قوشۇقتىن ئىچىپ بىرىشمۇ ئانانىزمدىن قول ئۈزۈشكە پايدىلىق ئامىلدۇر. يالغۇز ئۆيدە ياتماسلىق، كېشىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق، تەنتەربىيە ھەركەتلىرىنى ئىشلەپ بىرىشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.
يۇقۇردىكى ئۇسسۇلنى بىر ئاي قىلىپ ئانانىزىمغا خۇمارداش سەل بېسىققاندىن كىيىن ياللۇغ قايتۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتىمىز.
2- ئانانىزىم بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت شۇغۇللانغاندا سۈيدۈك يولى ، مەزى بېزىدە ئازدۇر -كۆپتۇر ياللۇغلىنىش بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئەرقى كاكنەچ، قۇرسى كاكنەچ، ئەرقى چۆپىجىن، ئەرقى ياللۇق مۇرەككەپ ، مەجۈنى چۆپىجىن، جاۋارىش زەرئۇنى دېگەندەك دورىلاردىن مىجەزگە ماس كىلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىمىز.
3. باسقۇچتا روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش، نېرۋىدىكى نۇرمالسىز سەۋدا خىلىتىنى تازىلاش، قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن سەۋدانىڭ مۇنزىج -مۇسھىللىرىنى ئىشلىتىپ ئارقىسىدىن ئۇلاپلا، خېمىرى گاۋزىبان، داۋائىل مىشكى، ئۇستىقۇددۇس شەربىتى دېگەن دورىلاردىن تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
4-باسقۇچتا ئىچكى ئەزالار زەئىپلىكىگە قارىتا داۋالاش ئىلىپ بىرلىدۇ. جۈملىدىن ئەرلىك ئەزالارنى نۇقتا قىلىپ ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
لۇبۇبى كەبىر
جاۋارىش زەرئۇنى
ھەببى ئازاراقى
مەجۈنى ئامىلە نۇشدارى
مەجۈنى سۆئىلەپ
داۋائىل مىشكى قاتارلىقلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

جىنسىي ئەزا يېگىلەشكە قارىتا يۇقۇردىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە سېرتىدىن ياغلاشقا زۇپتى رۇمى يېغىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى چۈمۈلە يېغى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر شارائىت بولسا ئەرلىك ئەزانى ياغلاپ بولغاندىن كىيىن ئاپتاپقا قاقلانسا ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى سېغىلغان، تېخى سوۋىمىغان سۈتتە يۇيۇپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
بۇ جەرياندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار:
سېرىق مەزمۇندىكى كېنو-فىلىم
سوغۇق- بولۇپمۇ توڭلاتقۇدا مۇزلاتقان ئىچىملىك، مېۋە -چېۋەلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. كاۋاپ ، پولو دېگەندەك تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن ،ئاچچىق، يەللىك- كالا گۆشى، توخۇ گۆشى قورۇمىسى، لەڭپۇڭ، راڭپىزا..دېگەندەك.
كۈندە بىر قېتىم پاقلان ياكى كەپتە گۆشى شورپىسى ئىچىپ بىرىلىدۇ.

شەھۋانىي مەزمۇندىكى كىنو فىلىم، كىتاب-ژورنال، خىيال قاتارلىقلارغا يېقىن يولىماسلىق. قىز-چوكانلار بىلەن زىيادە يېقىنلىشىپ -قول تۇتۇشۇش، سۆيۈشۈش دېگەندەكلەردىن ساقلىنىش، ھەتتا تېلفۇندا قىزلار بىلەن شىرىن-شىكەر پاراڭلارنى قىلماسلىقلار ئانانىزىم سەۋەبىدىن بولغان كېسەللەرنى داۋالاشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر. چارچاپ كەتمىگەن ئەھۋالدىكى سەيلى - ساياھەتنىڭمۇ بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا پايدىسى بار.
بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ساقىيىشىغا ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ 3 ئايدىن بىر يېلغىچە ۋاقىت كېتىشى مومكىن. شۇڭا بىمار سابرىچانلىق بىلەن داۋالىنىشى، ئۆزىنى ئاسرىشى كېرەك. ئەڭ موھىمى ياشلار بۇ ئىشلاردىن ئىبرەت ئىلىپ ئانانىزىمدىن ئىبارەت ئومومىي مىللەت ساپاسىنى زەئىپلەشتۈردىغان يارىماس ئادەتتىن يىراق تۇرىشى كېرەك!

بەزىلەردىكى مۇشۇ سەۋەبتىن بولغان جىنسىي توسالغۇلارغا قارىتا بىرەر يىل ئۈزۈلدۈرمەي داۋالانغان بولسىمۇ ھېچقانداق ئۈنۈم كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلغاندا ئۇلارغا تۆۋەندىكىچە ئۇسسۇلنى سىناپ بېقىش تەۋسىيە قىلىندى:
جېگدە چېچىگى گۈلقەنتىنى بىر ئىككى ئاي ئىستىما قىلىش ، ئاندىن جېگدە چېچىگى ئىچىلغان پەيتتە ئايالى بىلەن جېگدىلىكلەرگە بىرىپ بىللە سەيلى قىلىش، جېگدە چېچىگى ئىچىلغان شېخىنى سۇندۇرۇپ ياتاق ئۆيگە قويۇپ قويۇش دېگەندەك ئۇسۇللارمۇ ياخشى ئۈنۈم بەرگەن. دېمەكچى بولغۇنۇم بىمارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساپاسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جانلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلغاندا ئانانىزىم ئاسارىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل بولۇشتا ئۈمۈت زور.
ئاياللاردىكى ئانانىزمدىن قالغان ئاسارەتنى داۋالاش
بۇنى داۋالاشتا روھىي جەھەتتىن تەربىينى ئاساس قىلىپ ئىمكان بار بىمارنى يالغۇز قويماسلىق، مەزمۇنى ساغلام، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان، ئۈمۈتۋارلىق تۈسىدىكى پاراڭلارنى قىلىپ بىرىش، ئانانىزىمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىىن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغان ئېغىر زىيانلىق قىلمىش ئىكەنلىكىنى سەبرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ،بىرەر ئەردەن چىققان تۇل دوستى بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش، رومان، ھەمدە مۇھەببەتلىك ، رومانتىك كىنو فىلىملەرنى شۇ ئادەتتىن قول ئۈزەلىگىچىلىك كۆرمەسلىك، خۇدا ئۇچراشتۇرسا ۋاقتىدا ياتلىق قىلىۋىتىش قاتارلىق چارىلەرنى قىلسا بولىدۇ. ئانانىزىمدىن تولۇق قول ئۈزگەندىن كىيىن ياللۇقلىنىش ۋە بەدەن ئاجىزلىقى بولۇپمۇ نېرۋا ئاجىزلىقىغا قارىتا داۋالىنىش ئىلىپ بىرىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا بىمارنىڭ ئەمەلىي مىجەز ئەھۋالىغا قارىتا داۋالاش ئىلىپ بىرلىدۇ.
ياللۇقنى قايتۇرۇپ بالياتقۇ، تۇخۇمدان خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن:
مائۇل ئۇسسۇل جەۋھىرى
مەجۈنى چۆپىجىن
شەربىتى ئۆشبە قاتارلىق دورىلارنى ئەھۋالغا قاراپ 10 كۈندىن 20 كۈنگىچە ئىشلەتكەندىن كىيىن مېڭىنى ۋە ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن داۋائىل مىشكى، خىمىرى گاۋزىبان ، ماددىتىل ھايات، ئەبرىشىم شەربىتى ، مەجۈنى ئازاراقى قاتارلىق دورىلاردىن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا كۈندىلىك ئوزۇقلىقىغا ھېچقانداق ئىش قوشۇلمىغان ساپ ھەسەل، ئاپتاپتا ياخشى پىشقان قىزىل گۈلقەنت، ياڭاق ، بادام مېغىزى، پاقلان، كەپتە شورپىسى قاتارلىق تەبئىي ئوزۇقلۇق ۋە غىزالارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ئاچچىق، سوغۇق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتىدۇ.

تۆۋەندىكىسى ئۇزۇن يىل ئانانىزىم ئادىتى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىكى بىر قەدەر تولۇق بولغان ئاسارەتلەرنى تۈرى بويچە رەتلەپ چىقتىم. مۇشۇ ساھەدە تەتقىقات ئىلىپ بارغۇچىلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

بۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدىغان قىز-يىگىتلەردىكى ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك ئالامەتلەر:

كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش
كۆز ئاستى ئولتۇرۇشۇپ كۆكۈش ياكى قارامتۇل سىزىقچە بولۇش
پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش
بەل-پۇت تېلىش ھەم ئاغرىش
پۇت قول، بەل ئىسسىماسلىق ، سوغۇق ھېس قىلىش
چاچ چۈشۈش
كۆپ تەرلەش
ئۇنتىغاقلىق،
زىھنى قۇۋۋەت تۆۋەنلەش،
كۆپ چۈش كۆرۈش
تېرىنىڭ نۇرسىز، خۇنۇك بولىشى
ئورۇقلاش
جىددىيرەك ھەركەت قىلسا دېمى تۇتۇلۇپ ، نەپەس سىقىلىش، يۈرەك سىلىپ كېتىش

مەزى بېزىنىڭ ئىقتىدارى جەھەتتە:
سۈيدۈك تېمىش،
قىستاش،
پۇراش،
بىسىمسىز،
رەڭگى ساغۇچ ياكى مايلىق كىلىش،
سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلىش ،
چات ئارىلىق ، تاشاق، دوۋساق يېقىمسىزلىنىش .

ئەرلىك ئىقتىدار جەھەتتە:
مەنى تېز كېتىش
جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھوزۇرلىنالماسلىق
جىنسىي ھەۋەس سۇس بولۇش،
زەكەر قايىم بولماي تۇرۇپ مەنى ئېقىپ كېتىش
زەكەر يېگىلەپ قىسقا ھەم ئىنچىكە بولۇش ۋە بىر تەرەپكە مايماق بولۇپ قىلىش
مەنى چىقماي تۇرۇپ زەكەر بوشاپ كېتىش
مەنى سۇيۇق، ئۇرۇق پۇچەك بولۇش
ئىختىيارسىزمەزى سۇيۇقلىقى كىلىپ قىلىش

ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر:
بالياتقۇ ، جىنسىي يول ياللۇقلىنىش، شەلۋەرەش ، ئىششىق
ئادەت قالايمىقانلىشىش،
ئاق خۇن كۆپىيىش،
جىنسىي تەلەپ ئاجىزلاش،
جىنسىي يول ئېغىزى بوشاش ھەم كەڭىرىپ كېتىش،
قان ئازلىق .............

روھىي جەھەتتىكى ئالامەتلەر:
چۈشكۈنلۈك، بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىق، قورقۇنچاقلىق، ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىدىن بىزار بولۇش، ئاممىۋى پائالىيەتلەردىن قېچىپ يالغۇزلۇقنى خالاش، توي قىلىشتىن ئەنسىرەش ياكى خالىماسلىق، ئاسان چىچىلىش، ئاچچىقلاش، زېھنىنى يىغالماسلىق، يېڭى تونۇشقانلارنىڭ ئېسمى ۋە چىرايىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاپ، كۆرۈپمۇ ئېسىدە تۇتالماسلىق قاتارلىقلار.....
مۇھەممەت تۇرسۇن زۇنۇن (بىرزات)
2008-يىل 10-ئاي
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىمىزدىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بەتلەرگە چاپلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!






[Birzat بۇنى 2011-03-21 12:03 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئانانىزىم، جىنسىيەت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 41 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماBIMAR0[2013-05-09 11:06 PM | del]
qq 2663052034 kaqelewalsela bop tikan
回复قايتۇرماparxan[2013-03-26 10:18 PM | del]
زەكەرنىڭ كىچىك بۇلۇش مەسلىسى نۇرغۇن ئەرلەر دۇچ كىلۋاتقان ئورتاق تىمكەن نىمىشكا بۇ تىمغا جاۋاپ بىرىلمەيدۇ؟چوڭايتىشنىڭ دورسى زادى بارمۇ يوق ؟بۇ مەسلىنى بىر ئايدۇڭلەشتۈرۋەتسەك.قېرىنداشلىرمىز بازارلادا تەشۋىق قىلىپ يۈرگەن دورلارغا ئالدىنىپ قالمسا.
回复قايتۇرماdadl[2011-08-14 02:50 AM | del]
ئەسسالام ئەلايكۇم.بىر زات   ئەپەندىم.مەنمۇشۇنىجىس ئىزتكۇمەلئۇننىڭ [ئانانىزىم]يۇلىغا كىرىپ  ئوز -ئوزەمنى خورلاپ كەلگىلى5يىلدەك ۋاقىت بوپتۇ.ئاللا خالىسا مۇشۇ  2ئاي ئىچىدە توي كىلشىم مۇمكىن .بىلوگنى زىيارەت قىلىپ بىلشىمچە ئانانىزمنى ساقايتىشقا ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ3ئاي ۋاقىت كتدكەن .مەن تېخى ھىچقانداك تەييارلىقسىز ،ئەگەر مۇشۇ 2ئاي ئچىدە چۇقۇم كۆرسەتكىنڭزدەك داۋلاش ئىلىپ بارسام تولۇق ساقىيالمىساممۇ توي قىلغاندىن كىيىن نۇرمال  بولالامدىم؟،بىلمەن ئۇزۇمدە ئانانىزمندىن قالغان كىسەللەر خېلى كۆپ.ئۇنى ساقايتشقا پەقەت2 ئايلا ۋقتىم بار .ئۇزۇم داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن سىرىت يەنە سىلى كۆرسەتكەندەك دۇرا مۇ ئشلتىشىم كىرەكمۇ؟سۇئالىمغا چۇقۇم كۆرسەتمە بېرىشلىرنى ئۇمىت قىلمەن .چۇنكى ئەمدىى ماڭا ۋاقىت قالمىدىى.ئاللا ھەممىزنى تىنىنى سالامەت قىلسۇن [.ئامىن.]
回复قايتۇرماyax[2011-08-01 07:51 PM | del]
زوپتې رومې    ،چۇمۇلە      ،بېلېسان مېيې،     زەپە،   اقر قەرھا، قاتارلق دورېلارنې قوشوپ     زەكەرنې  مايلېسا  ۇنۇمې  ياقشې بۇلۇدېكەن ،سېنالدې ،    سېلېچە قانداق ،ياقشې تەلېملېرېنې ېيتپ بەرسېلە.
回复قايتۇرماmardan520[2011-07-28 09:58 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزاتكا ئەپەندى ياخشى تۇرۋاتامسىز مەن بۇيىل 18 گە كىردىم لىكىن قولۇم بىلەن لەززەتلىنىشكە ئۈگۈنۈپ قالغىلى 2  يىل بوپ قالدى گايى كۇنلىرى 2  3  قىتىم ئىسپىرما چىقىرىش ئەھۋالى كۇرۈلۈپ قالىدۇ   مىنىڭ  ئادەتتە بىلىم ئانچە مۇنچە  ئاغرىپ قويدۇ ھەم زەكىرىممۇ تازا قاتمايدۇ ئەتتىگىنى ئۇنداق ئەمەس  .ەتتىگەن تەرەپتە ھىسىياتىمنى باسالماي قالىمە    سىزدىن سورايدىقان مەسلىھەتىم  ؛ مەندىكى بىلىمنىڭ ئانچە مۇنچە ئاغرىشى بۇرەك ئاقىزلىقنىڭ  ئالامىتىمۇ  
回复قايتۇرماtilsim[2011-07-16 10:25 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزاتكا،
. مەن ئىلگىرى ئاناتىزىم بىلەن كۆپ شۇغىللانغان ئىدىم . ئىككى ئايدەك بولدى بۇ ئىشتىن قول ئۇزگىلى لىكن بەكلا كىچىككەن ئوخشايمەن . سىز دىگەن بەزى ئالامەتلەر مەندە كورلۇپ بولدى يەنى مەنى بالدۇر يۇرۇپ كىتىش دىگەندەك .سىزدن سورايدىغىنىم  ۋاكىتتنىڭ ئۇزۇرشى بىلەن سالامەتلىكم بارا بارا ئەسلىگە كىلىپ مەنى بالدۇر كىتىدىغان ئىشمۇ ۇزلۇكدىن ياخشى بولامۇ يھكى داۋالىنشىم كىرەكمۇ ؟
回复قايتۇرمانازنى[2011-03-22 05:39 PM | del]
ئۈرۈمچىدە مەسلىھەت سورىغىدەك ياكى بېرىپ داۋالانغىدەك جاي يوقما؟بولسا ئادرىسىنى ياكى تېلفۇن نومۇرىنى دەپ بەرسەڭلا،رەھمەت
回复قايتۇرماahat555[2011-02-22 05:14 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم  مەنمۇ يۇقارقىلادەك سىزنىڭ مەسلەھەتىڭىزنى ئالاي  مۇمكىن بولسا سىز بىلەن كۈرۈشۈپ داۋالىناي دىگەن لىكىن سىز بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتىمەن.سۇئال سورىسام جاۋاپ بەرمىدىڭىز.بولسا سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىزدىن مەسلىھەت ئېلىپ تىزرەك داۋالانسام بۇلاتتى. مىنىڭ چىچىرىم598310052،تىلفۇن 15003038008،بولسا ئالاقىلىشىپ ماڭغىمۇ بىر ياردەم قىلىپ ساقايتىپ ،ئادەمدەك ياشايدىغان قىلىپ قويسىڭىز  سىزدىن ئالەمچە خوش بۇلاتتىم.
回复قايتۇرماuqkur[2011-02-22 00:22 AM | del]
بىر زات ئەپەندى، سىزگە قىيداپمۇ باقتىم، لىكىن يەنىلا جاۋابىڭىزغا تەشنامەن. جاۋاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
回复قايتۇرماkisas[2011-01-05 02:28 AM | del]
ھەي ئىسىت ئەجىبا بىز....................؟[face11]
回复قايتۇرماdavut[2011-01-02 08:48 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
                 بىر زات ئاكا   سىزدىن سوراپ  باخسام،    ئانانىزىم  دىكەن نىمە
        
     مۇشۇ توغرىسىدا بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز ! ،،ئۇلۇغ   الا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن !   چۇشەندۈرۈپ قۇيغان بۇلسىڭىز       !!!
رەھمەت سىزگە
回复قايتۇرماuqkur[2010-11-19 12:15 AM | del]
ئالە شەنى ...  ما بىر زات ئەپەندىگە سۇئال تاشلاپ قويسام مانا بىر ئايدىن ئېشىپتۇ ھىچ بىر جاۋاپمۇ يوق، ‹ئۈستىدىكى سۇئال بىلەن قوشۇپ ئەتە جاۋاپ تەييارلاي› دەپلا يوقاپ كېتىپتۇ دېسە...  قاراجىم، سىلىگە تاغدەك ئىشىنىپ يۈز دىگەننى قايرىپ قويۇپ مۇشۇ يەرگە خەت قالدۇرساق ماندا يوقاپ كەتمىسىلە جۇما...
回复قايتۇرماnureli69[2010-11-16 02:07 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن بۇ يىل 22 ياش. مەندە ئۇزۇن مۇددەت ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالى بولغان ، بۇ ئادەتنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم،بۇ ئادەتنى تاشلىغىلىمۇ يېرىم يىل بولۇپ قالدى . لېكىن بىر ئاي بولۇپ قالدى سۈيدۈكتىن كېيىن ئاق سۇيۇقلۇق تامىدىغان بولۇپ قالدى(ئىسپىرمىغا ئوخشاپ قالىدۇ)،زەكەر يىگىلەش ئەھۋالىمۇ بىر ئاز ئېغىز،مەن  قەشقەردە،سىزنىڭ تىبابەتخانىڭىزدىن دورا ئېلىپ يېسەم پايدىسى بولارمۇ،بىرزات ئەپەندىم مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرما011[2010-11-15 06:09 PM | del]
نەقىل مەنبەسى uqkur نەقىل مەنبەسى uqkur
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم، بىرزات ئەپەندى، مەن 80خالتا تورىنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسىنىڭ بىرى ھىساپلىنىمەن، بۇ خەتنى ناھايىتى ئۇزاق ئويلىنىشتىن كىيىن ئاخىرى جۈرئەتكە كىلىپ يىزىشقا باشلىدىم، چۈنكى كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا دەيدىغان گەپ بار...  دەپ كەلسەم دەردىم جىق، مەن بۇ يىل 22ياشقا كىردىم، ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالي مەكتەپتە ئوقۇيمەن، پەرىزىمچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ بولغىچە توي قىلىشىم تەستەك، چۈنكى ئوقۇپ تۇرۇپ تويلىشىش تازا ياخشى بولمىغان بىر تاللاشكەن، شۇ بويىچە بولغاندا يەنە 4-5 يىلدىن كىيىن توي قىلىمەن؛ كىچىك ۋاقتىمدا بىزنىڭ قورودا مەندىن چوڭ بالىلارنىڭ بەزى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ، بىلمەي ئۆيدە تۇنجى قىتىملىق ئانانىزىمنى قىلىپ ساپتىكەنمەن. ئىسىمدا قېلىشىچە ئاشۇ 12-13 ياش ۋاقتىم بولسا كىرەك، ئۇنىڭدىن كىيىن ئارلىقتا بىر قېتىم تېرە كىسىلىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىدا 3 ئاي داۋالاندىم، ئۇندىن كىيىن ئۆيدىكىلەر مىنىڭ سوغۇقچانلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ ھەم ئۆگىنىشتە تېخىمۇ قېتىر-قېنىپ ئۆگىنىشىم ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى (كەپتەر شورپىسى،بادام-ياڭاق مىغىزى، ھەسەل) يىگۈزۈپ تۇردى، مەنمۇ جان جەھلىم بىلەن ئۆگەندىم ھەم ھازىرقى مەكتىپىمگە يۇقىرى ناتىجە بىلەن ئۆتتۈم، لىكىن تۇرمۇشۇمدا ھىلىقى مەينەت، ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان ئىشنى ئىزچىل تاشلىمىدىم ھەم تاشلىيالمىدىم. دائىم ئۆزۈمدىن بىر خىل ئەنسىرەپ تۇراتتىم،بەزى كۈنلىرى ئۇخلاپ قالسام ئاستىم خىلىلا چىڭ قاتىدۇ-دە خىلى خاتىرجەم بولۇپ قالىمەن، لىكىن بىشى تۆۋەنگە قارىۋىلىغلىق، يوتام بىلەن بولغان بۇلۇڭى90 گىرادۇسمۇ ئەمەس ،يىقىندىن بىرى بىر قىز بىلەن ئارلاشقان ئىدىم، ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق چىقىشىپ كەتتۇق(خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇنى ئالىمەن، لىكىن كىيىنكى تۇرمۇشنى ئويلىسام ئۇنى رازى قالالمايدىغاندەكلا...  ئەنسىرەپ تۇرىمەن)، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ پاراڭلاشسام ئاستىمغۇ قاتىدۇ، لىكىن ئۇنداق چىڭ ئەمەس،بەزى-بەزى مەنى سۇيۇقلۇقى ئېقىپ چىقىپ كىتىدۇ(ئازراقلا). ئاندىن مەندە يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ يىرىمى دىگۈدەك بار، يەنى كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش،كۆز ئاستى ئولتۇرۇشۇپ قارامتۇل سىزىقچە بولۇش،پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش،بەل-پۇت تېلىش ھەم ئاغرىش،كۆپ تەرلەش(ئاجايىپ كۆپ تەرلەيمەن، ئازراق جىددىي ھەركەت قىلساملا تەرلەيمەن، بىرەر سائەت ۋاسكىتبول ئوينىسامغۇ يۈندە بولۇپ كېتىمەن...)،ئۇنتىغاقلىق،زىھنى قۇۋۋەت تۆۋەنلەش، كۆپ چۈش كۆرۈش،سۈيدۇك بىسىمسىز،ئىختىيارسىزمەزى سۇيۇقلىقى كىلىپ قىلىش(يۇقارقىدەك ئەھۋالدا)،زەكەر يىگىلەش، زەكەر بىشى يوغان بولۇش،بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىق، توي قىلىشتىن ئەنسىرەش،ئاسان چىچىلىش، ئاچچىقلاش، زېھنىنى يىغالماسلىق، يېڭى تونۇشقانلارنىڭ ئېسمى ۋە چىرايىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاپ، كۆرۈپمۇ ئېسىدە تۇتالماسلىق قاتارلىقلار....  
    شۇڭا بىرزات ئەپەندى ياخشى ئىش قىلىپ بىلوگىڭىزدا بۇ پەس ئىشتىن قول ئۈزۈشنى كۈچەپ تەۋسىيە قىپسىز،شۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ياش يىگىتلەر خاتالىقىنى بىلىپ توۋا ئىيتىپ ئۇ ئادەتتىن قۇتۇلۇپتۇ، شۇلار قاتارىدا ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن. ماڭا كۆرسىتىدىغان ئۇسۇللىرىڭىزنىڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرسىڭىز بولۇپتىكەن. 1.مەن توي قىلغىچە بۇ ئىللەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلسام، جىنسى ئىقتىدارىم پۇتۇنلەي يوقاپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن (گەرچە بۇ سۇئال ناھايىتى كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ، لىكىن مەن ئۇ ئىشنى 2 ھەپتە تاشلىسام،بۇ جەرياندا ئاستىم مىدراپمۇ قويمايدۇ... ھەيييي.....) 2.چىنىقىپ بەرگەننىڭ زادى جىنسى ئىقتىدارغا پايدىسى بارمۇ يوق؟؟ 3. ھازىر قانداق قىلسام قىلىپ ئۇ ئىللەتنى تاشلىسام توي قىلغۇچە ھەممە نەرسە ئەسلى ھالىتىگە قايتارمۇ ياكى توي قىلغىچە بولغان بۇ 4-5 يىل ئىچىدە دورا قىلىپ تۇرسام بولارمۇ؟؟ 5. ئەگەر دورا قىلسام پايدىسى بولغان تەقدىردە، تويدىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۇ ئىقتىدارىمدىن قالارمەن؟(چۈنكى مەن بالدۇر يەۋاپتىمەن ئەمەسمۇ...)،ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى خاپا بولماي مۇشۇ يولدا مىنى بىر يۆلەپ قويسىلا بوپتىكەن، مەنمۇ كەلگۈسىدە لاتا ئاتىلىپ قالمىسام، ئايالىممۇ مەندىن رازى بولۇپ تالاغا قاراپ قالمىسىكەن، بەك قورقىمەن ...

Birzat نىڭ 2010-10-14 07:32 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ،،   مەن  سىز دىن مەسلىىھەت سۇرىماقچى ئىدىم سۇئالىمنى مۇشۇيەرگە قالدۇرسام بۇلارمۇ ؟ مەن توي قلىغىلى تىخى بىر ئاي بۇلدى ،،،يىۇلدىشىمدىن قانلىق مەنى كىلىپ قالدى ،،،،بىز سەل ئەنسىرەپ قالدۇق ،،سىزچە بۇ خەتەرلىكمۇ ،،نىمىلەر گەدىققەت قىلساق بۇلدۇ ،،،رەھمەت سىزگە ،،ئۇلۇغ الا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن !!!!تىىماشەكلدە چۇشەندۈرۈپ قۇيغان بۇلسىڭىز  تورداشلارمۇ پايدىلانسۇن،،،،


Birzat نىڭ 2010-10-14 07:35 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئۈستىدىكى سۇئال بىلەن قوشۇپ ئەتە جاۋاپ تەييارلاي.
回复قايتۇرماuqkur[2010-10-14 06:08 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم، بىرزات ئەپەندى، مەن 80خالتا تورىنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسىنىڭ بىرى ھىساپلىنىمەن، بۇ خەتنى ناھايىتى ئۇزاق ئويلىنىشتىن كىيىن ئاخىرى جۈرئەتكە كىلىپ يىزىشقا باشلىدىم، چۈنكى كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا دەيدىغان گەپ بار...  دەپ كەلسەم دەردىم جىق، مەن بۇ يىل 22ياشقا كىردىم، ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالي مەكتەپتە ئوقۇيمەن، پەرىزىمچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ بولغىچە توي قىلىشىم تەستەك، چۈنكى ئوقۇپ تۇرۇپ تويلىشىش تازا ياخشى بولمىغان بىر تاللاشكەن، شۇ بويىچە بولغاندا يەنە 4-5 يىلدىن كىيىن توي قىلىمەن؛ كىچىك ۋاقتىمدا بىزنىڭ قورودا مەندىن چوڭ بالىلارنىڭ بەزى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ، بىلمەي ئۆيدە تۇنجى قىتىملىق ئانانىزىمنى قىلىپ ساپتىكەنمەن. ئىسىمدا قېلىشىچە ئاشۇ 12-13 ياش ۋاقتىم بولسا كىرەك، ئۇنىڭدىن كىيىن ئارلىقتا بىر قېتىم تېرە كىسىلىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىدا 3 ئاي داۋالاندىم، ئۇندىن كىيىن ئۆيدىكىلەر مىنىڭ سوغۇقچانلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ ھەم ئۆگىنىشتە تېخىمۇ قېتىر-قېنىپ ئۆگىنىشىم ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى (كەپتەر شورپىسى،بادام-ياڭاق مىغىزى، ھەسەل) يىگۈزۈپ تۇردى، مەنمۇ جان جەھلىم بىلەن ئۆگەندىم ھەم ھازىرقى مەكتىپىمگە يۇقىرى ناتىجە بىلەن ئۆتتۈم، لىكىن تۇرمۇشۇمدا ھىلىقى مەينەت، ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان ئىشنى ئىزچىل تاشلىمىدىم ھەم تاشلىيالمىدىم. دائىم ئۆزۈمدىن بىر خىل ئەنسىرەپ تۇراتتىم،بەزى كۈنلىرى ئۇخلاپ قالسام ئاستىم خىلىلا چىڭ قاتىدۇ-دە خىلى خاتىرجەم بولۇپ قالىمەن، لىكىن بىشى تۆۋەنگە قارىۋىلىغلىق، يوتام بىلەن بولغان بۇلۇڭى90 گىرادۇسمۇ ئەمەس ،يىقىندىن بىرى بىر قىز بىلەن ئارلاشقان ئىدىم، ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق چىقىشىپ كەتتۇق(خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇنى ئالىمەن، لىكىن كىيىنكى تۇرمۇشنى ئويلىسام ئۇنى رازى قالالمايدىغاندەكلا...  ئەنسىرەپ تۇرىمەن)، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ پاراڭلاشسام ئاستىمغۇ قاتىدۇ، لىكىن ئۇنداق چىڭ ئەمەس،بەزى-بەزى مەنى سۇيۇقلۇقى ئېقىپ چىقىپ كىتىدۇ(ئازراقلا). ئاندىن مەندە يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ يىرىمى دىگۈدەك بار، يەنى كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش،كۆز ئاستى ئولتۇرۇشۇپ قارامتۇل سىزىقچە بولۇش،پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش،بەل-پۇت تېلىش ھەم ئاغرىش،كۆپ تەرلەش(ئاجايىپ كۆپ تەرلەيمەن، ئازراق جىددىي ھەركەت قىلساملا تەرلەيمەن، بىرەر سائەت ۋاسكىتبول ئوينىسامغۇ يۈندە بولۇپ كېتىمەن...)،ئۇنتىغاقلىق،زىھنى قۇۋۋەت تۆۋەنلەش، كۆپ چۈش كۆرۈش،سۈيدۇك بىسىمسىز،ئىختىيارسىزمەزى سۇيۇقلىقى كىلىپ قىلىش(يۇقارقىدەك ئەھۋالدا)،زەكەر يىگىلەش، زەكەر بىشى يوغان بولۇش،بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىق، توي قىلىشتىن ئەنسىرەش،ئاسان چىچىلىش، ئاچچىقلاش، زېھنىنى يىغالماسلىق، يېڭى تونۇشقانلارنىڭ ئېسمى ۋە چىرايىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاپ، كۆرۈپمۇ ئېسىدە تۇتالماسلىق قاتارلىقلار....  
    شۇڭا بىرزات ئەپەندى ياخشى ئىش قىلىپ بىلوگىڭىزدا بۇ پەس ئىشتىن قول ئۈزۈشنى كۈچەپ تەۋسىيە قىپسىز،شۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ياش يىگىتلەر خاتالىقىنى بىلىپ توۋا ئىيتىپ ئۇ ئادەتتىن قۇتۇلۇپتۇ، شۇلار قاتارىدا ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن. ماڭا كۆرسىتىدىغان ئۇسۇللىرىڭىزنىڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرسىڭىز بولۇپتىكەن. 1.مەن توي قىلغىچە بۇ ئىللەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلسام، جىنسى ئىقتىدارىم پۇتۇنلەي يوقاپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن (گەرچە بۇ سۇئال ناھايىتى كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ، لىكىن مەن ئۇ ئىشنى 2 ھەپتە تاشلىسام،بۇ جەرياندا ئاستىم مىدراپمۇ قويمايدۇ... ھەيييي.....) 2.چىنىقىپ بەرگەننىڭ زادى جىنسى ئىقتىدارغا پايدىسى بارمۇ يوق؟؟ 3. ھازىر قانداق قىلسام قىلىپ ئۇ ئىللەتنى تاشلىسام توي قىلغۇچە ھەممە نەرسە ئەسلى ھالىتىگە قايتارمۇ ياكى توي قىلغىچە بولغان بۇ 4-5 يىل ئىچىدە دورا قىلىپ تۇرسام بولارمۇ؟؟ 5. ئەگەر دورا قىلسام پايدىسى بولغان تەقدىردە، تويدىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۇ ئىقتىدارىمدىن قالارمەن؟(چۈنكى مەن بالدۇر يەۋاپتىمەن ئەمەسمۇ...)،ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى خاپا بولماي مۇشۇ يولدا مىنى بىر يۆلەپ قويسىلا بوپتىكەن، مەنمۇ كەلگۈسىدە لاتا ئاتىلىپ قالمىسام، ئايالىممۇ مەندىن رازى بولۇپ تالاغا قاراپ قالمىسىكەن، بەك قورقىمەن ...
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-10-14 07:32 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ،،   مەن  سىز دىن مەسلىىھەت سۇرىماقچى ئىدىم سۇئالىمنى مۇشۇيەرگە قالدۇرسام بۇلارمۇ ؟ مەن توي قلىغىلى تىخى بىر ئاي بۇلدى ،،،يىۇلدىشىمدىن قانلىق مەنى كىلىپ قالدى ،،،،بىز سەل ئەنسىرەپ قالدۇق ،،سىزچە بۇ خەتەرلىكمۇ ،،نىمىلەر گەدىققەت قىلساق بۇلدۇ ،،،رەھمەت سىزگە ،،ئۇلۇغ الا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن !!!!تىىماشەكلدە چۇشەندۈرۈپ قۇيغان بۇلسىڭىز  تورداشلارمۇ پايدىلانسۇن،،،،

Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-10-14 07:35 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئۈستىدىكى سۇئال بىلەن قوشۇپ ئەتە جاۋاپ تەييارلاي.
回复قايتۇرماbimar[2010-09-25 04:13 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بىرزات ئاكا، مەندىمۇ بۇ ئەسكى ئادەت بار ئىدى,باشقا جەھەتتن بەدىنىم خلى ساغلام لىكىن ،زەكىرىم بىر تەرەپكە مايماق، بۇنىڭغا تىبابەتتە ئامال بارمىدۇ؟قانداق قىلسام ياخشى بولۇپ كىتەر ؟سىلەردە بۇنىڭغا دورا بارمۇ؟ئۈرۈمچىدە سىلەرنىڭ دورا سېتىش ئورنىڭلار بارمۇ؟خاپا بولماي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ،


回复قايتۇرماmurat[2010-09-22 08:43 AM | del]
你好,请问你们药品乌鲁木齐在哪儿买呢??
回复قايتۇرماdfgd[2010-09-21 01:01 AM | del]
ياخشىمۇسىز بىرزات ئەپەندى مەن ئانىزىم بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقىلى 9يىل بولغان زەكىرىم بەك كىچىك قايىم بولىدۇ بىردەمدىلام بوشۇشۇپ كېتىدۇ جىنسى مۇناسىۋەتتە  بولغاندا قىنسىيولغا كىرە كىرمەيلام   مەنى يۈرۈپ كىتىدۇ بەزىدە  ئاياللا بىلەن   پاراڭلاشسام بەزىدە سۈدۈكتىن بۇرۇن شىلىمشىق   سۇيۇقللۇق   كەپقالىدۇ  بىركۈنى  ئۆيدە  ھېرىپ ئولتۇسام  ھىچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوخلام   مەنى   يۈرۈپ كەتتى بۇزادى نىمەئىش
مان قول ئۈزەىلى 3ئايدىن ئاشتى  بەزىدە ئاچىماق سىيىمەن  پۇتۇن بىركۈن خىيال قىلىدىغىنىم  ئۆزەمنىڭ كېسىلى  بەزىدە ئۈل ۋاغۇممۇ  كەپقالىدۇ مەسلەت بەگەيلا
回复قايتۇرماsaroman[2010-09-15 11:12 PM | del]
بىرزات ئەپەندىم"  جىگەرنىڭ سېرىغلىغى ئېشىپ كىتىش" دىگەن قانداق كىسەل  ؟ چۈشەنچە بەرسىڭىز
回复قايتۇرماyardam[2010-09-15 12:38 AM | del]
بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ ، رەھمەت.
راس گەپ قىلسام تىمىنى تولۇق كۇرمۇدۇم ، ئەمما ئادەمنى خۇش قىلىدىغان جۈملىلەرنى (ئانانىزىمنى داۋالىغىلى بولدىغان توغرىسىدىكى ) كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم . بۇتىما بىزدەك ياشلارغا ئۈمۈد ئاتا قىلىدىكەن ، رەھمەت سىلگە.
مەنمۇ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى ، تارىخىمنىمۇ ئۇزۇنراق 5-يىل نىڭ سەل ئۆستىدە بولسا كىرەك،ماڭىمۇ بەك ئىنىق ئەمەس. لىكىن مەن كىچىكىمدىن قۇرۇق يەل يىمىشلەردىن ياسايدىغان ھالۋايى بىزى دەيدىغان يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىپ كىلۋاتمەن.  
بىلشىمچە ئۇنىڭ رەئىس ئەزالارغا بەك پايدىسى باركەن.
لىكىن نىمە سەۋەبتىن بىلمىدىم ، يا مەن سىمىز بولغاچقىمۇ ياكى ئانانىزىمنىڭ سەۋەبىمۇ مىنىڭ زەكىرىم  كىچىك(قايىم بولغان ۋاقتىدا 8-10 سانتا) ھەم قايىم بولۇش ۋاقتىمۇ قىسقا. شۇ سەۋەبتىن كۆڭلۈم بىرخىل يىرىم . ئۆتكەندە ئۆزۈمنى تەكشۇرتكەن ، دوختۇرنىڭ دىيشىچە جىگىرىمنى سەل ماي قاپلىۋاپتۇ(قان تەكشۈرتسەممۇ شۇنداق دىدى ، ئاندىن ب چاۋ بولغىيمىتى س ت بولغىيمىتى شۇنىڭغا چۈشسەممۇ يەنە شۇنداق دىدى ، مەزى بىزى توغۇرلۇق گەپ بولمىدى ، قاننى قەشقەر شەھەرلىك 2-دوختۇرخاندا تەكشۇرتكەن، ئاندىن ئاۋۇ ماشىنىغا چۈشكەندە قەشقەر ساقىيە دوختۇرخانسىدا )
ئۇنىڭ ئۈستىگە پات يىقىندا توي قىلدىم ، لىكىن مۇناسىۋەت كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس . شۇ سەۋەبتىن ئۆزۈمگە بىسىم پەيدا قىلۋالدىم .
ئەسلى ئۆزلىرنىڭ دۇكانلىرغا بىر بىرىپ كەلگۈم بارئىدى ، ئەمما خىجىل بوپ قالىدىكەنمەن .
ئەگەر مۇمكىن بولاپ ، سەل ۋاقىتلىرى بولسا مەن ئۆزۈمدىكى ئالامەتلەرنى سىلگە دەپ بەرسەم ، تەكلىپ پىكىر بىرەلىمە؟
回复قايتۇرماsumbul[2010-09-05 10:16 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىرزات ئەپەندىم ... مەن توي قىلغىلى ئىككى يىل بولدى ، سالامەتلىكىم ياخشى بىراق توي قىلىپ 4 ئايدىن كىين بىر قېتىم بالامنى ئامالسىز  ئالدۇرۋەتكەن ( دورا ئشىلتىش سەۋەبى بىلەن ) ئۇنىدىن كېيىن ھامىلدار بولمۇدۇم . تەكشۈرتسەم نورمال بالىياتقۇ ئازراق قېلىن دىگەن ئىدى . لىكىن يېقىندىن بىرى يولدىشىم بىلەن بىللە بولغاندا مەندە قاناش كۆرۈلدىغان بولۇپ قالدى. تەكشۈرتسەم بالىياتقۇدا يارا بار ئىكەن لىكىن دەرىجىگە توشمايدۇ،ئېغىر ئەمەس دىدى. مەن دورا ئېچىپ داۋاندىم ئۈنۈمى دىگەندەك ياخشى بولىمىدى . ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىش ئىمكانىىيتىم بولمىغاچقا يۇرىۋەدىم . يىقىندا يانا شۇنداق بولۇپ قاناشتىن كيېىن بالدۇر ئادەت كىلپ قالدى  . دوختۇرخانىغا چىقىپ تەكشۈرتۈشتىن قورقتۇم . سىزنىڭچە بالىياتقۇ بوينىدىكى يارىغا تىبابەتتە ياخشى داۋا بارمىدۇ ؟ ماڭا بىر يول كۆرسەتسىڭىز ؟
回复قايتۇرماyuluqi00[2010-09-05 09:15 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بىر زات قېرىندىشىم، مەن ئانانىزىمغا دەسلەپ خەتىرىنى بىلمىگەن ئاساستا چۈكۈپ كەتكەن ئىكەنمەن، يازمىلىرىڭىزنى كۈرۈپ ئۈزۈمدىن ھەقىقەتەن ئەنسىرەپ كەتتىم،  مەن بۇ يىل 25 ياشتىن ئاشتىم، توي قىلاي دەيمەن ئەمما ئۈزۈن يىللىق ئانانىزىمىنىڭ تەسىرىدىن (10يىل)  سىز ئوتتۇرغا قويغان ھەممە كىسەللىك ئالامەتلىرى مەندىن تېپىلىدۇ. بۇلۇپمۇ زەكەر يىگىلەش ئەڭ ئېغىر. بۇ تور بەتتىكى يازمىلىرىڭىزنى ئۇقۇغاندىن كىيىن ئاللاھنىڭ يادىمى بىلەن بۇ ئىشتىن قول ئۈزدۈم، ئەمدى داۋالانسام ساقىيارمەنمۇ؟ توي قىلالارمەنمۇ؟ قىسقىسى قانچىلىك ۋاقىتتا ( ئاللاھتىن شىپا ھەم مەغپىرەت تىلەيمەن) ئەسلىمگە كىلەرمەن. مۇشۇ توغرىسىدا بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز !
ئىنكاس قايتۇرسىڭىز  چ چ  رىمگە كايتۇرغان ئىنكاسنىڭ تور ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەرسڭىز،،
مەن تاپالمايدىكەنمەن...چ چ  1052608354  رەھمەت!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.