ھايۋانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ... بۇ گەپنى 8 يىلدىن بىرى دېيەلمەي كەلگەن ئىدىم. سەلكىن مۇنبىردىكى ئانالىزىم توغرىسىتا چىقارغان مەسلىھەتىڭىزنى كۆرۇپ سىزنىڭ بۇ بىلوگگا كىرىپ قارسام شۇنداق ياخشى سۇئال شۇنداق ياخشى جاۋاپلارنى كۆرۇپ ئۆزۈممۇ دىيش قارارغا كەلدىم.
كىچىكلىك دىگەن بەرىبىر كىچىكلىكتە چوڭلار نىمە قىلسا بىزمۇ قىپ باققۇمىز كىلدىكەن. 1999 يىلى تولۇقىسزدىكى ۋاقتىلىرىمىزدا سۇغا چۈچۈش ئۇچۇن ئۆستەڭ بويىغا بارساق چوڭلارنىڭ مادا ئىشەك بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقىننى كۆرۇپ ئۇلاردىن سورساق ھازىر شۇ ئىشنى قىپ قويسا زەكەر يوغىنامىش . شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ شۇ ئىشلار قىپ قويدۇق.
دەل شۇ ئىشتىن كىيىن يەنى بىر يىلدىن كىيىن زەكەرنىڭ تىرىسى قىسمىدە دانخورەككە ئوخشاش دانچىلار پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا 8 يىل بولغان بولسىمۇ مەن يەنىلا جىملا يۇردۇم . ھازىر تەپسىلى قارسام شۇ دانچىلاردىن تۈكلار ئۇنۇپ چىقىدىكەن. بۇمۇ يوق دىيەرلىك ھالەتتە. باشقا ھىچقانداق ئالامەت يوق مۇشۇ ئىشلا بىشىمنى قاتۇرۇپ تۇردۇ
مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ھايۋانلار بىلەن جىما قىلىش ھەم ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى دىنىمىزدا ئىنتايىن قەبىھ ئىش بولۇپ قارىلىپ ئىنسانلارنى بۇ ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز زامانىمىزدا بۇ خىل تەبئىي قانۇنىيەتنى كۆزگە ئىلماي، چەكتىن ئاشقان قىلمىشلار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان كېسەللىكلەر ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئەيدىزنىڭ بەچچىۋازلار ئىچىدە تارقىلىشىنىڭ خىلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك ھايۋانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشمۇ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز خورلۇق ، كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر يېقىنىمنىڭ دەپ بىرىشىچە مەلۇم ناھىيدىكى بىر ياشنىڭ مەنى سۇيۇقلۇقى داۋاملىق ئىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان. پۇت-قول ماغدۇرسىز، بەدەن ئورۇقلاپ بىر تېرە - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان. ئۆيدىكىلىرى ۋېلايەت دەرىجىلك دوختۇرغا ئاپارسا دوختۇرلار كېسەللىك سەۋەبىنى ئىنىقلاشقا ئامالسىز قالغان. قىلغان داۋالاش تەدبىرلىرىمۇ ئۈنۈمسىز بولغان. شۇنىڭ بىلەن تەدبىرلىكرەك بىر دوختۇر بىمارغا پىسخىك خىزمەت ئىشلەپ ئۇنىڭ بىر ساغلىق قوي بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگىنىنى <<ئىقرار >> قىلدۇرغان. شۇنداقتىمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ زادى نېمە كېسەللىك ئىكەنلىكىنى پەرق قىلغىلى بولماي، دوختۇرخانا بىمارنى ۋېلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنىغا يوللاپ بەرگەن. ھىلىقى تونۇشۇمنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ يەردىمۇ ھېچقانداق بىر كېسەللىك بايقىيالمىغان. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بىمارنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئىنىقلانمىسا ئۆلۈپ كېتىشى مومكىن ئىكەن.

جىسمىڭىزدىكى مەسىلىنى ئېغىر كېسەللىك دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ دوختۇرغا بىرىپ كۆرۈنىۋېتىڭ! يۇقۇردىكىلەرنى سۆزلەپ ئۆتۈشۈم سىزگە قاتتىق تېگىش غەرىزىدە ئەمەس، بەلكىم باشقىلارنى ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن بايان قىلدىم. كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز!

مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkiram[2013-04-02 02:53 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار ، مەن بۇ بىلوگگا كىرىپ قارسام شۇنداق ياخشى سۇئال، شۇنداق ياخشى جاۋاپلارنى كۆرۇپ، بۇ بىلوگنى قۇرۇپ كەڭ ئوقۇرمەن ، ياشلارغا يول كورسىتىپ يۇزتۇرانە سوراشتىن خىجىل بولغانلار ، ئۇچۇن سەھنە ھازىرلاش يولىدا جاپا چەككەن، قىرىنداشلىرىمىزغا (اللاھ) رەھمەت قىلسۇن!!!!!(اللاھ ھەقىقەتەن ،مىھرىبان دۇر).

    
            ئەلخەيىر؛ كەمىنە مۇھەممەت كىرەم
回复قايتۇرماTUMANLAR[2010-07-16 02:31 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ؟ئەپەندى
مىنىڭ كىچىك چىغىمدا 10-12ياش ۋاقىتلىرىم دا چىچىم بەك جانلىق قۇيۇق ئىدى دائىم تىك تۇراتتى .تۇلۇق ئوتتۇرغا چىقىپلا چاچلىرىم ئاز ئاز دىن چۇشكىلى تۇردى .بارابارا .ئىككى چېكەمدە چاچ قالمىدى .چۇشۇرۇپ  تۇرسام چاچ چۇشمەيدۇ .سەل ئۇزۇن بۇلۇپ كەتسە چۇشۇپ كىتىدۇ .بۇنداق بۇلىۋەرسە كىيىنچە تاز بۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن .تاز بۇلۇپ قىلىشنى ئويلىسام كۇڭلۇم يېرىم بولىدۇ .قانداق قىلسام بولار .مەسلەھەت بەرگەن بولسىېز.
回复قايتۇرماsunmas[2010-06-19 09:04 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،پەيغەمبىرىمىز بىزگە دىنىمىزدىكى بارچە ئىشلارنى تولۇق يەتكۈزگەن،قانداقلىكى بىر ئىش ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولسا ئۇنى بىزلەرگە رۇخسەت قىلغان،قايسى بىر ئىش ئىنسانىيەت ئۈچۈن زىيانلىق ۋە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىكەن بىزنى ئۇنىڭدىن توسقان،ھەتتاكى تازىلىق ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن نېمە دېيىش،چىققاندا نېمە دېيىشتىن تارتىپ تاكى ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارچە ئىشلارنى قالدۇرماي بايان قىلىپ دۇنيادىن كەتتى. ھايۋان بىلەن جىما قىلىش بۇ تولىمۇ قەبىھ يىرگىنىشلىك قىلمىش،پەيغەمبىرىمىز ھايۋان بىلەن جىما قىلغان كىشىنى ۋە شۇ ھايۋاننى قوشۇپ ئۆلتۈرىۋىتىشكە بۇيرۇغان.بۇ قەبىھ قىلمىشتىن يىراق تۇرايلى،نادانلىق قىلىپ قىلىپ قالغانلار تۆۋە قىلايلى،مادا بىلەن قىلىشسا ئانداق پايدىسى بارەي،زەكەرنى مانداق قىلىۋىتىدۇ يەي ....دېگەندەك بولمىغۇر گەپلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ قەبىھ گۇناھنى سادىر قىلىپ سالمايلى،يۇقىردىكى پاجىئەدىن ئىبرەت ئالايلى ''بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان شۇنداقلا ئېبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يېشى بىلەنمۇ تولغان''...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.