تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ ماقالە شەرق تىبابىتى خەزىنىسىدىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى بىلەن شەمسۇلئەتىببا (تېۋىپلار قۇياشى) نامى بىلەن ئاتالغان ھەكىم غۇلام جىلانىخان ھەزرەتنىڭ يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش ناملىق ئەڭ كۆپ تارقالغان ئەسىرىدىن ئېلىندى. بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش كېسەللىكى بۇ بىر خىل ئۆتكۈر چىقىرىندى ماددىلارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان زىيانلىق ھارارەتنىڭ قۇيۇق خىلىتلارغا تەسىر قىلىشىدىن ياكى باشقا ماددىلارنىڭ بۆرەكتە ئولتۇرۇپ قېلىشىدىن بولىدۇ. سەۋەبى: بۆرەكتە قاتتىق ھارارەت، قۇيۇق [...]

قەھۋەنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشىگە كەلگەن شۇ يەردىن داۋام قىلايلى: مەزكۇر تېۋىپلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ قاينىتىلمىسىنى ئىچسە ئۆزىدىكى زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى بىلەن توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئاغرىقلارنى، قاننىڭ قاينىشىنى، سەپرا سەۋدا ۋە ئۇلارنىڭ كۆيۈشىنى پەسەيتىدۇ، خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ ۋە ئۇچۇچانلاشتۇرىدۇ، تازىلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قان ۋە سەپرادىن بولغان تەپلەرگە بولۇپمۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە پايدا قىلىدۇ، چېچەك ۋە سۇ چېچەك چىققاندىن كېيىن ئىشلەتسە پايدا قىلىدۇ، [...]

سەھىپە: خام دورىلار

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە تۇغۇت – ئانا ۋە بالا ھاياتىدىكى ئەڭ مۆجىزىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم بىر ئىش چۈنكى تۇغۇت ئارقىلىق ئانىنىڭ بەدىنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇنلىغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئاياقلاشتۇرۇپ، نورمال فىزىئولوگىيلىك ھالەتكە قايتىدۇ؛ پەقەت تۇغۇت جەريانىدىلا يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئانىنىڭ فىزىئولوگىيىسىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن مېڭىسى، پىسخىكىسىىمۇ مەڭگۈلۈك [...]

تىكتاك توپ ئويناپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تىكتاك توپ ئوينىغاندا ياكى ئۇياقتىن ـ بۇياققا قاڭقىۋاتقان تىكتاك توپقا قارىغاندا، كۆز ئالمىسى ئىختىيارسىز ھالدا تىكتاك توپقا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىللەتكىلى، شۇنداقلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. كۆز چارچىغاندىن كېيىن ئىككى كۆزنى بوش يۇمۇپ ، [...]

  بۇ قەھۋە ھەققىدىكى يازمىنىڭ داۋامىدۇر   كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنى ئىستىمال قىلىدۇ. ئەمما ھەر جاي ۋە شەھەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئۇنى ئىستىمال قىلىشى ئوخشىمايدۇ. يەمەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ خەلقلىرى ئۇنىڭ بولۇپمۇ ھۆلىنىڭ سىرتقى پوستىنى كۆپ سۇ بىلەن قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ ،پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ ، تائامدىن ئىلگىرى، كۆپ قىسىم كىشىلەر تائامدىن كېيىن ئىلمان ھالەتتە چوڭ پىيالىلەر بىلەن  ئىچىدۇ، ئۇلار ئۇنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئىچىشىدۇ، [...]

سەھىپە: خام دورىلار

بۇ سەھىپىدە دۇكىنىمىزدا بار دورىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز ئالاقە نۇمۇرىمىز 18690143938،ئۈندىدار ۋە چ چ نۇمۇر 1242717272. ئورنىمىز ئۈرۈمچى شەھىرى نەنمىندىكى زىبا رېستۇرانى يېنىغا جايلاشقان تادۇبەگ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك  شىپاخانىسى لوبوبى كەبىر ئالى بۇسۆئلەپ مىسرى،ئاقىرقەرھا ھىندى،مەرۋايىت، ياقۇت،كەھرىبا،مارجان، سەقەنقۇر،قۇشقاچ مىڭىسى، بۇقا چۈيىسى ،قۇم بىلىقى،زەپەر،ئىپار ،ئەنبەر قاتارلىق دورىلاردىن تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان دورا بولۇپ ،بۆرەك،يۈرەك،مىڭە،جىگەر ئاجىزلىقلىرى ۋە شۇسەۋەبلەردىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى داۋالاش،ئولتۇرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى،بۇغۇم ئاغرىقى [...]

ئۆز ۋاقتىدا قىلىنغان نورمال جىنسى مۇناسىۋەتتە بەدەندىكى ئارتۇق نەرسىلەر چىقىپ كېتىدۇ. بەدەندىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ. بەدەننى ئۆستۈرۈشكە تەييارلايدۇ.گويا ئەڭ ئاخىرقى غىزا قۇبۇل قىلىنىپ بولغاندا ، تەبىئەت ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك، قاتتىق ھەرىكەت قىلىدۇ. نەتىجىدە كۈچلۈك بىر تەسىر مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئۇ كۈچلۈك ھەرىكەت جىما(جىنسى مۇناسىۋەت)غا ياردەم بېرىدۇ. نورمال جىمادىن كېيىن كىشىنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالغان خىيال يوقايدۇ، كىشى تېتىكلىشىدۇ، قاتتىق ئاچچىق بېسىلىدۇ، تىنچلىنىدۇ. [...]

15 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ھەكىم مۇھەممەد ئەھمەدخاننىڭ شىپاخانىسىغا كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېيتتى. بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئىشتىھايىم ياخشى ئەمەس، تاماقنى ناھايىتى ئاز يەيمەن، زورلاپ يېگەنلىرىم ياخشى ھازىم بولمايدۇ، يەل پەيدا بولىدۇ، لېكىن ماڭمايدۇ، ئاغزىم ئاچچىق بولۇپ تۇرىدۇ. دېئاگنۇز قويۇش ۋە دورا بەلگىلەش: ھەكىم ئۇنىڭغا ھەزىم قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى دەپ دېئاگنۇز قويدى ۋە دورا بەلگىلىدى. ئەتىگەن كەچتە جاۋارىش كۇمۇنىدىن يەتتە [...]

بۇ ئەسلىدە يەمەن تىلىدا قەھۋە دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بىر خىل قۇيۇق ھاراقنىڭ ئاتىلىشى ئىدى. كېيىن ئۇ بىر خىل ئالاھىدە مېۋىنى كۆرسىتىدىغان بولغان ، ھاراق ئىچىش ھارام بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىچىشنى تاشلىغان. ماھىيىتى: ئۇ يەمەن تاغلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ھەبەشىستاندا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت. ئۇ زىربادات ئاراللىرىنىڭ بىرى بولغان تەباۋىيە ئارىلىدىنمۇ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۇرۇقى [...]

سەھىپە: خام دورىلار

سەككىز ياشلىق بىر بالا ھەكىم مۇھەممەد زۇڧەرخان ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئاتىسى تەرىپىدىن مەلۇم قىلىندى. بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئىككى ھەپتە بولدى ، كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ بالا كۆزۈم كۆرمىدى دەيدىغان بولۇۋالدى. قاراڭغۇ بولغانسىرى كۆزىنىڭ كۆرۈشى شۇنچە ناچارلىشىپ كېتىدۇ، چوڭ تەرىتىمۇ ئاز ھەم قەۋزىيەت بار. دېئاگنوز قويۇش ۋە دورا بەلگىلەش: ھەكىم ساھىب بىمارغا نامازشام قارىغۇسى دەپ دېئاگنۇز [...]

شىپايى مەى بېزى ئىچىملىكى بۇ شەربەت بەدەننىڭ ئۇزۇقلاندۇرغۇچى كۈچى، تۇتۇپ تۇرغۇچى كۈچى ۋە چىقىرىش كۈچىنى كۈچەيتىش، ئىللەتلەرنى تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە مەزى بېزى يوغىناشتىن بولغان سۈيدۈكنىڭ دەممۇدەم كېلىشى،سۈيدۈك تېمىپ توختىماسلىق، بەل،تىز تېلىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، مەنى بالدۇر كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بىر قۇتىسى 250گرام باھاسى 30 يۈئەن. بىر [...]

داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىشى سەۋەبى: تۇغۇتتا داس بوشلۇقى ئەتراپ سۆڭىكىنىڭ ئاجراپ كېتىشى ياكى تۇغۇتتىن بالدۇر تۇرۇپ كېتىش سەۋەبىدىن داس بوشلۇقى ئۇستىخانلىرىنىڭ ئۆز جايىغا ئورۇنلاشماسلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ھۆل سوغۇق نەرسىلەرنى ككپ ئىستىمال قىلىشتىن مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئالامىتى: ئولتۇرۇپ، قوپۇش، يېتىش ۋە ھەرىكەت قىلغاندا تىز، ئۇشۇق قىسمىدا غىرىسلىغاندەك ئاۋاز پەيدا بولۇش، پۇت- قوللىرى ئېغىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. [...]

بۇغا ھەققىدە ئۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ئۇييەل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تاغلارنىڭ ئۆڭكۈرلىرىنى تۇرالغۇ قىلىدىغان بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان. پارسچە گوزەن، گاۋ كوھى(تاغ كالىسى)ھىندىچە بارە سىنگاھ دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ ھىندىچە نامىنىڭ مەنىسى 12 مۈڭگۈزلۈك دېگەننى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مۈڭگۈزى كۆپ بولغاندا خۇددى دەرەخ شېخىغا ئوخشاش 12 شاخ بولىدۇ. ئۇنىڭ مۈڭگۈزى باشقا ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىنىڭ ئەكسىچە چىشقا ئوخشاش قاتتىق، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ [...]

سەھىپە: خام دورىلار