تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


بۇ ئەسلىدە يەمەن تىلىدا قەھۋە دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بىر خىل قۇيۇق ھاراقنىڭ ئاتىلىشى ئىدى. كېيىن ئۇ بىر خىل ئالاھىدە مېۋىنى كۆرسىتىدىغان بولغان ، ھاراق ئىچىش ھارام بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىچىشنى تاشلىغان.

ماھىيىتى: ئۇ يەمەن تاغلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ھەبەشىستاندا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت. ئۇ زىربادات ئاراللىرىنىڭ بىرى بولغان تەباۋىيە ئارىلىدىنمۇ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۇرۇقى رىم ئايلىرىدىن بولغان ئازەر ئېيىدا تېرىلىدۇ. ئاب ئېيىدا يې تىشىدۇ، پەسىللىك ۋە پەسىلسىز بولىدۇ. يەنى چۆللەردە ئۆزى ئۆسىدۇ ھەم تېرىلىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ياۋىسى ۋە تېرىلىدىغىنى بولىدۇ. ئۇ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق ياخشى ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ بەك ئىنچىكە شاخلىرى كېسىۋېتىلىدۇ. يارىمايدىغان ئاجىز گۈللىرى چۈشۈرىۋېتىلىدۇ. ياخشىلىرى سۇغۇرۇش ۋە باشقا تېگىشلىك پەرۋىشلەر ئارقىلىق ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىرى يەمەنننىڭ بەيتۇل ڧەقيھ دېگەن يىرىدىن چىققانلىرىدۇر.

ئۇ رەڭگى يېشىل، چوڭ كىچىكلىرى ئوتتۇرىھال، خۇشپۇراق، خۇشتەم بولغان ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ دەرىخىنىڭ غولى بار بولۇپ، باش بارماق چوڭلۇقىدا، ئىككى غۇلاچتىن ئۈچ غۇلاچقىچە ئېگىزلىكتە بولىدۇ. جىغان ئۈسۈملۈكىگە ئوخشايدۇ.


گۈلى ئاق، مېۋىسى قارا رەڭلىك غىلاپ ئىچىدە بولۇپ، چوڭلىرى ھەببۇلغار چوڭلۇقىدا، كىچىكلىرى پىندۇق چوڭلۇقىدا بولىدۇ. پوستى ئىككى مېۋىنىڭ پوستىدىن چۈرۈكرەك بولىدۇ. ئىچىدىن ئىككى تال مېغىز چىقىدۇ. ھەر بىر مېغىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇغداي دېنى ۋە خورما ئۇرۇقىنىڭ يېرىقىغا ئوخشاش يېرىق بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دېنى بۇغداي دېنىدىن چوڭراق، خورما ئۇرۇقىدىن كىچىكرەك يېشىل بولىدۇ. ئىچىدە پۈرلەشكەن نىپىز پەردىسى بولۇپ، ئازراق ئاچچىق بولىدۇ.

ئۇنىڭ ياخشىلىرى يەمەندىن چىققىنى،يەنى يېشىل ،ئېغىر بولۇپ، سۇغا سالسا تېگىگە چۆكىدىغانلىرىدۇر. ئۇنىڭ ھەبەشىستاندىن چىقىدىغان قارىلىرى ناھايىتى ناچار بولۇپ، ئاچچىق،بەتتەم بولىدۇ. ئۇنىڭ تەباۋىيە ئارىلىدىن چىققىنى يەمەن ۋە ھەبەشىستاندىن چىققىنىدىن ئاقراق ۋە چوڭراق بولىدۇ، ئۇنىڭ ھۆلىنىڭ مەلۇم مىقداردا چاپلاشقاق سۇيۇقلۇقى بار بولۇپ، تاتلىق، قىرتاق بولىدۇ. قۇرۇغاندا تاتلىقلىقى ئازلايدۇ ۋە بارا بارا يوقىلىدۇ.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ بايقىلىشى مۇنداق بولغان ئىكەن: شەيخ ئەبۇلھەسەن شازۇلى رەھىمەھۇللاھنىڭ يەمەن تاغلىق رايونىدا ئىبادەتخانىسى بار ئىكەن . ئۇنىڭ مۇرتلىرى كېچىسى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىپ، كۈندۈزى رىيازەت چېكىپ ھارىدىكەن ۋە چارچايدىكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ بەزىسى مەزكۇر دەرەخنىڭ مېۋىسىنى ئۇچرىتىپ مەلۇم مىقداردا يەپ بېقىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ھارغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى باشقىلارغىمۇ سۆزلەپ بېرىپتۇ. باشقىلار يېگەن ئىكەن ئۇلارغا پايدا قىلىپتۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى پىرىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن، پىرى ئۇنى قاينىتىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇلار مەزكۇر مېۋىنى يىغىپ ئېلىپ كىلىپ، قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچكەن ئىكەن، ھەممەيلەننىڭ ھارغىنلىقى چىقىپ تېتىكلىشىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ خەۋەر يېقىن يېراقلارغا ئاستا ئاستا تارقىلىپ بۇ مېۋە تۇنۇلۇپتۇ، ھەر قايسى ئەللەردىكى سودىگەرلەر ئۇنى باشقا يەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ سېتىشىپتۇ.
داۋامى بار….



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....