تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئۆز ۋاقتىدا قىلىنغان نورمال جىنسى مۇناسىۋەتتە بەدەندىكى ئارتۇق نەرسىلەر چىقىپ كېتىدۇ. بەدەندىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ. بەدەننى ئۆستۈرۈشكە تەييارلايدۇ.گويا ئەڭ ئاخىرقى غىزا قۇبۇل قىلىنىپ بولغاندا ، تەبىئەت ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك، قاتتىق ھەرىكەت قىلىدۇ.
نەتىجىدە كۈچلۈك بىر تەسىر مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئۇ كۈچلۈك ھەرىكەت جىما(جىنسى مۇناسىۋەت)غا ياردەم بېرىدۇ. نورمال جىمادىن كېيىن كىشىنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالغان خىيال يوقايدۇ، كىشى تېتىكلىشىدۇ، قاتتىق ئاچچىق بېسىلىدۇ، تىنچلىنىدۇ. جىما ئارقىلىق تېتىكلەشتۈرۈش مېڭە ۋە يۈرەكنىڭ قاتلاملىرىغا يىغىلغان بۇخاراتنى يوقىتىش سەۋەبلىك مالىخۇلىيا ۋە سەۋدا كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بەدەنگە ماددىلار تولۇش خارەكتىرلىك بۆرەك ئاغرىقىغا ۋە بارلىق بەلغەم كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ تەبىئى ئىسسىقلىق كۈچلۈك بولۇپ، مەنىينىڭ چىقىشى بىلەن تەبىئى ئىسسىقلىقنى ئاجىزلاشتۇرالمايدىغان كىشىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن جىمادىن كېيىن كىشىنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىدۇ. ئىككى چات ئاغرىقى ۋە ئىككى ئۇرۇقداندا بولغان ئىششىق ماددىلىرىنى يوقىتىدۇ.

جىمانى تەرك ئەتكەنلىكتىن بولغان كېسەللىكلەر، مەنىي بوغۇۋالغان، كۆزى قاراڭغۇلاشقان، بېشى قايغان، ئىككى سۈيدۈك نەيچىسى ئاغرىغان، بېلى ئاغرىغان، بەل ئىششىغان كىشىگە نورمال جىما پايدا قىلىدۇ.

مىزاجى جىما قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جىمانى تەرك ئەتسە بەدىنى سۇۋۇيدۇ، ئەھۋالى ناچارلىشىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ ھەتتا كۆڭلى ھېچنەرسە تارتمايدۇ، يېگەن تاماقنى قۇسۇپ تاشلايدۇ، بەدىنىدە تۈتۈن خارەكتىرلىك بۇخارات بولغان كىشىگە جىما مەنپەئەت قىلىدۇ. بەدەننى يەڭگىللەشتۈرىدۇ. ئۇ كىشى ئەندىشە قىلىۋاتقان، تۈتۈن خارەكتىرلىك بۇخارات بۇغۇلۇش زىيىنىنى يوق قىلىدۇ.

ئەرلەر جىمانى تەرك ئەتكەندە بەدەندە مەنى يىغىلىپ قېلىش، سۇۋۇپ كېتىش بىلەن زەھەرگە ئايلانغانلىقتىن ، مەنى يۈرەك ۋە مېڭىگە زەھەرلىك بۇخارات يەتكۈزىدۇ. جىمانى تەرك ئەتكەن ئاياللاردا بالىياتقۇ بۇغۇلۇپ قالغانلىقتىنمۇ ئوخشاشلا يۈرەك ۋە مېڭىگە زەھەرلىك بۇخارات يەتكۈزۈش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭدا زەھەر كۈچىيىشتىن ئىلگىرى زەرەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنى بەدەن ئېغىرلاش، بەدەن سۇۋۇپ كېتىشتۇر.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....