بىر ياشانغان ئايال ھەر كۈنى ئېشىپ قالغان چاي سۈيى بىلەن يۈزىنى يۇيىدىكەن، پۇتىنى چىلايدىكەن. ئۇ كىشلەرگە تېرىسىنىڭ، ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئېشىپ قالغان چاينىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئېشىپ قالغان چاي راستىنلا شۇنداقلا خاسىيەتلىكمۇ؟
دۆلەتلىك چاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو شاۋچۈەن مۇنداق دەيدۇ: چاي تېرىنى سۈزۈلدۈرىدۇ، چايدىكى ۋىتامىن، چاي پولىفىنولنىڭ تېرىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار. يۈزگە يەلتاشما چىقسا ياكى يۈز تېرىسى قىچىشسا چاي سۈيى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرسە ئۈنۈم بېرىدۇ. چاي سۈيىنى تېرىنى نۇرلۇق، سۈزۈك، پارقىراق قىلىدۇ. چاي بىلەن چاچنى يۇيغاندا باش تېرىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، قىچىشىشنى توختىتىدۇ. كۆز چارچاپ، قىزىرىپ، قان تولۇپ قالسا چاي بىلەن يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ. ئەتىگىنى تەمى ئانچە ئۆزگىرىپ قالمىغان چاي بىلەن چىشنى چوتكىلاپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىش مىلىكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ ياللۇغ يوقىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقان چاي يوپۇرمىقىنى قۇرۇتۇپ ياستۇق قىلىپ ئۇخلىغاندا نەپەسلەنگەندە چىقارغان غەيرىي پۇراق، ھاۋادىكى چاڭ–توزان، كانىلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ. يۇمشاق چاي يوپۇرمىقى يەنە كېچىدىكى شاۋقۇننى سۈمۈرەلەيدۇ.
ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە چاينىڭ ئىسسىقنى ھەيدەش رولى بار. چاي يوپۇرمىقى ياستۇقى باش–بويۇنغا تەگكەندە، تەرنى قۇرۇتۇپ، سالقىن ۋە راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ. ھۆل ئەسۋەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ ئۇسۇل ياشانغانلار ۋە بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. چاي يوپۇرمىقى ياستۇقىنى دائىن قۇرۇق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.