ئادەم ئۇخلىغاندا كېكىردەك مۇسكۇللىرى بوشاپ نەپەس يولى تارايغانلىقتىن، نەپەس يولىدىن ئۆتكەن ھاۋا بوشىغان مۇسكۇللارنى تەۋرىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ خورەك پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ باش قىسمى ھەرىكەتلەندۈرۈلسە كېكىردەك مۇسكۇللىرى قايتىدىن تارىيىپ نەپەس يولى كېڭەيگەچكە، خورەكمۇ يوقايدۇ.
يېقىندا، كانادادىكى بىر شىركەت خورەك يوقىتىدىغان ياستۇقنى ئىجاد قىلىپ بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۇ ياستۇق ياستۇق ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەل خالتىسى ۋە ياستۇقنىڭ يېنىدىكى ئاۋاز ئىندۇكتورىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆزى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان خورەك ئاۋازىغا ئاساسەن، يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ‹‹قوزغىتىش نۇقتىسى››نى بەلگىلەپ قويىدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندا چىقارغان ئاۋاز ‹‹قوزغىتىش نۇقتىسى››غا يەتكەندىن كېيىن، ئاۋاز ئىندۇكتورى يەل خالتىسىغا ئاپتوماتىك يەل قاچىلاش ۋە يەل قويۇۋېتىش بۇيرۇقى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خورەك تارتقۇچىنىڭ بېشى ھەرىكەتلىنىپ خورەك ئاۋازى يوقايدۇ.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر (ت)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى