تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تەربىيەدە سەۋرچانلىق كېرەك

  تەربىيەگە ئائىت تېمىلار بەك كۆپ، ئۇنىڭ نېگىزىنى قانداق قىلغاندا سەۋرچانلىققا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ؟

    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ھەممىلا ئادەم تەربىيەنى بىلىمىز دەپ قارايدۇ، لېكىن مېنىڭچە بۇ، بىر خىل ‹‹تەمەننالىق››.

    تەربىيەنى ئادەم ئۆگىتىدۇ. ئۆسۈملۈك دۇنياسىدا ئوپمۇئوخشاش ئىككى يوپۇرماق بولمايدۇ، جانلىقلار دۇنياسىدىمۇ شۇنداق. ئادەمنىڭ مۇرەككەپلىكى تەربىيەگە ئائىت تېما، سىياسەت، چوڭلارنىڭ بالىلارغا ئۈلگە بولىدىغان سۆز – ھەرىكىتى، مۇھىت بەرپا قىلىشنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋاپىق، سەۋرچان بولۇشىنى بەلگىلىگەن.

    بالىلىرىمىزمۇ سەۋرچان بولۇشى كېرەك. ئائىلە تەربىيەسىدىمۇ شۇنداق، مەكتەپ تەربىيەسىدىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. بالىلارنى تەربىيەلەش بىر جەريان، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ بىر جەريان، بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشىمۇ يەنە بىر جەريان. بۇ جەريانلاردا بالىلارغا چېتىشلىق ئىش بولسىلا جەزمەن سەۋرچان بولۇش كېرەك. ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئېلىپ باغچىلارغا، دەرس تەكرارلىتىشقا بارىدۇ، ئەگەر بۇ ۋەزىپە بولىدىغان بولسا، ئۇنى تېزلا تۈگىتىشكە، ئۈنۈم كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ، نەتىجىدە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە سەل قارايدۇ، ئەمما بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان قانۇنىيەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. قانۇنىيەتكە سەل قارىساق، يېنىكرەك بولغاندا ئاز ئىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا، ئېغىرراق بولغاندا جازالىنىشقا توغرا كېلىپ، مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشتەك ئاقىۋەتكە قالىمىز.

    ئوقۇتقۇچىلارمۇ سەۋرچان بولۇشى كېرەك. توغرىسىنى ئېيتقاندا، مەكتەپ تەربىيەسىنى ھەممىگە قادىر دەپ قارايدىغان ئائىلە باشلىقلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەلىپىگە سەل قارايدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەل قارايدۇ، بۇنى ئۆزگەرتىشمۇ بىر جەريان. ئوقۇتقۇچى ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە بالىلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بالىلار بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ بىللە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوقۇتقۇچىلا ياخشى ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلاردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەندىن كۆرە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەرگەن، ئۇلارنىڭ تەمىناتى ۋە ئورنىنى ئۆستۈرگەن ئاقىلانىلىكتۇر.

    مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ سەۋرچان بولۇشى كېرەك. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ روھىي ھالىتى ئۇ باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپ بىلەن زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ، دەل مۇشۇنداق بولغاندا، بۇ مەكتەپ مۇدىرى ياخشى مۇدىر، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇدىر بولالايدۇ.

    تەربىيەدىكى بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش ئېڭى، سۆز – ھەرىكەتلىرىنىڭ بالا تەربىيەلەشكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بالىلارنىڭ خۇشاللىقىنى تارتىۋېلىشتىن ساقلىنالمايمىز، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويىمىز، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ بەختسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ قويىمىز، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىمىز، مىللەتنىڭ گۈللىنىش قەدىمىنى ئاستىلىتىپ قويىمىز. شۇڭا تەربىيەدە جەزمەن سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك.


ئەسلى مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز