ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتتىن 130 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ. خىزمەت ئۇچۇرىنىڭ تەپسىلاتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn) ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ تورى (http://www.xju.edu.cn) دا ئېلان قىلىندى. ئىمتىھانغا قاتناشماقچى بولغانلار 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈندىن 30-كۈنىگىچە تىزىملىتىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللىرىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىغا (xjdxrsc-zp@163.com) يوللاش ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ. ئىمتىھاننىڭ كونكرېت ۋاقتى ۋە ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.