ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بىر خىل كەم ئۇچرايدىغان ماددا- سامساق تەركىبىدىكى ئاللىتسىن قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدىغان ئۈنۈملۈك رېتسېپ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يېڭى سامساق قاندىكى زىيانلىق خولىستىرىن مىقتارىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. سامساق تالقان قىلىپ ياسالغان مەھسۇلاتلار خولېستېرىننى %8تۆۋەنلىتىدىكەن. يېڭى سامساق بولسا خولېستېرىننى %15تۆۋەنلىتىدىكەن. سامساققا ئامراق كىشلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن. چۈنكى، سامساق قاندىكى خولىسترىن ۋە گىلىتسېرىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.
ئاچچىقسۇنىڭ قان تومۇرنى يۇمشىتىش رولى بارلىقى ھەممىگە ئايان. ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلغاندا قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، كۈندە چۈشلۈك، كەچلىك تاماقتىن كېيىن شېكەرلىك ئاچچىقسۇغا چىلانغان سامساقتىن يېرىم باش يەپ بەرسە بولىدىكەن. ئاشقازان ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ئىككى ئاي ئەتراپىدا يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، ياغسىز تاماقلارنى يەپ بەرگەندە ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن. ئۈچەي ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى بارلار ئاز يېيىشى كېرەك ئىكەن.