تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاچچىقنى بېسىشنىڭ 10 تۈرلۈك ئۇسۇلى

 


ئۆزىنى قاچۇرۇش . سىزنى خاپا قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرسىڭىز ، باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە ئازارلىشىپ قالمايسىز . 
   بۇراش . دىققىتىڭىزنى بۇراپ كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىدىغان ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز ، ئاچچىقىڭىز يېنىپ قالىدۇ . 
   چەكلەش . كۆڭۈلسىز خىياللارنى مەقسەتلىك ھالدا چەكلەپ ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تەنقىد قىلىپ ، ئىرادە ئارقىلىق ھېسياتىڭىزنى تىزگىنلەڭ . 
   ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش . يىقىن دوستىڭىزغا دەردىنى تۆكۈۋالسىڭىز روھىي جەھەتتىن يېنىكلەپ ، كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ . 
   يۆتكەش . مەلۇم بىرىگە بولغان بىزارلىق ، غەزەپلىنىش  كەيپىياتىڭىزنى باشقا بىر ئوبيېكىتقا يۆتكەپ ، ئاچچىقىڭىزنى ياندۇرۇڭ . 
   ئىنكار قىلىش . ئۈمىدۋار بولۇپ ئۆزىڭىزدە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بارلىقىنى ئىنكار قىلىڭ . 
   يول قويۇش . قارشى تەرەپ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتسا ، تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرماي ، ئاقىلانىلىك بىلەن يول يول قويسىڭىز ، ئازارلىشىشتىن ساقلىىنالايسىز ھەمدە تەربىيە كۆرگەنلىكىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز . 
   تەسەۋۋۇر قىلىش . ئاۋۋال كۆزئالدىڭىزدىكى ئوسال ھالەتكە تەن بېرىڭ . ئاندىن ئۇ ئىشنى ھازىرقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئوسال ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىڭ . 
   ئورنىغا دەسسىتىش . ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا ياكى كەسىپكە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقنى ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىڭ . 
  ئۆزىنى ئاقلاش . بىرەر باھانە –سەۋەب كۆرسىتىپ كەيپىياتىڭىز ۋە قىلمىشىڭىزنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ . 

مەنبە:ساغلاملىق خەۋىرى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز