مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ئاپتاپ چىققان كۈنلىرى پايپاقنى سېلىۋېتىپ پۇتنىڭ ئاستىنى ئاپتاپقا 30 مىنۇتچە سېلىپ بەرسە پايدىسى بولىدۇ، بۇ ‹پۇتنى ئاپتاپ ۋاننىسىدا يۇيۇش›دەپ ئاتىلىدۇ. پۇت ئالىقىنى ئاپتاپقا سېلىنغاندا، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر پۇتنىڭ ئاستى ئارقىلىق بەدەنگە ئۆتۈپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ھاياتى كۈچىنى زورايتىدۇ. بۇ ئۇسۇل يەنە بۇرۇن ياللۇغى، قان ئازلىق كېسىلى بارلارغا، قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەرگە بەكرەك پايدا قىلىدۇ».
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى