دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك. گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ. گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا، قىزغىن ھاياتقا ئىنتىلدۈرىدۇ، كىشلەر قەلبىنى ياشارتىدۇ. ئەمما گۈزەللىكنى سۆيىدىغانلارنىڭ گۈزەللىكنى بىلىشى، گۈزەللىكنى بىلگەنلەرنىڭ گۈزەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەگەر سىز گۈزەل خانىم–قىزلاردىن بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى ئىللەتلەردىن ساقلىنىڭ:
1. رەتسىز كىيىنىش، ئۈستبېشىنى تۈزەپ يۈرمەسلىك ، ئۆزىنىڭ ياش قۇرامى، رەڭگى، فىگورىسىغا قارىماي، كىيىمنىڭ رەختى، رەڭگى، پاسونىدا مودا قوغلىشىش، جۇغى كىچىك ئاياللار كەڭ كىيىملەرنى كىيىۋېلىش، سېمىز ئاياللار توغرا سىزىقلىق، چوڭ چاقماقلىق رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، تېخىمۇ سېمىز كۆرۈنۈش، ئورۇق قىزلار قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، تېخىمۇ ئۇرۇق كۆرۈنۈش، ئۇخلاش كىيىمى، ساپما كەش بىلەن سىرتقا چىقىش؛
2. ئۆزىنىڭ كۆكرەك، بەل، بىلەك، پۇتلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، يول يۈرگەندە، ئولتۇرۇپ قوپقاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا قوپال ھەرىكەتلەرنى قىلىش، بۇرنىنى كوچىلاش، ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇۋالماي ئەسلەش؛
3. تولا گەپ قىلىش، قوپال سۆزلەش، كىشلەرنىڭ غۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، قەستەن ئەركىلەش، ئاغزى ئىتتىكلىك قىلىش، باشقىلارغا گەپ بەرمەسلىك؛
4. قېنىق گىرىم قىلىش، قاپقارا قاشلىق سىزىۋېلىش؛
5. قېيىنئاتا–قېيىنئانىلىرىنى، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئېرىنىڭ كىچىككىنە كەمچىلىكىگە بەكلا ئېسىلىۋېلىش، سەۋرچان بولماسلىق؛
6. ئۆزىنىڭ چىرايى، فىگورىسىغا ھەۋەسلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختاپ ئۇچۇرۇشلىرىنى تەمە قىلىش، كەمتەر، سەمىمىي بولماسلىق، ساختا مۇئامىلىدە بولماسلىق، تەنقىد ئاڭلاشنى ياقتۇرماسلىق.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى