تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى قانداق يېگەندە ئەڭ ساغلام بولىدۇ؟

تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردە ساقلىنىۋاتقان بىرىنچى مەسىلە ــ بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ناترىي زىيادە كۆپ بولىدۇ. بۇنداق يۇقىرى تەركىبتىكى ناترىي مىقدارىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا بولغان خەتىرى خېلى چوڭ.

ئىككىنچى مەسىلە ــ تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ياغ مىقدارى زىيادە كۆپ، چۈنكى گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ياغ مىقدارى ئاز بولغاندىمۇ %20 تىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى «گۆشلۈك يېمەكلىك بىلەن گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش». ئالدى بىلەن تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى بىردىنبىر ئاساسلىق تاماق قىلىۋالماسلىق كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى پىشۇرغاندا ئازراق كۆكتات قوشۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ياغنىڭ، ناترىينىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە غىزالاردىكى تالالار، كۆپ تۈردىكى ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىمۇ تولۇقلىغىلىمۇ بولىدۇ.

توڭلىتىلغان گۆشنى يېمەكچى بولغاندا، ئىسسىق سۇ بىلەن تېز سۈرئەتتە ئېرىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئىسسىق سۇ بىلەن توڭلىتىلغان گۆشنى ئېرىتمەكچى بولغاندا، توڭلىتىلغان گۆش تەركىبىدىكى ياغ بىلەن ۋىتامىن ئېقىپ كېتىدۇ ھەم گۆشنىڭ ساپلىقىمۇ يوقاپ كېتىدۇ.

توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا بىرىنچىدىن، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك. يەنى ئوروغا يېزىلغان زاۋۇتتىن چىقىش ۋاقتىغا قاراپ، ئامال بار زاۋۇتتىن يېڭىلا چىققانلىرىنى تاللاش، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ بىر ئاي ئىچىدىكى مەھسۇلات بولۇشى كېرەك. ياغ مىقدارى قانچە يۇقىرى بولغان يېمەكلىكنىڭ ساپلىق دەرىجىسىگە شۇنچە دىققەت قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، مەھسۇلاتنىڭ ھالىتىگە قاراش كېرەك.




ئەسلى مەنبەسى: jingyan.baidu.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز