تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا

ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ مەزمۇن ۋەشەكىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا

ھۆرىگۇل تۇرسۇنباقى

(قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فلولوگىيە فاكۇلتېتى 2008- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى 

    ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئېغىز ئەدەبىياتى تارىخىدا نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئىجادقىلغان. بۇ چۆچەكلەرنىڭ بىر قىسمى ئۆز ۋاقتىدا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن توپلاپ، رەتلىنىپ زامانىمىزغىچەيېتىپ كەلگەن. بالىلار چۆچەكلىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، خەلق چۆچەكلىرى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلغان. ھازىرقى دەۋردىمۇ  بىر قىسىم يازغۇچى ۋە ئەدەبىياتھەۋەسكارلىرى بالىلار چۆچەك ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېڭى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتىنى تېما ۋە مەزمۇنجەھەتتىن بېيىتىشقا ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا 1981-يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلايېزىسىدا تۇغۇلغان، 1997- يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ رەسىم- مۇزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.  2000-يىلى 11-ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇر مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان.  ھازىر شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىبولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1999- يىلى « خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان«توخۇغا سۆز» ناملىق ساتىرىك شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم» ، «يېڭى قاشتېشى»،«تۇرپان»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» ... قاتارلىقگېزىت- ژۇرناللاردا «چىنتۆمۈر باتۇرنىڭ شەھەرگە كىرىشى»، «يىشونىڭ مەكتەپكە كىرىشى»، «جۇباجيېنىڭخوتۇن تالاق قىلىشى »، «ھاكىم نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يېڭى بۇيرۇقى» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇقفېليەتونلىرى، «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق»، «توشقاننىڭ كالپۇكى نېمىشقا يېرىق»، «ئالما ھەققىدە رىۋايەت»،«مېكىياننىڭ ھېكايىسى»، «قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى» قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار چۆچەك- مەسەللىرىئېلان قىلىنغان. «غەربىي دىيار تانسىخانىسىدىكى سۆھبەت» ناملىق فېليەتونى خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئىيىتى تەرىپىدىن 2006- يىللىق «ئەڭ ياخشى ئەسەر»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ پۈتۈن زېھنىنى بالىلار ئەدەبىياتى چۆچەك ژانىرى ئىجادىيىتىگە بېغىشلاپ، بالىلار ئۈچۈن كۆپلىگەن نادىر بالىلار چۆچەكلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئەخمەتجان ئابدۇللا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان2006-يىلى 9- ئايدا « چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق »، 2009- يىلى 5- ئايدا «مۇنەججىم توشقان »، 2011- يىلى1- ئايدا « ئۇر توقماقنىڭ ئاقىۋىتى»، 2012-يىلى 12- ئايدا «يۇلتۇز قىز»، 2012-يىلى 12- ئايدا «چېچەنئوغلاق»  قاتارلىق بىر يۇرۇش بالىلار چۆچەك- مەسەللىرى توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنئالقىشىغا ئېرىشكەن.  بۇ چۆچەكلەرنىڭ تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، مەزمۇن قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ۋەقەلىكىنىڭقىزىقارلىق ۋە تەسىرلىكلىكى، ئوبرازلارنىڭ جانلىقلىقى، رېئاللىق بىلەن خىيالنىڭ يۈكسەك دەرىجىدەبىرلەشتۈرۈلگەنلىكى، شۇنداقلا بايان تىلىنىڭ راۋان، يۇمۇرىستىك، گۈزەل ۋە پاساھەتلىك بولۇشىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى،  مول تەسەۋۋۇر ۋە شېئىرىي پۇراقنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغاسازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ: 1.مەزمۇن ئالاھىدىلىكى جەھەتتە:چۆچەكلەر ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كەڭ ئەمگەكچى خەلققە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىش، تەبىئەتنىئۆزگەرتىش ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئەمگەكچى خەلقنىڭ جەبرى-جاپالىرىنى، خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى، گۈزەل كېلەچەكيارىتىش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق بىلەن بىرگە ياشىدى، خەلقنىڭ سىرداش دوستى ۋەمۇڭداش ھەمراھى بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان خەلقنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشپ كەلدى. بۇنىڭ سەۋەبىچۆچەكلەرنىڭ مول ئىدىيە ۋە توغرا تەربىيەۋى مەزمۇنغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يۇكسەك بەدىئىيلىككە، بەدىئىيئوبرازلارغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. بالىلار چۆچەكلىرىمۇ خەلق چۆچەكلىرىنىڭ بۇ خىل تەربىيەچانلىق ئىزىدىن بېسىپ، ئەجداد ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى.     1) ئادەتتىكى پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقان.       بالىلار چۆچەكلىرىدە ئوبراز ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، مەزمۇن ئوبراز ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلىدۇ.چۆچەكلەردىكى ئوبرازلارغا ئاپتورنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتى ۋە غايىلىرى سىڭدۈرۈلىدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللاچۆچەكلىرىدە ئاساسەن رېئال ئادەملەر ۋە ھايۋاناتلار ئوبرازلىرى يارىتىلغان.      چۆچەكلەردە ھەر خىل شەيئىلەر، جانلىقلار ئوبراز بولالايدۇ. لېكىن، چۆچەكلەر دۇنياسىدىكى ئاساسىي باشقەھرىمان يەنىلا ئادەم، چۆچەك ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى كىشىلىك تۇرمۇش، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭتەقدىرىدىن ئىبارەت. چۆچەكلەرنىڭ بەدىئىي سېھرىي كۈچى ئاساسلىق ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىنىئاجايىپ – غارايىپلىققا ئىگە قىلىپ نۇرلاندۇرۇۋەتكەنلىكىدە ۋە بۇ ئارقىلىق چۆچەك ئاڭلىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرۇپھاياجانلاندۇرۋەتكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چۆچەكلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغانئادەتتىكى كىشىلەر ئوبرازلىرى چۆچەكلەر دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدۇر. ئەخمەتجان ئابدۇللا ئۆزىنىڭ «خاسىيەتلىك ئالما»، « قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى» ، «يۇلتۇز قىز»، «توختەك باي»،«ھورۇننىڭ مەسلىھەتى»، «سۇناي ھەققىدە رىۋايەت»، «قاراقاشلىق ئوغۇل»، «بوۋاينىڭ ھەسرىتى»، «ئۇرتوقماقنىڭ ئاقىۋىتى»، «شوخباشنىڭ ئورمان سەپىرى» قاتارلىق چۆچەكلىرىدە ئەتراپىمىزدىكى ئوخشىمىغان ياشتىكى، ئوخشىمىغان كەسىپتىكى رېئال كىشىلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان، ئاساسەن بالىلار باش پېرسوناژ قىلىنغان، بۇچۆچەكلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى بالىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئېسىل پەزىلەتلىرى بالىلارنىڭخاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ.      ھايۋاناتلار باش پېرسوناژ قىلىنغان چۆچەكلەردە ئاساسەن دېگۈدەك تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل ھايۋانلار باشپېرسوناژ قىلىنىپ، بۇلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ئىپادە قىلىنىدۇ، بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرىچۆچەكلەرنىڭ مەدھىيەلەش ئوبيېكتى بولۇپ، ئۇلار ئارقىلىق ئەمگەكچى خەلقنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرى ئەكسئەتتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن : «توشقاننىڭ كالپۇكى نېمىشقا يېرىق »، «ئات خاننىڭ مۈڭگۈز تەقسىماتى»، «ئۆچكەئائىلىسىنىڭ كۆچەت تىكىشى»، «ئاقيۈز بۆجەننىڭ يەسلىگە بېرىشى»، «مۈشۈك ساقچى بىلەن چاشقان ئاقچى»،«ئاتنىڭ ھېكايىسى»، «تايچاقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» قاتارلىق چۆچەكلەردە تاشپاقا، ئات، ئۆچكە ، ئۆكۈز ، مۈشۈك، بۆجەن، تايچاق، ئىت، تۆگە ، قوي ، قوزىچاق قاتارلىق بالىلارغا تونۇش بولغان ھايۋانلارنىڭ ئىجابىي خاراكتېرىيارىتىلىپ، ئېسىل ئەخلاقىي- پەزىلەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، يەنە بەزى ھايۋانلار چۆچەكلەردە تەنقىد ۋە ھەجۋىيقىلىش ئوبيېكتى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل كەمچىلىك ۋە خاتالىقلار سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكىجازاغا ئۇچراپ، بالىلارنى باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  مەسىلەن : «ھۇقۇش»،«ھوقۇش بىلەن ھۆپۆپ»، «ھۇرۇن ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىر »، « مۇنەججىم توشقان»، « تۆھمەتخور قاغا» قاتارلىقچۆچەكلەردە ھۇقۇش، ھۆپۆپ، قاغا، ئېشەك، توشقان، بۆرە. . . قاتارلىق ھايۋانلار باش پېرسوناژ قىلىنىپ، بۇئوبرازلار ئارقىلىق خەلق ئارىسىدىكى يامانلىق ۋە قالاق ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەر پاش قىلىنىدۇ، ھەجۋىي قىلىنىدۇ.ھايۋاناتلار ئوبرازلىرى ئاساسلىق مەلۇم بىر خىل ھايۋاننى سىمۋول قىلىپ، ئۇنى ئادەملەشتۈرۈش ئارقىلىق يارىتىلغان، بۇنداق ئوبرازلاردا ئادەملەرنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتى بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن. ئاپتورھايۋانلارنىڭ ئەسلى قىلىق ، ئادەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، چۆچەكلەردىكى بەدىئىي پىكىرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، بۇخىل ئالاھىدىلىكلەرنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى خاراكتېرى بىلەن ماھىرلارچەبىرلەشتۈرۈلۈپ، ئادەملەشتۈرۈلگەن ھايۋانلار ئوبرازىنى ياراتقان.        2) سۇژىت تەرەققىياتى     چۆچەكلەردىكى چوڭقۇر مەركىزىي ئىدىيە ۋە يارقىن بەدىئىي ئوبرازلار ئاساسلىقى چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەلىكىئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. چۆچەكلەردە ئىپادە قىلىنغان رېئال تۇرمۇش ۋە پېرسوناژ خاراكتېرى بولسۇن، مەيلى ئاپتورنىڭغايىسى بولسۇن، مۇھەببەت نەپرىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەقەلىك ئارقىلىقئىپادىلىنىدۇ.       لېنىن بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ: « بالىلار ئۆز خاراكتېرى جەھەتتىن ئالغانداچۆچەكلەرنى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلايدۇ. ھەرقانداق بالىلار چۆچەكلىرىدە رېئالىستىك ئامىللار بار. ئەگەر سەن بالىلارچۆچەكلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چېغىڭدا قۇش بالىلىرىدەك، ئارسلاندەك سۆزلەشنى بىلمىسەڭ، بالىلار قىزىقارلىق ھېسقىلمايدۇ» دېگەنىدى. بۇ يەردە لېنىن تىلغا ئېلىۋاتقان « قىزىقتۇرۇش» باشقا نەرسە بولماستىن، بەلكى، بالىلارچۆچەكلىرىدىكى بالىلارنى جەلپ قىلغۇچى كۈچ، يەنى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بالىلار قەلبىدەتۈرلۈك غايىلەرنى ئويغىتالايدىغان ھەمدە ئۇلارغا قارىتا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بولغان ۋەقەلىكتۇر. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ « ئالما ھەققىدە رىۋايەت»، «يۇلتۇز قىز»، «ھۆپۆپ پادىشاھ»، « ھۇقۇش»، «تايچاقنىڭتۇغۇلغان كۈنى»، «مۇنەججىم توشقان»، «توشقاننىڭ كالپۇكى نېمىشقا يېرىق» قاتارلىق چۆچەكلىرىدە ۋەقەلىكئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاجايىپ – غارايىپ سېھىرلىك چۆچەكلەر سۆزلەنمەستىن، رېئالتۇرمۇشتىكى ئاددىي ئادەملەر، ھايۋانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، پىسخىك ھالەتلىرى، پائالىيەتئارقا كۆرۈنۈشلىرى بايان قىلىنغان. ۋەقەلىكى ئاددىي، تۇرمۇشقا يېقىن، تۇرمۇش چىنلىقى يۇقىرى، قىزىقارلىق، بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا، پىسخىكىسىغا ماسلاشقان.   3) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتئىنسان پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىنىڭ جەۋھىرى، تەبىئەت بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، بۇئىككىسىنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئىنسانلار كىچە- كۈندۈز تەبىئەت قوينىدا ياشايدۇ، ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىدۇ.تەبىئەتنى سۆيۈش-ئادەمنى تەبىئەت ئالىمىدىن زوقلىنىش، ھەمنەپەس بولۇشقا، ئۇنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىپ كۈرەشقىلىشقا، ئۇنىڭ بىلەن ماسلىشىپ ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ. تەبىئەتنى سۆيۈش- ۋەتەن، ئەل-يۇرت، ئەمگەك، ھاياتنىسۆيۈش روھىنى يېتىلدۈرىدۇ . دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئېستېتىك ئېڭىدا زورئۆزگىرىش بولدى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئادەم، تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى قاراشلىرى كۆرۈنەرلىكچوڭقۇرلاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىنسانىيەت تەقدىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىلمۇ -خىل تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن باش قاتۇردى، ئىزدەندى. ئەنە شۇتېمىلارنىڭ بىرى بولغان ئېكولوگىيە تېمىسى بۇگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت ھايات- ماماتىغا بىۋاسىتە تەسىركۆرسىتىۋاتقان، پۈتكۈل دۇنيا خەلقى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىم تېمىدۇر. بۇ ئورتاق يۈزلىنىشكە ئەگەشكەن ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەتىسى ۋە كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى، قۇرغۇچىلىرى بولغانبالىلارنى ئېكولوگىيەنى، ئانا تەبىئەتنى قوغداشقا، ئاسراشقا، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ئۈندەيدىغان ئېكولوگىيە تېمىسىبارا-بارا بالىلار ئەدەبىياتىدىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بىر قىسىم مەسئۇلىيەتچان بالىلار يازغۇچىلىرى بالىلارغاتەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى، ئۇنىڭ رەڭگارەڭ نېئمەتلەرگە تويۇنغانلىقىنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بېرىپ، ئۇلارنى تەبىئەت بىلەن يېقىنلىشىشقا چاقىردى. يازغۇچى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بۇچۆچەكلەردىمۇ  بۇخىل يۈزلىنىش تامامەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. . ئاپتورنىڭ چۆچەكلىرىگە قارايدىغان بولساق، «ئالما ھەققىدە رىۋايەت»، «ئورمان دوختۇر»، «ئۆچكە ئائىلىسىنىڭكۆچەت تىكىشى» قاتارلىق چۆچەكلەردە مۇھىتنى قوغداش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. « ئۆچكەئائىلىسىنىڭ كۆچەت تىكىشى» ناملىق چۆچەكنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا قاراقاش دەرياسىنىڭ تۆۋەنئېقىنىدىكى بەھرام ئۆستىڭى بويىدا ئولتۇرىدىغان ئۆچكە بوۋاي كۆچەت تىكىش بايرىمىدىن پايدىلىنىپ، نەۋرىلىرىئېگىز ئوغلاق بىلەن سېمىز ئوغلاقنى ئەگەشتۈرۈپ كۆچەت تىكىش ئۈچۈن تاغ باغرىدىكى دۆڭلۈككە چىقىدۇ. ئۆچكەبوۋاي نەۋرىلىرىنىڭ قېرىغاندا كۆچەت تىكىشنىڭ ئەخمەقلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا ، كۆچەتتىكىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىدۇ: ئۇنداق دېمە جان بالام، يامان بولىدۇ. ئورمان دېگەن زېمىنغا، قالقان بولىدۇ. ئورمان بولماي قۇم كۆچسە، بارخان بولىدۇ. بىز ياشىغان بۇ ماكان ، ۋەيران بولىدۇ. كۆچەت تىكسەك بۇ دۆڭگە، بوستان بولىدۇ. ئەجرىمىزدىن ئەۋلادلار، ئامان بولىدۇ. ئورمان راستىنلا« يەر شارىنىڭ ئۆپكىسى»، ئورماننىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى رولى چوڭ، ئورمان تۇپراقنى ياخشىلاش، ئۆزگەرتىش، ساقلاش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە، ئۇ تۇپراقنى سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ، شامالنىڭ ئۇچۇرۇپ كېتىشىدىنساقلاپ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ، ئورمان تۇپراق نەملىكىنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئازايتىدۇ، يىلتىزى ئارقىلىقتۇپراقنى تۇراقلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىقتىن مول ھۇسۇل ئېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئورماننىڭ يەنە شور قۇمنىتىزگىنلەش ئۈنۈمى يۇقىرى، شورلۇق يەرلەرگە شورغا چىداملىق جىگدە، سۆگەت، جىغان، يۇلغۇن قاتارلىقلارنى تىكىشئارقىلىق شورلۇق يەرنى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، قۇملۇق يەرلەردە ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئوت-چۆپئۆستۈرۈش ئارقىلىق قۇم بوراننى تىزگىنلەپ، مەھەللىگە قۇم بېسىپ كىرىش، كىشىلەرنىڭ ياقا- يۇرتلارغا كۆچۈپكېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئورمان كۆڭۈلدىكىدەك سۇ ئامبىرى بولۇپ، ئۇ تېنىدىكى سۇنى پارغائايلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇھىتنى سالقىنلاشتۇرىدۇ، ياز كۈنى ئىسسىپ كەتكەن ۋاقىتتا دەرەخ سايىسىدا راھەتلىنىپيېتىشنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئورمان ھاۋادىكى چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك، زەھەرلىك گازلارنىسۈمۈرۋېلىپ، مۇھىتنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئادەتتە نورمال ۋاقىتتا بىر كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قارىياغاچ ياپرىقى بىركېچە-كۈندۈزدە ئوتتۇز تۆت كىلوگرام چاڭ-توزاننى ئۆزىگە يېپىشتۇرۇۋالىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر موئورمانلىق يىلىغا ئوتتۇز توننىدىن ئاتمىش توننىغىچە توپا چاڭ-توزاننى سۈمۈرۈۋالىدۇ-دە، كېسەللىك تارقاتقۇچىمىكروبلارنى يوقىتىپ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئورمانمەھەللىمىزدىكى بەھرام ئۆستىڭىدەك ئېرىق- ئۆستەڭ، سۇ ئامبىرى قاشلىرىنى قوغداشتا مەسئۇلىيەتچان قاراۋۇلھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، قاراقاش دەرياسىغا ھەر قانچە ئۇلۇغ كەلكۈن كەلسىمۇ، توسما قاشلىرى مىت قىلماي تۇرىدۇ.ئورمان يەر شارىدىكى مىليونلىغان ھايۋانات، ئۇچار قاناتنىڭ باشپاناھى بولۇپ، بۇ جانلىقلارنىڭ ئورماندا ياشاپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى ئۈچۇن پايدىلىق. دېمەك، ئورماننىڭ ھەممە يېرى گۆھەر بولۇپ، ئۇنىڭكۆلىمىنى كېڭەيتىشكە، تۈرىنى كۆپەيتىشكە، قوغداشقا تامامان ئەرزىيدۇ. بۇ دۆڭگە كۆچەت تىكىش مەسىلىسىگەكەلسەك، بۇ دۆڭلۈك ئۇلۇغ بوۋاڭلار ۋاقتىدا مەھەللىمىزدەك ئاۋات بوستانلىق ئىدى، ئۇ چاغلاردا كۆچەت تىكىشكە، ئورمان بايلىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەچكە، ئورمانلار قالايمىقان كېسىلىپ، بىپايان ئورمانلىق ۋەيرانقىلىنغان. شۇ سەۋەبلىك تەكلىماكان قۇملۇقى كۈنسېرى مەھەللىمىزگە بېسىپ كىرىپ، بۇ دۆڭلۈك شەكىللەنگەن. بۇيەرگە كۆچەت قويۇش بىر تەرەپتىن ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يۇرت-ماكاننى، ئۆزىمىزنىقوغداش ئۈچۈندۇر.  ئاپتور بۇ يەردە ئۆچكە بوۋاينىڭ سۆزى ئارقىلىق بالىلارغا كۆچەت تىكىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى تەبىئەتنى سۆيۈشكە، ئورمان بەلۋاغلىرىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىدۇ. 2.  تىل ئالاھىدىلىكى ۋە مەزمۇن ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە :تىل ئاپتورنىڭ بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈش ئوبراز يارىتىش ۋە ھېس-تۇيغۇنى ئىپادىلىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىمۋاسىتە . ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى بولغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش باي ، خىلمۇ-خىل ۋە رەڭگارەڭ ، شۇنداقلا ناھايىتىئۆزگىرىشچان بولىدۇ ، شۇڭا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشنى بىلىش ، ئەكس ئەتتۈرۈش ، ھېسسىياتنى ئىپادىلەشۋاسىتىسى بولغان تىلمۇ بىپايان دېڭىزغا ئوخشاش تۇراقسىز ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، سانسىزلىغان ۋەقەلەر ۋەشەيئىلەرنى ئىپادىلەيدىغان چەكسىز يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. تىل ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى ، بالىلار ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ تىل ئۇنىڭ بىرىنچى ئامىلىۋە ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بالىلارنىڭ تىلىنىڭ ، تەپەككۇرىنىڭتەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش ، ئۇلارنى توغرا سۆزلەيدىغان ۋە توغرا تەپەككۇر قىلىدىغان، تۇرمۇشتىكى ھەرخىلمەسىلىلەرگە نىسبەتەن توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەشتە چوڭ رول ئوينايدۇ، چۆچەكلەرنىڭ تەسىرلىكۋەقەلىكى ۋە جانلىق ئوبرازلىرى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، چۆچەكلەرنىڭ تىلىئاددىي-ساددا، جانلىق، ئىخچام بولىدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ داۋاملىق قوللىنىدىغان ئاغزاكى تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ.شېئىرىي ئاھاڭدارلىققا، شېئىرىي پۇراققا ئىگە بولىدۇ. باشقا ھېكايە خاراكتېرىدىكى ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىنپەرقلىق ھالدا، چۆچەكلەرنىڭ تىلى قوشاقلارنىڭ تىلىغا ناھايىتى يېقىن كىلىدۇ، بۇ چۆچەكلەردە نۇرغۇن قوشاقلارقوللىنىپ، پېرسوناژلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى، خاراكتېر-خۇسۇسىيەتلىرى، ھېسسىيات چۈشەنچىلىرى ئىپادەقىلىنغان. ئەخمەتجان ئابدۇللا چۆچەكلىرىنىڭ بايان تىلى دائىم شېئىرىي رېتىم، قاپىيە ۋە ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ خىلئاھاڭدارلىق كۆپىنچە ئۇنىڭدىكى بىر-بىرىگە ماسلىشىپ كەلگەن يۇمۇرلۇق، قاپىيەلىك سۆزلەردىن شەكىللەنگەن.مەسىلەن: «يىل يىلنى قوغلاپ، ئىت پىلنى قوغلاپ»، «بۇ ئىش ھەممىگە ئېرىقتىكى تاشتەك، چىندىكى ئاشتەكئايان»، «ئۆيى مەھەللىدىن چەت، چىرايى ئالۋاسىتىدىن سەت»، «بار بىلەن يوقنىڭ ، ئاچ بىلەن توقنىڭ؛ بۇغدايبىلەن ماشنىڭ، ئېرىق بىلەن قاشنىڭ پەرقى يوق چاغدا»، «ئىلمىي ئەخلاق، كەسپىي ساۋاق»، «ئاسماندىكى ئاي، ئېرىقتىكى لاي»... قاتارلىق بىرىكمىلەر كۈچلۈك شېئىرىي ئاھاڭدارلىققا ئىگە. بۇ چۆچەكلەر يېزىلىش شەكلى جەھەتتىننەزمىي شەكىل، نەسرىي شەكىل، نەزمىي شەكىل بىلەن نەسرىي شەكىلنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلدەيېزىلغان. « سېغىزخان»، «كاپ-كاپ كۈچۈكنىڭ ھېكايىسى»، «خاسىيەتلىك ئالما»، «موزاي بىلەن تەخەي»،«چاشقان ھەققىدە رىۋايەت»، «قاراقاشلىق ئوغۇل»، «موزاي بىلەن تەخەينىڭ يۈگرەش مۇسابىقىسى»، «ئۇرتوقماقنىڭ ئاقىۋىتى». . . قاتارلىق چۆچەكلەر نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان . «قار ئەسلىدە  ئۇن ئىدى»، «مۈشۈكساقچى بىلەن چاشقان ئاقچى»، «قۇشقاچ»، «ئۈجمە كۆڭۈل»، «چالما بىلەن تاش» قاتارلىق چۆچەكلەر نەزىمشەكلىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا چۆچەكلىرى نەزمىي بىلەن نەسرىي شەكىلنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىلغان. نەزمىيشەكلىدە يېزىڭغان چۆچەكلەر ئاساسەن قوشاق شەكلىدە بولۇپ، تىلى جانلىق، چۈرۈك، قاپىيەلىك بولۇشتەكئالاھىدىلىككە ئىگە، بالىلارنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا، ئەستە ساقلىشىغا قۇلايلىق بولىدۇ. نەزمىي شەكىل بىلەن نەسرىيشەكىل بىرلەشتۈرۈپ يېزىلغان چۆچەكلەردە دىيالوگ قىسمى نەزىم بىلەن، بايان قىسمى نەسرىي شەكىل بىلەنيېزىلغان، چۆچەكلەردە قوشاقلار كۆپىنچە ھاللاردا پېرسوناژلارنىڭ ئۆزئارا سۆھبەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.  مەسىلەن: «خاسىيەتلىك ئالما» چۆچىكىدە، بوۋاي نەۋرىسىنىڭ ئالما غەلۋىسىدىن زېرىكىپ، ھېلىقى كۆچەتنىڭ ياپرىقىدىن بىرنىئۈزۈپ پۈۋلەيدۇ، كۆز ئالدىدا چىرايلىق قىز پەيدا بولۇپ: سالام بوۋا، قىلىمەن 

قاي ھاجەتنى مەن راۋا،

باردۇر بەلكىم ئېسىڭدە،

مىڭ كېسەلگە داۋا مەن،

باغۋەن قىزدىن سوراپتۇ:

بېسىلمىدى نەۋرەمنىڭ، مېۋە يېيىش غەلۋىسى، بىرنى ئۈزسەم مېۋىدىن، يوقاپ كەتمەس ھەممىسى. بايان قىسمى ئاساسەن نەسرىي ئۇسۇلدا يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، چۆچەكلەردە نۇرغۇن ماقال-تەمسىللەر  ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: «ئات خاننىڭ مۈڭگۈز تەقسىماتى»دېگەن چۆچەكتە: «قېينانامنىڭ چىشى يوق تۆشكە ئامراق، مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق»؛ «مۇنەججىمتوشقان» ناملىق چۆچەكتە: «مۇنەججىمنىڭ ئارپىسى خام قاپتۇ»؛ «ئېشەك بەيگىسى» دېگەن چۆچەكتە : « ئېشەكئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس»؛ «ئاكا-ئۇكا قوچقىراق» دېگەن چۆچەكتە: «ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننىبۆرە يەر»... چۆچەكنىڭ مەزمۇنى ماقال-تەمسىلگە يىغىنچاقلانغان، تىلى جانلىق، ئوبرازلىق ، قايىل قىلارلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىك قارىشى بىلەن زىچ باغلانغان. 3. ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى رولى      ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى ئىدىيەۋى مەزمۇنىنىڭساغلاملىقى، پەلسەپىۋى پىكىرنىڭ روشەن ۋە چوڭقۇرلۇقى، سۇژىت قۇرۇلمىسىنىڭ يەڭگىللىكى ۋە پۇختىلىقى بىلەنبالىلار تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى ئۈنۈملۈكۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىتەرەپلەردە نۇقتىلىق ئىپادىلىنىدۇ:1) ئەنئەنىۋى ئەخلاق- پەزىلەت، جۈملىدىن ۋاپادارلىق، ئىناقلىق، سەمىمىيلىك تەربىيەسى بېرىشتە زور رول ئوينايدۇ.    ئەدەب-ئەخلاق كىشىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلىتى، كىشى ئەخلاق-پەزىلەت ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، نۇقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ، كىشىنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر خەلقچۆچەكلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان بالىلار چۆچەكلىرى ئارقىلىق بالىلارغا ئەدەب-ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپبارغىلى بولىدۇ، بالىلارغا نېمىنىڭ خاتا نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلارچۆچەكلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەربىيەۋى رولى چوڭ بولۇپ، بالىلارغا ئىناقلىق، ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك، غايەتەربىيەسى يېتىلدۈرۈشتە زور رول ئوينايدۇ.   «خاسىيەتلىك ئالما» چۆچىكىدە، سادىرنىڭ ئۇرۇشقا كېتىپ قايتىپ كەلمىگەنلىكى، ئانىنىڭ يالغۇز پەرزەنت دەردىدەتولا يىغلاپ، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقى، كېيىن سادىر تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىپ، ئانىنىڭ كۆزىگە شىپاھلىقئىزدەپ، نۇرغۇن خەتەرلىك، جاپا-مۇشەققەتلىك سەپەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئاخىرى ئۇ چىنتۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسىمەختۇمسۇلانى تېپىپ، ئۇنىڭدىكى ئاكىسىنىڭ كۆزىنى ساقايتقان خاسىيەتلىك ئالمىنى سوراپ ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىنىڭكېسىلىنى ساقايتىش جەريانىدىكى تەسىرلىك ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئاتا-ئانىلارغا كۆيۈنۈش، ۋاپادار بولۇش، ئۇلارنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت ۋاپادارلىق تەربىيەسى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.   «ھوقۇش» چۆچىكىدە، ئەل-يۇرتنىڭ ئارىسىغا پىتنە-پاسات تارقىتىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزغان ھوقۇشقالەنەت ئوقۇلغان، خەلقنى ئىجىل-ئىناق ئۆتۈشكە چاقىرغان.   «چېچەن ئوغلاق» چۆچىكىدە، چېچەن قارا ئوغلاق ياۋا غازلارنىڭ رەتلىك، تەرتىپلىك ئۇچىدىغانلىقىغا قىزىقىپ، مومىسىدىن سورىغانلىقى، مومىسى ئۇنىڭغا ياۋا غازلار پەسىل قۇشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچۈش سەپىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقبولىدىغانلىقى، سەپەر ئۇلاردىن چىدام-غەيرەت، شىجائەت، ئۆم-ئىناقلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق قىلغاندىلائۇلار سەپەرنى بىخەتەر، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىيالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئىناق-ئىجىلئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئەل-يۇرت بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتسە ئەل يۇرتنىڭ گۈللىنىدىغانلىقى، تۇرمۇشنىڭ بەخت-سائادەتتە، راھەت-پاراغەتتە ئۆتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىتتىپاقلىق تەربىيەسى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.   2) بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر، تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈمىدۋار، غايىلىك بالىلارنى تەربىيەلەشتە رولىبار.  بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش، كۈزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، تىل، تەپەككۇر قابىلىيىتىنىتەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. نادىر بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارنى ئاكتىپ خىيال قىلىشقا، كۈچلۈك تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەلۇمكى، خىيال ئىدىيەنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. باي فانتازىيە بالىلارچۆچەكلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئادەم خىيالدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا، خىيال قىلىش ئادەمنىڭمۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مول فانتازىيە ۋە چوڭقۇر تەسەۋۋۇر بىلەن يېزىلغان بالىلار چۆچەكلىرىبالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر، كۈزىتىش، تىل- تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تەربىيەلەپيېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەربىيە قوراللىرىنىڭ بىرى. ئەخمەتجان ئابدۇللا دەل مۇشۇ نۇقتىدىن ئۆز چۆچەكلىرىنى بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر، كۈزىتىش، تىل ۋە تەپەككۇرقابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەلەپ ئېھتىياجىغا يېقىندىن ماسلاشتۇرغان. بالىلار ئۇ چۆچەكلەردىن جەمىيئەت، تەبىئەت، ئۆز رېئاللىقى توغرىلىق مول تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر تەپەككۇرغا چۆمۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭچۆچەكلىرىدە ئىشلىتىلگەن توغرا، يارقىن، ئوبرازلىق، جانلىق، قىزىقارلىق، چۈچۈك بەدىئىي تىلىنى ئۆگىنىپ، توغرا ، راۋان سۆزلەش ئىقتىدارىنى، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.مەسىلەن: «تۆھمەتخور قاغا» چۆچىكىدە:-قاق-قاق-قاق. . . ئەھۋال بەك چاتاق، سۇندى قارا قول، ھوقۇش كۆك چاپاق. بولدى ئىش ئايان، ھوقۇش قۇستى قان، ئۈنمەيدۇ ئەمدى، بۇ يۇرتتا ئاش-نان. «سۇناي ھەققىدە رىۋايەت» چۆچىكىدە:باقى- باقىمەنقوغۇن باقىمەن، قوغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، چىشىنى چاقىمەن. ئاچ قورساق بولساڭ، قوغۇندىن يەپ توي، خەمىكىنى ئالساڭ، پىلىكىنى قوي. 

دېگەنگە ئوخشاش قوشاقلارنىڭ تىلى چۈچۈك، ئاددىي بولۇپ، بالىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىلقابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

«يۇلتۇز قىز» چۆچىكىدە، چولپانقىز يۇلتۇزلارغا قىزىقىپ قالىدۇ، كېچىلىرى دائىم ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇز سانايدۇ، ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ «قىزىمىزغا يۇلتۇز جىنى چاپلىشىۋالغان ئوخشايدۇ» دېيىشىدۇ، چولپانقىز كېچىسىيۇلتۇزلارنى ئويلاپ يېتىپ، چۈشىدە يۇلتۇزلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئاجايىپ- غارايىپ يەرلەرنىكېزىپ، يۇلتۇزلار شەھىرىنى ساياھەت قىلىدۇ، يۇلتۇز بوۋاي بىلەن كۆرۈشىدۇ، قەلبى چەكسىز ھاياجانغا، ئۈمىدكەتولىدۇ. بۇ فانتازىيەلىك چۆچەك ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىقى بىلەن بالىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، قەلبىنى ھاياجانغاتولدۇرىدۇ، بالىلارنى ھاياتتا گۈزەل ئارزۇ- ئۈمىد بىلەن ياشاشقا ئۈزلۈكسىز ئۈندەيدۇ.  ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. چۆچەكلەردىكى ئاھاڭدارلىق جۈملىلەر، ئۆتكۈر بەدىئىي پىكىرلەر، ئەمەلىي تۇرمۇشقاباي تەسەۋۋۇرلار بالىلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلھامى ۋە قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىدۇ. 3) ئېكولوگىيە ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش رولى بار. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاسراشنى ئەنئەنە قىلىپ كەلگەن. ئۆزىمىزنىڭ بۇئېسىل ئەنئەنىسىنى بالىلارغا بىلدۈرۈشنى، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ بالىلارنىڭ مۇھىت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىقەلبىگە پۈككەن ئەخمەتجان ئابدۇللا بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىپ، تەبىئەتنى قوغداش جەھەتتىكى تەسەۋۋۇرلىرىنىئۇستىلىق بىلەن چۆچەكلەرگە سىڭدۈرۈۋەتكەن. بۇ ئىدىيە ئۇنىڭ « ئۆچكە ئائىلىسىنىڭ كۆچەت تىكىشى»، « ئورماندوختۇر»، « تۆھمەتخور قاغا » ناملىق چۆچەكلىرىدە روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . « ئۆچكە ئائىلىسىنىڭ كۆچەتتىكىشى» ناملىق  چۆچەكتە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، شۇ ئارقىلىق مۇھىتنى ئاسراپ، گۈزەليۇرت ماكان قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن . بۇ ئارقىلىق بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ مۇھىت ئېڭىنىيېتىلدۈرۈپ، مۇھىتنى ئاسراپ، تەبىئەت بىلەن بىر جان بىر گەۋدە بولۇپ، يۇرت-ماكانىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنىتەكىتلىگەن. قىسقىسى، ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرى كىچىك دوستلارنىڭ پىسخىكىسىغا يېقىندىن ماسلاشقانلىقى، ۋەقەلىرىنىڭ يېڭى، ئىخچام، يۇمۇرلۇق، ئاددىي-ساددا، چىن ، ئوبرازلىقلىقى، تۇرمۇشقا يېقىنلىقى، تەسۋىر ۋەبايانلىرىنىڭ، تىل ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ يەڭگىل، راۋان، چۈچۈك، ماقال-تەمسىللىك، ئېغىزغا يېقىن بولۇشتەكئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كەڭ ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، مەزمۇنى مول، بالىلارتەربىيەسىدىكى تەسىرى زور بولغان ئەھمىيەتلىك بىر تەربىيە دەرسلىكىگە ئايلاندى. شۇنداقلا نۆۋەتتىكى مەكتەپ ۋەئائىلە تەربىيەسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، بالىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، نەزەر دائىرىسىىنىكېڭەيتىشتە، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر، كۆزىتىش، تىل ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتىمۇھىم رول ئويناپ كەلدى. 

    ________________

    پايدىلانغان ماتېرىياللار: 

      1.  ئەخمەتجان ئابدۇللا: «مۇنەججىم توشقان» ، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،  2009- يىلى، 1- نەشرى؛

      2.  ئەخمەتجان ئابدۇللا: «ئۇر توقماقىنىڭ ئاقىۋىتى»،  شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتۇ-سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭئېلېكتىرون، ئۈن-سىن نەشرىياتى، 2011- يىلى، 1- نەشرى؛  

       3. ئەخمەتجان ئابدۇللا : «يۇلتۇز قىز»، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ،2011- يىلى 12- ئاي، 1- نەشرى؛

       4. ئەخمەتجان ئابدۇللا : «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق»، شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006- يىلى 9- ئاي ، 1-نەشرى؛

       5. بۇلبۇل ئەكرەم : «ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بالىلار تەربىيەسىدىكى رولى»، «شىنجاڭئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 2- سان

       6. مېھرىنىسا مەخەت: «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ بالىلار تەربىيەسىدىكى رولى توغرىسىدا»،« شىنجاڭ مائارىپئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2009- يىللىق 4- سانى.


  مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلى


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز