دېرىزەڭنى چېقىۋېتىمەن
سەيدىمۇھەممەد مېھمان
ئازابىڭغا چىلاشسا يۈرەك،
مەھەللەڭگە كىلىپ-كېتىمەن.
ئىشىكىڭنى چەكسەم ئاچمىساڭ،
دېرىزەڭنى چېقىۋېتىمەن.
ئەللەر نىمە دىسە دەۋەرسۇن،
مەن نۇمۇسنى تەرك ئېتىمەن.
چاقىرغاندا چىقمىساڭ ئەگەر،
دېرىزەڭنى چېقىۋېتىمەن.
قاۋىمىسۇن ئىتلىرىڭ ئەمدى،
باغ تېمىڭدىن شورا تېشىمەن.
توڭۇپ كەتسەم تالادا ئەگەر،
دېرىزەڭنى چېقىۋېتىمەن.
2013- يىل 22- نويابىر(خوتەن)