كىلىماكتېرىيە دەۋرى مەزگىلدە ئاياللاردا كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، كۆز قۇرغاقلىشىش قاتارلىق بىرقاتار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر ئاياللاغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلغاندا، كىلىماكتىرىيە دەۋرىنى كېچىكتۈرگىلى ھەمدە بۇ دەۋردىكى بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاياللار بۇ مەزگىلدە بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.