BI خەنزۇچە تورى خەۋىرى:
شىياۋمى شىركىتى ئەزەلدىنلا يۇقىرى سۈپەت ۋە يۇقىرى سەپلىملىك ئاندىرويىد يانفونى ياساش بىلەن داڭق چىقارغان، ئۇنىڭ باھاسى ئايفون ياكى سامسۇڭ يانفونلىرىدىن خىلىلا ئەرزان، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شىياۋمىنى ئالما شىركىتىنى دورىغان دەپ ئەيىبلىشىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى Jony Ive ھەتتا شىياۋمىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئالما شىركىتىنىڭ لايىھەسىنى دورىغان شىركەتلەرنى ئەمەلىيەتتە «ئوغرى» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ دىگەن.
ھالبۇكى، 2013-يىلى گۇگۇلدىن ئايرىلىپ شىياۋمى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان Hugo Barra نىڭ دېيىشىچە، شىياۋمى ئەزەلدىن باشقىلارنى دوراپ باقمىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شىياۋمىنى ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت شىياۋمى 4 نىڭ شەكلى قارىماققا ئايفون 5 گە ئوخشاپ قالغانلىقىنىلا كۆزدە تۇتۇۋالغان، بىلۇمبۇرگ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، Hugo Barra بۇ نۇقتىغا قارىتا چۈشەنچە بەرگەن.
Hugo Barra مۇنداق دەيدۇ: «شىياۋمى شىركىتىگە قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسى شىياۋمى 4 گە ئوخشاش مەلۇم خىل نۇسخىدىكى مەھسۇلاتقا مەركەزلەشكەن، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شىياۋمى 4 نىڭ شەكلى قارىماققا ئايفون 5 گە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ. تۇنجى قېتىم قارىغاندا، ئەلۋەتتە ئاز-تولا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق، بۇ خىل لايىھە ئەمەلىيەتتە باشقا نۇرغۇنلىغان يانفونلارغىمۇ قوللىنىلغان.»
مۇخبىر شىيامى شىركىتىگە بېرىلگەن نۇرغۇنلىغان تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسلىقى شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقى شەكلى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى، شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، Hugo Barra رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بۇ نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ شىياۋمىنى تەنقىدلىسەك، بىزگە نىسبەتەن ئادىللىق بولمايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، نۆۋەتتە بازارغا سېلىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ سىرتقى شەكلى ئاساسەن ئوخشىشىپ قالىدۇ، نېمىشقا دىگەندە، يانفوننى لايىھەلىگەندە، چوقۇم ئەگرى گىرۋەك، بۇلۇڭ، كۇنۇپكا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىن باشقا ئامال يوق. بۇ خىل ئېلمىنتلار بىر يەرگە كەلگەندە، ئەلۋەتتە باشقا شىركەتلەرنىڭ مەلۇم خىل مەھسۇلاتىغا ئوخشىشىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار. مىنىڭچە، مەلۇم بىر شىركەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندىكى بارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆز ئالدىغىلا ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئىگە ئەمەس.»
شىياۋمى بىلەن ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن باشقا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شىياۋمىنى يەنە «جۇڭگودىكى ئالما» دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى بار، ئەلۋەتتە. شىياۋمى شىركىتىنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە شىركەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېيجۈننىڭ سەھنىدىكى ئوبرازىمۇ ھەتتا ئالما شىركىتىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن قۇرغۇچىسى ستىۋى جوبس بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. شىياۋمىنىڭ ئۆز ئالدىغا بازار ئېچىش ئۇسۇلى بار: ئۇ بولسىمۇ ئالما شىركىتىگە ئوخشىشىپ قالىدىغان ئۇسۇلدا ئابونتلارنى جەلىپ قىلىش.
Hugo Barra نىڭ ئېيتىشىچە، كەلگۈسى نەچچە ئاي ئىچىدە، ئەھۋالدا بۇرۇلۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر شىياۋمى يانفونىنىڭ لايىھەسىدىن ئىلھام ئالىدىغان ھالەت شەكىللىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مىنىڭچە، ئەگەر سىز ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە بىز ئوتتۇرىغا چىقارغان لايىھەلەرنى كۆرگەن بولسىڭىز، نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى شىياۋمىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلغانلىقىنى بىلگەن بولاتتىڭىز. ئىشىنىمىزكى، ئۇزۇنغا قالماي كىشىلەر بىزنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىمىزدىن ئۆرنەك ئالىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.»