تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ يانفون ئويناشنىڭ بەش چوڭ خەتىرى

ھازىر يانفون تۇرمۇشىمىزدا كەم بولمايدىغان نەرسىگە ئايلاندى، يانفونىمىزنى بىردەم ئوينىمىساق ئىچىمىز پۇشۇپ ئولتۇرالمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق، يانفونغا تايىنىۋېلىش دەرىجىمىز بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بىر قىسمىمىز ھەتتا ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندىمۇ يانفون ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۈندىدار، مىكرو بلوگقا قاراپ، ئويۇپ ئويناپ، يانفون بولمىسا ھەتتە تەرەتمۇ قىلالمايدۇ.

لېكىن ئەگەر بۇ خىل ھالەت 10 نەچچە مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق داۋاملاشسا، سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، شۇڭا «تەرەت» قىلغاندا بەش مىنۇتتا ئىشنى تۈگىتىش كېرەك. ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ يانفون ئويناشنىڭ بەش چوڭ خەتىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ!

↓↓↓↓

1. زەھەرلىك گازنى سۈمۈرۈپ ئاسان ياللۇغلىنىدۇ.

تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرغاندا ئادەم بەدىنى بىلەن زەھەرلىك ماددىلار ئارىسىدا بىر توسۇق بوشلۇق ھاسىل بولىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ زەھەرلىك گازلار ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، ئېغىر بولغاندا ھەرخىل ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تەرەت قىلغاندا تېزدىن ئىشنى تۈگىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەرلىك گاز بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك.

2. تەرەت تۇڭىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرغاندا گېموروي كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

ھاجەت قىلغاندا يانفون ئوينىسا ھاجەت ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت تەرەت تۇڭىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، مەقئەتكە قان تولىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تەرەت تۇڭىدا ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرغاندا تۈز ئۈچەينىڭ ۋېناسى كېڭىيىپ قان يىغىلىپ قېلىپ گېموروي كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا مەقئەتكە قان تولۇپ قالسا نېرۋا سىستېمىسىنى ئازدۇرۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەرەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ساختا ئۇچۇرىنى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەرەت قىلغۇچى تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىپ، تۈز ئۈچەي يېپىشقاق پەردىسىنىڭ سويۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.

يانفون ئوينىغاندا دىققەت نەزەر تەرەت قىلىشتا بولمىغاچقا، تەرەت قىلىش تۇيغۇسىنى كەتكۈزۈپ قويىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ. قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇشنى ئازابلىق ئىش ياكى زېرىكىشلىك دەپ قاراپ، ھەرگىزمۇ ئويۇش ئويناش ياكى كىتاب ئوقۇش بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزىمەن دەپ ئويلىماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغانسېرى قەۋزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

4.باش قېيىپ، پۇت ئۇيۇشىدۇ.

تەرەت تۇڭىدا كۆپ ۋاقىت ئولتۇرغاندا قان پەسكە قاراپ ئېقىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ، شۇڭا تۇرغاندا بېشىڭىزنىڭ قايغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. قاننىڭ ئايلىنىشى ئۇزۇن ۋاقىت توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا ھۈجەيرىگە ئوكسېگىن يېتىشمەي، قان قايتىپ كەتكەن ھامان قىسمەن نېرۋىلار ئۇيۇشۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

5. يانفونىڭىز قولىڭىزدىن چۈشۈپ كەتسە زىيان بولىدۇ.

يانفوننى ھاجەتخانىغا ئەكىرگەندە دىققەت قىلمىسىڭىز قولىڭىزدىن ياكى قويۇپ قويغان يېرىڭىزدىن تەرەت تۇڭىغا چۈشۈپ كەتسە زىياننىڭ چوڭى چىقىدۇ. ئەتراپىمىزدا بۇنداق ئىشلار ئاز ئەمەس.

ئەگەر ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ يانفونغا قاراشقا ئادەتلىنىپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ چوقۇم ئۆزىڭىزنى يانفونغا قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭ، ئەگەر دوستلار چەمبىرىكىگە قارىمىسىڭىز تۇرالمايدىغان ئادىتىڭىز بولسا ئاۋۋال قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ھاجەتخانىغا كىرىڭ.

كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ھاجەتخانىغا كىرگەندە سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى يانفوننى ئەكىرمەي، ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنى بۈگۈندىن باشلايلى!




ئەسلى مەنبەسى: news.hunanabc.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز