شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
مەيدە ئاغرىقى.
ئەگەر كىشىنىڭ مەيدىسى ئاغرىپ ئىششىغان بولسا، بۇنىڭ سەۋەبى تولاراق قاندىندۇر. بۇنىڭدا مەيدە ئېغىر بولۇپ، ئاغرىق كۆپرەك قورساق تەرەپتە بولۇر، سەپرادىن بولغىنىدا كۆپرەك سانجىپ ئاغرۇر. بۇنداق ئاغرىق ئۈچۈن قان ئېلىش لايىقتۇر. يەنە بۇ ئاغرىققا ھۆكۈمالار سۈرگىنى تولا بۇيرۇيدۇ.
بۆرەك ئاغرىقى.
بۆرەك ئاغرىقىغا بۇغداي كېپىكىنى تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا قورۇپ، بەلگە تېڭىپ ھەر كۈنى ناشتىدا مائۇلئۇسۇل ئىچمەك كېرەك.
سۈيدۈك ماڭمىغاننىڭ ئىلاجى.
دوۋسۇننىڭ ئاخىرقى سوغۇقتىن بولسا، ئۇسسىماس، ئەمما سۈيىدىكى كۆيدۈرۈلۈپ كېلۇر. مۇنداق ئاغرىقنى سىلسىلەبول دەپ ئاتار. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندۈر ۋە سەئدىلەرنىڭ ھەربىرىدىن ئىككى مىسقالدىن ئېلىپ، بىر سەر قەنت بىلەن يۇمشاق يانجىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، ھەركۈنى بىر مىسقالدىن ئىككى ۋاقلىق يىگەي.
كۆيۈكنىڭ ئىلاجى.
ئەگەر كىشىنىڭ بەدىنى ئوتتا كۆيگەن بولسا كاپۇرنى سىركە بىلەن ئېزىپ، ئاق موزىنى يۇمشاق يانجىپ بۇ ئۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆيگەن يەرگە سۈرۈپ بەرسە جاراھەت پات ياخشى بولۇر.
ئەزالار تارتىشقاننىڭ بايانى.
ئەگەر كىشىنىڭ يۈزى تارتسا، نىشارا بولۇر، ئەگەر قورسىقى تارتسا تۆشىنىڭ ئېتىكىدىكى سېرىق ئېتى ئېشۇر. ئەگەر بەدەننىڭ ھەممە يېرىدە بولسا سەكتە بولۇر. بۇنىڭ ئىلاجى: تۇزنى ئىسسىق قىلىپ، تارتقان ئەزاغا ياقماق كېرەك. ئەگەر بۇنىڭ بىلەن توختىمىسا، بەدەندە نىجاسەت باردۇر، بۇنى پاك قىلغاي.
قۇلاقتىن يىرىڭ ئاققاننىڭ ئىلاجى.
قۇلاقتىن يىرىڭ ئاققاندا كەندىر، شۇلتا، جويۇز، زەپەر، ئىگىر، ئانار پوستى، سېرىق زەپەر ئۇرۇقى، بۇلارنى يۇمشاق يانجىپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، سىركە ياكى ھەسەل بىلەن ئېزىپ، قۇلاققا تېمىتقاي. ئالدى بىلەن قۇلاقنىڭ ئىچىنى تازىلاپ ئاندىن تېمىتقاي. ئەگەر قۇلاقتا كىر، خىلىت توختىغان بولسا، كەندىر، سەبرە، سىيادانلارنى يۇمشاق يانجىپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرۇنغا تارتىپ چۈشكۈرسە، قۇلاقتىكى كىرلارنى يوق قىلۇر.