تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (8)
قارا بارماق
جوننىڭ مالىيى ئۆلدى، ئۇنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا ئىدى. جون ئېلان ئىشلەش ئۈچۈن ھاۋايغا كەتكەن بولۇپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆيگە قايتقان ئىدى. رازۋېدچىك خونتېر جوننىڭ ئۆيىگە قايتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
جوننىڭ دېيىشىچە، بۇ مالاي ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلمايدىغان شاللاق ئايال بولۇپ، جون ئۇ ئايالغا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان، ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، قىلمىشىغا يارىشا جاۋابقا ئېرىشىپتۇ.
«سىز ئۇنىڭ كىملەر بىلەن يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟»
«مېنىڭ بىر رەسسام ئاغىنەم بار ئىدى، ئۇلار ئىككىسى بىزنىڭ ئۆيدە كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى ئىدى».
خونتېر ئۇ رەسسامنى ئىزدەپ بارغاندا، ئۇ پېشايۋاندا ماي بۇياق رەسىم سىزىۋاتاتتى. «تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا سىز نەدە ئىدىڭىز؟». خونتېر رەسسامدىن ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلدى.
«بالكوندا مۇشۇ رەسىمنى سىزىۋاتقان ئىدىم، قاتناش ۋەقەسى بىلەن ئۈچ ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم، ئالدىنقى كۈنى چىقتىم، تۈنۈگۈندىن باشلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن، شۇنداق قىلسام ئىچ پۇشۇقۇممۇ چىقىپ قالغۇدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋامۇ ياخشى» دېدى.
«مۇنداق دەڭ، يۈزلىرىڭىز قىزىل، ناھايىتى ساغلام ئىكەنسىز، مېنىڭچە ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىپسىز، ھازىر سائەت نەچچە بولدى؟ مەن سائىتىمنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن» خونتېر ھېچبىر ئىش يوقتەك شۇنداق دېدى.
«ئالتە يېرىم بوپتۇ» دېدى رەسسام سائىتىگە قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول بارماقلىرى سېمىز ھەم ئاق ئىدى.
«سىز سولخايمۇ؟»
«ھە شۇنداق، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟»
«سىز ئۇدا ئىككى كۈن ئاپتاپقا قاقلىنىپ رەسىم سىزىپسىز، لېكىن ئوڭ قولىڭىز ئاپتاپتا ئازراقمۇ قارىدىماپتىغۇ؟ بۇ ماڭا سەن باشقىچىرەك تۇيۇلۇۋاتىدۇ.»
«سول قولۇمدا بوياق تاختىسى تۇتقانلىقىم ئۈچۈن ئاپتاپتا كۆيمىگەن، رەسسام گەپنى دەۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جىم بولدى.
بۇ دېلونى پاش قىلىشتىكى ئاچقۇچ نېمە؟
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(7) نىڭ جاۋابى:
سام ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كەپتەر ئارقىلىق نەرسە يەتكۈزۈپ بېرىشنى كېلىشۋالغان، چۈنكى كەپتەر تۈرمىنىڭ ئېگىز تېمى ئۈستىدە ئەركىن ئۇچۇپ يۈرەلەيدۇ، پوستمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ.