شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2007-يىلى 4-ئايدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان، مائارىپ تۈرىدىكى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا كارخانىسى.
شىركىتىمىز ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت تەييارلىق قىلىش، تەتقىق قىلىش، ماتېرىيال تۈزۈش ئارقىسىدا 2007- يىلى 10- ئايدا شىركەتنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بولغان «مۇئەللىم» ماركىلىق EL-828 تىپلىق ئېلېكترون لۇغەتنى ئىشلەپ بازارغا سالدى.
بۇ ئېلېكترون لۇغەتكە ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل تىللىق، 9 يۆنىلىشلىك لۇغەت كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي سۆزلۈك مىقدارى 1 مىليۇن 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. سۆزلۈك ئىزدەش مۇھىتى مۇجمەل ئىزدەش، ئاتلىتىپ ئىزدەش، كۆپ لۇغەتلەردىن ئىزدەش قاتارلىق ئىلغار ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۈچ خىلدا مەشغۇلات قىلىش، ئىزدەلگەن سۆزلۈكلەرنى خاتىرە قالدۇرۇش، سۆزلۈك ئامبىرى، جۈملە ئامبىرى تۇرغۇزۇش، مىسال جۈملە ئىزدەش، خەت نومۇرىنى چوڭايتىپ-كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش، سۆزلۈكلەرنى تەلەپپۇز قىلىپ بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە. ئېلېكترونلۇق لۇغەت سىستېمىسى مەملىكىتىمىزدىكى ئېلېكترونلۇق لۇغەت، ئېلېكترونلۇق تىل ئۆگىنىش ماشىنىسى ساھەسىدىكى ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ،
2008-يىلى 4-ئايدا شىركىتىمىزنىڭ ئىككىنچى مەھسۇلاتى بولغان، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى ماس قەدەملىك ئۆگىتىش ماشىنىسى-«مۇئەللىم كىتاب ئوقۇغۇچ EKO-2899» ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىندى. بۇ مەھسۇلات ئارقىلىق نۆۋەتتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلىۋاتقان ئىنگلىز تىلى دەرسلىك كىتاۋىنى ئىنگلىزچە-خەنزۇچە ئىككى ئاۋازدا ئوقۇتقىلى بولىدۇ، ھەمدە ئاۋاز ئېلىش، تەلەپپۇزنى سېلىشتۇرۇش، ئوقۇش سۈرئىتىنى تەڭشەش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
2008-يىلى 7-ئايدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا باب كېلىدىغان، لۇغەت ئىقتىدارىنى ئاساس قىلغان «مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى EL108» ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىندى. بۇ لۇغەتكە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە 3 خىل تىلدىكى 600 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، لۇغەت ئىزدەش ئىقتىدارىدىن باشقا ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى، قامۇس ماتېرىياللىرى، ئىنگلىزچە دىئالوگ قاتارلىق كىرگۈزۈلگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لۇغەت ئىزدىشى ۋە تىل ئۆگىنىشىگە قولايلىق مەھسۇلات.
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 2- كۈنى روزى ھېيىتتا شىركىتىمىز ئۆزىنىڭ بىر يىل قان-تەرىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى سېزىمچان، رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت- مۇئەللىم سېزىمچان رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت M868 نى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدۇق. بۇ شىركىتىمىزنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجە ياراتقان مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېلېكترون لۇغەتلەر ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلېكترونچىلىقىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئېلېكترون لۇغەتتە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە 3 خىل تىلدا مەشغۇلات قىلغىلى، قارىمۇ-قارشى 9 يۆنىلىشلىك لۇغەت ئىزدىگىلى، MP4، MP3 ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى قويغىلى بولىدۇ. كونۇپكا ئارقىلىقمۇ مەشغۇلات قىلغىلىمۇ، بىۋاستە سېزىمچان ئېكرانغا قەلەم بىلەن چېكىپ مەشغۇلات قىلغىلىمۇ بولىدۇ. شەخسلەر ياردەمچىسى ئىقتىدارى ئالدىنقى لۇغەتلەردىن زور دەرىجىدە ئىلغارلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەخسلەر خاتىرلىگەن مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، ساقلاش، كومپيۇتېرغا يوللاش، كومپيۇتېردىن لۇغەتكە يوللاش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، مىللى تىل يېزىقتىكى ئېلېكترون لۇغەتتە تۇنجى بولۇپ خەلقئارا Unicode يېزىق ئۆلچىمى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى بىر ئەۋلاد مۇئەللىم «تىلچى» M900 تىپلىق سەككىز تىللىق ئېلېكترون لۇغەت، يانداش ئۆگەتكۈنى بازارغا سېلىندى. بۇ مەھسۇلاتقا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ياپونچە، ئەرەبچە، تۈركچە 8 تىلدىكى لۇغەتلەر قاچىلانغان ھەم سۆزلۈكىنى كېڭەيتىشكە بولىدۇ، ئومۇمىي سۆزلۈك مىقدارى 3 مىليۇندىن ئاشىدۇ، 4G لىق سىغىمدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ، 3.5 سۇڭلۇق رەڭلىك ئېكران، زەرەتلىگىلى بولىدىغان يانفون باتارىيىسى ئىشلىتىلگەن.
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى رايونىمىزدىكى مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، ماتېماتىكا دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى چەكمە ئاۋازلىق ئوقۇتۇش، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار سىن دەرسخانىسى، ئۇنېۋىرسال ئۆگىنىش، كارتونلۇق ئۆگىنىش، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئۈچ تىللىق لۇغەت خەزىنىسى، تەقلىدىي ئىمتىھان، ئىككىنچى دەرسخانا، كىتاب خەزىنىسى، تەجرىبىخانا، كومپيۇتېر دەرسخانىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق دەرسلىككە يانداش ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى بازارغا سېلىندى.
2011-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى چەكمە ئوقۇتقۇ مۇئەللىم «پەرۋاز» چەكمە ئوقۇتقۇ بازارغا سېلىنىدى. بۇ مەھسۇلاتقا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا دەرسلىكلىرىنى چەكمە ئوقۇتۇش، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە ئۈچ تىللىق لۇغەت خەزىنىسى، يانداش مەشىق، دەرس تەكرارلاش، تەقلىدىي ئىمتىھان، ئىنگلىز تىلى باغچىسى، ماتېماتىكا باغچىسى، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق چۆچەك ۋە ھېكايىلەر، كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدە ئىقتىدارلار تەمىن ئېتىلدى.
2011-يىلى 11-ئايدا مۇئەللىم «ئايبىلىگ» ماركىلىق M2000 ۋە M8 تىپلىق ئېلېكترون لۇغەت ۋە يانداش ئۆگەتكۈ بازارغا سېلىندى. بۇ مەھسۇلاتقا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە، رۇسچە، ياپونچە سەككىز تىللىق كۆپ خىل يۆنىلىشتىكى مول لۇغەت سۆزلۈكلىرى قاچىلانغان. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ياپونچە سۆزلۈكلەرنى تەلەپپۇز قىلىپ بېرەلەيدۇ. مەشغۇلات تىلى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، ئىنگلىزچە تۆت خىلدا لايىھىلەنگەن بولۇپ، قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتال ئىقتىدارىدا زور ئىلگىرلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
شىركىتىمىز كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى باشقا تىللاردىكى ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنىڭ ئىقتىدارى بىلەن تەڭ سەۋىيىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى مۇكەممەللىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ تۈپ نىشانى قىلدى. شىنجاڭ بازارلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ھەر خىل تىپتىكى ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ پەن-مائارىپ ئىگىلەش، تىل ئۆگىنىشكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ۋە ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى بۆيۈك مەقسەت قىلدۇق.
«مۇئەللىم» ماركىسى شىركىتىمىزنىڭ دۆلەت سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارسى تەرىپىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسى. «مۇئەللىم» دىگەن سۆز ئەرەبچە ئوقۇتقۇچى، ئۆگەتكۈچى، بىلىم بەرگۈچى دىگەن مەنىدە بولۇپ، كەلگۈسى بولغان ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن مىھنەتسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، كەڭ خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش يولىدا ئۈن-
شىركىتىمىز يەنە ھەر قايسى جايلاردا مۇئەللىم ئېلېكترون لۇغەتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورنى ۋە ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ياخشى قانات يايدۇردۇق، نۆۋەتتە مەركىزى ناھىيە-شەھەرلەردە شىركەتنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى مۇئەللىم مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرى 10 غا، ناھىيىلەردىكى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى 50 كە يەتتى. شىركىتىمىز مەھسۇلات سۈپىتىدە ئىستىمالچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار «3 ھۆددە مەسئۇلىيەتنامىسى» بويىچە ۋەدە بېرىپ، ھۆددە رېمۇنت مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلدى، بۇ ئارقىلىق ئىستىمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتىمىزغا بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، مۇئەللىم ماركىسى ۋە مۇئەللىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئىلگىرلىدى. ئىلگىر-كىيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى 2- قانال پەن ۋە مائارىپ پروگراممىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد كۆزنىكى پروگراممىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى 9- قانال مەھسۇلات ۋە بازار پروگراممىلىرىدا مەھسۇلاتلىرىمىز مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇپ جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغىدى. ھەر قايسى گېزىت-ژۇرنال، مەتبۇئاتلاردا مۇئەللىم شىركىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
شىركىتىمىز ئەھمىيەتلىك تۇنجى قەدەمنى ئەمدىلا تاشلىغان بولساقمۇ بۇ يولدىكى مۇشەققەتلەر يەلكىمىزنى بېسىپ تۇرماقتا، تەرەققىيات پىلانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ جەمئىيەتنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمىزنىڭ، بىر ساھەدىكى كەسپداشلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا كەڭ ئىستىمالچىلىرىمىزنىڭ بىزنى قوللىشىغا، يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىگە مۇھتاجمىز! ئىشىنىمىزكى، مۇئەللىمنىڭ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى سىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا بىلىملەرنى ئۆگىنىشىڭىزدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە مۇئەللىملىك رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى.
شىركىتىمىز تەرەققىيات يولىمىزدا تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، چەتئەللەردىكى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ ئىلغار نەتىجىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، سۈپەت ۋە تېخنىكىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە باب كېلىدىغان مىللىي تىل يېزىقتىكى مائارىپ خاراكتىرىدىكى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىدۇ.
تىنسىز جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان، ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ئىنژىنىرى دەپ تەرپلەنگەن سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز، مۇئەللىملەرگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش، ئۇلار يورۇتقان مەرىپەت مەشئىلىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپمىزنى قوشۇش ئۈچۈن بۇ سۆزنى تاۋار ماركىسى قىلىپ قوللاندۇق.Unicode ئىچكى يادرولۇق مەشغۇلات سىستېمىسى قوللىنىلغان، سىستېما ئىقتىدارلىرى ۋە ئىچكى ماتېرىياللىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. قوشۇمچە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، ئېلكىتاب كۆرۈش، سۈرەت ئالبۇمى، دەرس جەدۋىلى، نام-ئەمەل كارتوچكىسى تۇرغۇزۇش، بىرلىكلەرنى ئايلاندۇرۇش، دۇنيا ۋاقتىنى ھېسابلاش، قوڭغۇراق بىكىتىش، قاتارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلارغا ئىگە. لۇغەتكە 512 مىگا بايتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا SD كارتا ئوقۇرى سەپلەنگەن، ئىشلەتكۈچىلەر لۇغەت سىغىمنى 2G غىچە كېڭەيتىپ ئىشلىتەلەيدۇ. لۇغەتنىڭ يۇمشاق دىتال ۋە قاتتىق دىتالى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش ئوڭاي، ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي.