ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، كەچتە چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ياكى كېچىچە ئۇخلىماسلىق ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
كەچلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغان ئايال كەسپىي خادىملار (سېستىرا، ئايروپىلان كۈتكۈچىلىرى)نىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %60 كە يېتىدىكەن. ھەر ھەپتىدە ئىككى، ئۈچ كۈن كېچىچە ئۇخلىمايدىغان ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئاسان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، چىراغ نۇرى قارا گورمۇننىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن. قارا گورمۇن راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىكەن، شۇڭا كېچە ئۇخلىغاندا چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەككەن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/27/content_493765.htm