روھ غەليانلىرى
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
1
ئۇپۇق، تۈن باغرىدا قالغان شەبىستان مۈلكىنى قايتۇر،
نەزمنىڭ تەۋسىپى- پۈتمەس دىلىستان مۈلكىنى قايتۇر.
يارالمىش ئەپسۇنى بىرلەن ئەجەلدە ئەملىدىڭ روھنى،
قىيامەت تاڭلىرى ئاتقان شەرەپشان مۈلكىنى قايتۇر.
ھامان ئاۋارىدۇر كۈيلەر قۇچالماي ۋەسلۇ- ۋەسلىڭنى،
چۆلۈڭدە قاغجىراپ ياتقان سىياھدان مۈلكىنى قايتۇر.
ساڭا كىم ئالدى يول، بۇندا قۇچارغا بەلكى گۆر تەييار،
ئاياغىڭ ئاستىدا قالغان تالاي جان مۈلكىنى قايتۇر.
يۈرەر قەلبىدە سەرسان بوپ ساڭا قول باغلىغان مىسكىن،
مۇھەببەت ئەھلىنىڭ ھەقتىن ئاداشقان مۈلكىنى قايتۇر.
2
بۇيان كەل ئەي ئەي قەلەندەرلەر ئاتاسى كاتتا سۇلتانىم،
ساپايەڭ نەغمىسىدىن شاد ئەيلىسۇن خەستەئى جانىم.
خىرىسلار تورىدىن نەپسىم ھاۋادىن دەرگۇمان بولدى،
دىداكتىك ئالىمىڭ ئۆزرە يېشىنسۇن ھەقكە ئىمكانىم.
گۈزەل ئەڭگىزلىرىم كۆزلەر ئوقىدىن قەتلىئى جاندۇر،
كىرەي مەن خەستە تەللەڭگە تىلىقسۇن تەكتى پىنھانىم.
قىلاي ئاشىقلىقىم ئىزھار جاھانغا، بەر كۇلاھىڭنى،
ئېچىلسۇن بەرق ئۇرۇپ رەڭدار سولاشقان نالە- ئەبغانىم.
قېنى نۇرانە پەزلىڭ، سەن ئۇنى مىسكىنگە تەقدىم قىل،
يۇيۇلسۇن كۇللى ئاسمانلار سۈيىدە زەررە ۋىجدانىم.
3
شارابسىز كۈلمىكىم نەدۇر ھاياتنىڭ بۇ پايانىدا،
جانانسىز ئۆلمىكىم نە ھەم مۇھەببەت ئىنقىلابىدا.
تىنىمسىز نالە- ئەبغاندىن مەگەر بۇلبۇلغا ئايلانسام
قەسىدەم چاچقۇ بولغايمۇ ئىشىقنىڭ دىل زۇبانىدا.
ئويغىنىپ مەۋجىدە مەينىڭ مەگەر تەڭرىمگە سۆز ئىيىتسام
قىلمىشىم توغرا بولغايمۇ شىراز، ھەييام بايانىدا.
تۇغۇلسام پاك پىتى روھىم تېنىدىن كۈيلىرىم بىرلە
ئېتىم بولغايمۇ تەڭرىمنىڭ ياراتمىش ئول كىتابىدا.
قېنى سەن كۈلكە بوپ پارلا ۋەياكى تۈلكە بول مىسكىن،
قالۇرسەن بولمىسا مەڭگۈ ھاياتنىڭ زور جازاسىدا.
4
يارالدىڭ خاكى تۇپراقتىن غەيۇر قامەتلىرىڭ يالغان،
بەندىسەن ئۆز- ئۆزۈڭگە بەس، شاھان ھالەتلىرىڭ يالغان.
ھاياتلىق سەۋەبى بىرلە مامات تىرنايدۇ كاللاڭنى،
ياشارسەن ھەر مىنۇت غەمدە، خۇشال سائەتلىرىڭ يالغان.
تەبەسسۇم، ئېھتىرام پات- پات كېلەر تاڭلارنى قولتۇقلاپ،
ناھات، تاڭ كۆكىدە كۈن يوق، تالاي ئامەتلىرىڭ يالغان.
خۇيۇڭ پىنھانىدا زۇلمەت، تىلىڭدا مىڭ قۇياش ئاي- ھاي،
چىرايلىق تەزىمىڭ ۋە ھەم رەزىل نالەتلىرىڭ يالغان.
قېنى سەن ساقىيا، مىسكىن شارابقا ئاشىيان بولدى،
شاراب ئەييامىدا بەلكىم ئۆرپ- ئادەتلىرىڭ يالغان.
5
شەيتىنى ئەسلاكى شەيتان، ئادىمى ئادەم يەنە،
ئادىمى شەيتان بولۇشقا قىستىغان ئادەم يەنە.
تەقدىرى- قىسمەتكى ئۇ بىر جۈپ پالاغى كېمنىڭ،
كېمىنى ھەيدەپ بىغەم يۈرگەن ھامان ئادەم يەنە.
ئۆزىنى كۆرمەك بولۇپ تەڭرى كۆزىدە بىر ئۆمۈر،
تەڭرىنى بىلگەن ئۆزىدىن ئاينىغان ئادەم يەنە.
مەشۇقى تۇرسا مۇھەببەتنىڭ ئۆلۈم داستانىدا،
تەلمۈرۈپ يارسىز ھاياتقا يىغلىغان ئادەم يەنە.
بول ئاگاھ مىسكىن، ياراتماق بوپ ئۆزىنى قايتىدىن.
بىگۇناھ تۇپراقنى تىلغاپ ئالجىغان ئادەم يەنە.
مەنبە: http://www.maaripchilar.com