ئەر-ئايال قانچە ئۇزاقتا بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە مۇۋاپىق؟
جىنسىي تۇرمۇش ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ھىسسيات ئالماشتۇرىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋاستە. ئۇنداقتا ئەر-ئايال قانچە ئۇزاقتا بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە مۇۋاپىق؟
بۇ بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەردە بولۇپ باققان گۇمانىي سۇئال بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار مۇرەككەپ بولۇپ، ھەم ياش قۇرام ۋە جىسمانىي كۈچى بىلەن، ھەم ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي تەلىۋى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بولىدۇ.
جىنسىي تۇرمۇش رېتىمى جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا، ئاۋال تۆۋەندىكى نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ: كۈندە بىر قېتىم بولسۇن، ياكى ھەپتىدە بىر قېتىم بولسۇن، ۋە ياكى ئايدا بىر قېتىم بولسۇن، پەقەت بەدەن شارائىتى ماس كەلسە ۋە ئىككىلا تەرەپ قانائەت ھېس قىلسىلا نورمال ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاساستا تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن سۇندۇق :
(ئەسكەرتىش: ئۆزىمىزنىڭ تەن ساپاسىغا مۇناسىپ ھالدىكى ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات دوكلاتىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە قەدىمىي كىتاپلىرىمىزدا بۇ ھەقتىكى شەرھىلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، سۇنۇلغان سانلىق مەلۇماتلاردا جۇڭگو قەدىمى تىبابەت قامۇسلىرى ۋە غەرپ ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساس قىلىندى.)
جۇڭگو قەدىمكى زامان تىببىي ئالىمى سۈن سىماو ئۆزىنىڭ تىبابەت قامۇسىدا مۇنداق شەرھىلەيدۇ: «20ياشتا كۈچلۈكلەر كۈندە 2 قېتىم، ئاجىزلار كۈندە 1 قېتىم؛ 30ياشتا كۈچلۈكلەر 2 كۈندە 1 قېتىم، ئاجىزلار 3 كۈندە 1 قېتىم؛ 40 ياشتا كۈچلۈكلەر 3 كۈندە 1 قېتىم، ئاجىزلار 4 كۈندە 1 قېتىم؛ 50ياشتا كۈچلۈكلەر 5 كۈندە 1 قېتىم، ئاجىزلار 10 كۈندە 1 قېتىم؛ 60 ياشتا كۈچلۈكلەر 10 كۈندە 1 قېتىم، ئاجىزلار 20 كۈندە 1 قېتىم؛ 70 ياشتا كۈچلۈكلەر 30 كۈندە 1 قېتىم، ئاجىزلار قىلمىغىنى ياخشى» .
ئامېرىكا جىنسىيەت مۇتەخەسسىسى كىنسەينىڭ جىنسىيەت سىتاتىستىكا دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 20 ياش ئەتراپىدا ھەر ھەپتىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 7 قېتىمدىن 10 قېتىمغىچە، 40 ياش ئەتراپىدا ھەپتىدە 1.4 قېتىم، 60 ياش ئەتراپىدا ھەپتىدە 0.5 قېتىم بولىدۇ دىيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ 25 ياشتىن 35 ياشقىچە ۋە 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئىككى مەزگىلى «جىنسىي ھەۋەس كاسات مەزگىلى» دەپ قارالغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە جىسمانىي قۇۋۋىتى ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلەلەيدىغان بولغاچقا، ئارتۇقچە ھودۇقۇش ھاجەتسىز، دورا ئىشلىتىشمۇ ھاجەتسىز دىيىلگەن. 65 ياش مەزگىلى ئەرلەرنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىق «جىنسىي ھەۋەس كاسات مەزگىلى» دىيىلىپ، بۇ مەزگىلدە مۇۋاپىق ساغلاملىق بويۇملىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ماس كېلىدۇ دىيىلگەن. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، ئەرلەردە بىر ئۆمۈر جىنسىي ھىسيات مەۋجۇت بولىدۇ، شۇڭا ئۆزىنى ئۆزى «شاللىۋەتمەسلىك» كېرەك دىيىلگەن. ئامېرىكىدىكى يەنە بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دىيىلىشىچە، 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىدا، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت رېتىمى ھەپتىدە 3 تىن 7 قېتىمغىچە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھەپتىدە 2 دىن 8 قېتىمغىچە بولغان.
ئامېرىكا ئالىملىرى ياش قۇرام ئامىلىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارغا بولغان تەسىرىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى «جىنسىي مۇناسىۋەت رېتىمى فورمۇلاسى» نى تۈزۈپ چىققان:
جىنسىي مۇناسىۋەت رېتىمى = ياش سانىنىڭ ئالدىنقى خانىسى × 9.
يەنى، ئۆز يېشىنىڭ ئونلەر خانىسىدىكى ساننى 9 غا كۆپەيتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ساننىڭ ئونلەر خانىسى بىر جىنسىي تۇرمۇش دەۋرىنىڭ داۋاملىشىش كۈن سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بىرلەر خانىسىدكى سان بولسا جىنسىي تۇرمۇش قېتىمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن، 30 نەچچە ياشتىكى ئەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتساق، 27=9 × 3، تەن سالامەتلىك يار بەرگەن، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، 20 كۈن ئىچىدە 7 قېتىم، تەخمىنەن 3 كۈندە 1 قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە مۇۋاپىق بولىدۇ، دىگەن نەتىجىگە ئېرىشىمىز. بۇ فورمۇلا 20 ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ماس كېلىدۇ.
ئەلۋەتتە، يۇقۇرىدىكى سانلىق قىممەتلەرنى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، جىسمانىي قۇۋۋىتى، روھى كۈچى، مۇھىت، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئاساسەن جانلىق پايدىلىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئامېرىكا جىنسىيەت ئالىمى سىتىفىن مۇنداق دىگەن: «سىز خاتالاشمىدىڭىز، چۈنكى توغرا بولغان جىنسىي تۇرمۇش رېتىمىنى ئەر– ئايال ئىككىڭلارنىڭ قىزىقىشى بەلگىلەيدۇ. » ئەر– ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈش كېرەك، مۇناسىۋەت رېتىمىغا نىسبەتەن، تەن سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئىككىنچى كۈنى ھارغۇنلۇق ھېس قىلمىسىلا زىيادە بولۇپ كەتمىگەن دىيىشكە بولىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىغان.