تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئىممۇنېت كۈچىنى نابۇت قىلىدىغان ئون «ئالۋاستى»

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ئىممۇنېت كۈچى بەدەن ساغلاملىقىنىڭ قوغدىنىش سېپىلى. ئۇنىڭغا ئازراق شەك يەتسە، دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ناۋادا بىز بۇنىڭغا سەل قارايدىغان بولساق، ساغلاملىقمىز بىز ئويلاپ باقمىغان خىرىسقا دۇچار بولىدۇ، ھەتتا ھاياتىمىز خەۋپكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئىممۇنېت كۈچىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئامىللارنى بىلىپ قويۇشنىڭ زىيىنى يوق. 

يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق. ئادەم كېچىسى قېنىپ ئۇخلىمىسا، ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلايدۇ ھەتتا كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ. مۇتەخەسىسلەر يېقىندا مۇنداق بايقاشقا ئېرىشتى: كېچىسى 7سائەتتىن 8سائەتكىچە ئۇخلايدىغان ئادەمگە قارىغاندا دائىم كېچىسى تۆت سائەت ئۇخلىغان ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى يۇقۇچان زۇكامغا تاقابىل تۇرىدىغان ئانتېللا ئازىيىپ كېتىدىكەن. 


بۇرۇختۇم كەيپىيات. مۇتەخەسسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتتا مۇنداق نەتىجە چىقتى: ئەر-ئايال نىكاھ مەسىلىسىدە ئىجابىي مۇنازىرىلەرنى قىلسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ قان بېسىم، يۈرەك سوقۇش رېتىمى ۋە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى نورماللاشتۇرۇش، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا مەسلىنى ئىچىدە ساقلايدىغان ئىشنى قىلمىغان تۈزۈك. 

سۇ بىلەن چىقىشالماسلىق. بەدەندە سۇ تولۇق بولسا، نەپەس يوللىرى سىستېمىسىدىكى شىللىق پەردىنىڭ نەملىكىگە كاپالەت قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىت كۈچى زورىيىپ، زۇكام ۋىرۇسلىرى كۆپىيىدىغانغا مۇۋاپىق يەر تاپالمايدۇ. مۇتەخەسسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: ئادەم ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن كۈندە 40مىللىلىتىر سۇ ئىچكىنى ياخشى. تېخى بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ سۇ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.


پاسسىپ تاماكا چېكىش. پاسسىپ تاماكا چېكىش خۇددى ئاكتىپ چەككەنگە ئوخشاشلا بەدەنگە زىيان سالىدۇ، بولۇپمۇ ئىممۇنېت كۈچىنى خورىتىدۇ.

ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش. ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئۈچەيدە تۇغما بار ئىممۇنېت كۈچىگە زىيان سېلىشى مۇمكىن. بۇ دەل بەدەندە ئانتىبىئوتىكلارغا چىداملىق ۋىرۇسلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب.


دائىم پىكاپتا يۈرۈش. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مۇنداق يەكۈن چىقتى: پىيادە مېڭىشنىڭ ئورنىغا ئاپتوموبىل ھەيدەش، شۇنداقلا چېنىقىش بىلەن خوشى يوقلارنى دائىم چىنىقىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەپتە ئىچىدە كېسەللىك بىلەن رۇخسەت سوراش قېتىم سانى ئىككى ھەسسە ئېشىپ كېتىدىكەن. مۇتەخەسسىلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: كۈندە 30 مىنۇت تېز مېڭىپ بېرىش ئوكسىگېنلىق چېنىقىشقا باراۋەر. ئۇ ئاق قان ھۈجەيرىلىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىممۇنىت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. 


ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى. تەتقىقات نەتىجىسى ئادەمنىڭ مۇناسىۋەت تورى قانچە كىچىك بولسا، ئۇلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە كۈچىيىپ كېتىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاز بولغاندىمۇ ئالتە دوستى بار كىشىلەرنىڭ دوستى ياكى ئاز ياكى يوق كىشىلەرگە قارىغاندا زۇكامغا قارشى تۇرۇش كۈچى تۆت ھەسسە كۈچلۈك بولىدىكەن. شۇڭا مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: «دوستلىرىڭىز بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ، ئالدىراش ۋاقىتلاردا دوستلارغا قىسقا ئۇچۇر يوللاشمۇ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېڭى ئۇسۇل بولالايدۇ. »


ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى». تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق مەزمۇن بار: ئەر-ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ تېگىشىشى، ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى «سىلىقلاش مېيى». چۈنكى ئەر-خوتۇنلارنىڭ بەدىنى بىر بىرىگە تېگىشكەندە بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسى سەل پەل ئۆرلەيدۇ. يۈرەك سوقۇش رېتىمى تېزلىشىپ، بەدەندىن سەزگۈ يەتكۈزۈش ھورمۇنى كۆپىيىدۇ. بۇ ھورمۇن دېۋەڭلىك ئامىللىرىنى چەكلەپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. 

تۇرمۇشتا ناخشا-مۇزىكا بولماسلىق. ناخشا ئېيتىپ تۇرسا بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى زورىيدۇ. گىرمانىيەلىك مۇتەخەسىسلەر ناخشا ئېيتىش سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىنى ناخشا ئېيتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تەكشۈرگەندە مۇنداق بايقاشقا ئېرىشتى: بۇ ناخشىچىلار مەشىققە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قېنىدىكى ئاقسىل ئىممۇنىتلىق گلۇبۇلىن  بىلەن بېسىمغا قارشى تۇرۇش ھورمۇنى گىدروكورتىزوننىڭ قويۇقلۇقىدا خېلىلا گەۋدىلىك ئېشىش بولدى. 


يۇمۇرىستىك خاراكتېر. يېقىندا مەخسۇس بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنى تاماملىغان مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: ئادەم قىزىقارلىق فىلىملەرنى كۆرسە ئۇلارنىڭ ئىممۇنىت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن. چۈنكى قاقاقلاپ كۈلۈش ئادەمنىڭ جىددىيلىشىش ھورمۇنىنى يوقىتىپ، مەلۇم خىل ئىممونىت ھۈجەيرىلىرىنى كۆپەيتىدىكەن ياكى ئويغۇتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئىممۇنېت كۈچى ئاشىدىكەن. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز