ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدە - يۇسۇنلىرىنىڭ ئىچىدە جەسەتىنى قەبىرىگە ئېلىپ بېرىشىقا جىنازا ئۈستىگە ئۆي ئىگىسى ۋە ئۇرۇق - تۇققانلار بىر كىيىملىكىتىن رەىت ياپىدىغان ئادەت بار . بۇنى << يۇپۇق >> دەپ ئاتايدۇ . ئۇنى مېيىت يەرلىكىكە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن گۆركارغا . مېيىت يۇغۇچغا . كەمبەغەللەرگە ، قارىي - موللىلارغا ئۈلۈشتۈرۈپ بېرىدۇ ، يۇپۇقىنىڭ قانچە قەۋەت يېپىلغانلىقى ئۆلگۈچىگە بولغان ھكرمەت بولۇپ ھۋسابلىنىدۇ .
بۇ خىل يوسۇننىڭ قەدىمىكى دەۋىرىدە پادىشاھلار ، بەگلەرنىڭ جەمەتىدىن ئۆلۈم چىقسا قىلىنىدىغان ئادەت ئىكەنلىكى ھەققىدە << دىۋان >> دا مۇنداق مەلۇمات بەرگەن ، ئەشۈك ، گۆشۈك ، يۇپۇق ، خانلار ۋە بەگلەر ئۆلگەندە . ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىگە يېپىلىپ ، كىيىن كەمبەغەللەرگە ئۈلۈشتۇرۇپ بېرىلىدىغان يىپەك يۇپۇق >> (98.1) . نورغۇن قائىدە - يوسۇنلار ئاۋۋال يۇقىرى تەبىقە كىشلەر ئارىسىدا مەنىلىك . رىقابەت ، ئۆزىنىڭ بايلىق ، باياشاتلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ . ئاندىن بۇ بارا - بارا قائىدە ئايلىنىپ ئوتتورھال تۇرمۇشتىكىلەرگىمۇ ئومۇملىشىدۇ ، بەزىلىرى ئەسلى دىنىي ئېتىقاد بىلەن ھېچقانداق مۇناسۋېتى بولمىسىمۇ ، بارابارا كىشلەر ئۇنى دىنىي ئېتىقاد بىلەن ھېچقانداق مۇناسۋېتى بولمىسىمۇ، بارا- بارا كىشلەر ئۇنى دىنىي يوسۇن سۈپىتىدە قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئاۋامغا ئومۇملىشىدۇ . << ئەشۇك >> قەبرىگە يېپىلىدىكەن ، ھازىر بولسا جىنازىغا يېپىلىدۇ ،
قانداقلا بولمىسۇن ئۆلۈمىنى ھەيۋەتلىك ، ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن پۈتۈن يۇرت ئەھلى قاتنىشىپ ئۇزىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى ئەنئەنىلىرنىڭ بىرى ، ئۆلۈمىنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئۇزىتىش ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىش ياخشى ئىجىتىمائىي ئۈنۈمگە ئىگە پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ . بىراق ، بەزى قائىدە -يوسۇنلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك . ھەر ئىشتا ئوتتورھال يول تۇتۇش خەيرىلىك بولىدۇ .
مەنبە. قائىدە - يوسۇنلىرمىزىدىن ئېلىنىدى