باھانە تېپىش
بارى ھېيت
ئۇ بۈگۈن ئىشقا كېلىپ، ئىشخانىسىنى ئىچىدىن تاقىۋالدى-دە، ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلىدى، ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلى زادىلا بۇ يەردە ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇشىغىلا خوتۇنىنىڭ كوتۇلداشلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇراتتى:
«مەن گەپ قىلمىساممۇ ئۆزى بىلىپ بىر ئىش قىلار دېسەم، ئەجەب ئۆزىنى بىلمەي كېتىۋاتىدۇغۇ بۇ ئادەم. ماۋۇ ئۆينى يالغۇز مەنلا تۇتمايدىغاندىمەن. قاراڭە، ئامباردىمۇ نەرسىلەر ئاز قېلىۋاتىدۇ، نەچچە قېتىم مېھمان چاقىرىش يولىمىزمۇ بولۇپ بولدى، ئۇلارنى كىم، نەدە مېھمان قىلىدۇ؟ ھېلىقى تۇغقىنىمىزنىڭ ئىشىنى قاچانغىچە كەينىگە سۆرەيمىز؟! ئاۋۇ ئۆينى قايسى شىركەت بېزەپ بېرىدۇ؟ ھېلىقى ئۆينىڭ نامىنى ئاچامنىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا يۆتكەيدىغان ئىشلارمۇ تۇرىدۇ، تېخىچە ئۇقۇشماي كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇلارنى ۋاقتىدا بىر نېمە قىلماي، كۈن بۇنداق ئۆتۈۋەرسە بولماس! ئېپىنى تېپىپ بىر ئىش قىلمايمەنمۇلا دەيسىز، ئېپى قاچان بولىدۇ، بىر ئېغىز گەپ، بىر باغاقچە بىلەن پۈتدىغان ئىشلارغۇ ئۇ، بولمىسا ئۆزۈم ئوتتۇرىغا چۈشەيمۇ-يا...؟!»
ئۇ ئايلانما ئورۇندۇقتا ئۇيان - بۇيانغا چۆرگىلىگەچ خوتۇنى تاپشۇرغان بۇ ئىشلارنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى ئويلاندى، دېمىسىمۇ ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈۋاتقان ئىشلار كۆپىيىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشلارنى ئۆزى بىر-بىرلەپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ھەل قىلىۋەتسۇنمۇ، كاتىپىنى ئىشقا سېلىپ ھەل قىلسۇنمۇ ياكى شوپۇرنى ئېۋەتىپلا... ئۇ كۆپ ئويلاندى، ئاخىرى بىر قارارغا كېلەلمەي بېشى قاتتى، كاللىسىنى بىر دەم ئارام ئالدۇرماق بولۇپ قولىغا تىزگىنەكنى ئېلىپ، تېلېۋىزورنى ئاچتى. تېلېۋىزوردا ئېلان بېرىلىۋاتقان بولۇپ، «ئالبېنى يېيىشنىڭ باھانىسى جىق» دەۋاتاتتى، ئۇ دەرھال ئەقىل تاپقاندەك بولدى-دە، كاتىپىنى چاقىردى:
-ماشىنىنى تەييار قىلىڭلار، دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۆزۈمنى بىر قۇر تەكشۈرتىۋېتەي.
ماشىنا قوزغالدى، ئۇنىڭ قۇلىقىدا ئەمدى خوتۇنىنىڭ كوتۇلداشلىرى ئەمەس، بەلكى «ئالبېنى يېيىشنىڭ باھانىسى جىق» دېگەن ئېلان ئەكس سادا پەيدا قىلماقتا ئىدى.
باشلىقنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىق خەۋىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭغا قاراشلىق بارلىق ئورۇنلارغا، مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرگە تارقالدى.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى