تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مېنىڭ دۇنيا قارشىم - ئېينىشتىيىن (تولۇق قىسمى)

ئېينىشتىيىننىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى

   ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بىزلەرنىڭ تەقدىرىمىز نېمىدېگەن غەلىتە! ھەر بىر ئادەم بۇ دۇنيادا قىسقا تۇرىمىز؛ مەقسەت نېمە بىلگىلى بولمايدۇ. بەزىدە ئۆزىمىزچە بۇ ھەقتە مەلۇم تۇيغۇغا ئىگە بولغاندەك قىلساقمۇ، لېكىن چوڭقۇر ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. كۈندىلىك تۇرمۇشتىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى: ئادەم باشقىلار ئۈچۈن ياشايدۇ، ئالدى بىلەن ئاشۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ياشايدۇ. بەختىمىز پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ۋە سالامەتلىكىگە باغلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بىز تونۇمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ياشايمىز. ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھېسداشلىق تۈگۈنى ئارقىلىق بىز بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. ھەركۈنى ئۆزۈمگە شۇنى نەچچە يۈز قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەنكى، مەنىۋى تۇرمۇشۇم باشقىلار (جۈملىدىن ھايات يۈرگەنلەر ۋە ۋاپات بولغانلار) نىڭ ئەجىرىنى ئاساس قىلغان. مەن قوبۇل قىلغان ۋە ھېلىھەم قوبۇل قىلىۋاتقان نەرسىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئوخشاش ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشۇم كېرەك. مەن ئاددىي - ساددا تۇرمۇشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە قېرىنداشلىرىمنىڭ بەك كۆپ ئەجىرىنى ئىگىلەپ كەتكەنلىكىمنى سېزىپ چىدىيالماي قالىمەن. مېنىڭچە، سىنىپلارنىڭ ئايرىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇ ئاخىرىدا زوراۋانلىقنى ئاساس قىلىدۇ. مەنمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جىسمانىي جەھەتتىن ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن، ئاددىي - ساددا تۇرمۇش ھەر-بىر ئادەمگە پايدىلىق.
   ئىنسانىيەتنىڭ پەلسەپەۋى مەنىدىكى ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىغا پەقەت ئىشەنمەيمەن،  ھەربىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى سىرتقى دۇنيانىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچراش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئىچكى مۇقەررەرلىككە ماسلىشىدۇ. ئارتور شۇپېنخائوئېر«ئادەم ئۆزى قىلماقچى بولغاننى قىلالىسىمۇ، لېكىن ئىگە بولماقچى بولغانغا ئىگە بولالمايدۇ» دېگەنىدى. بۇ ھېكمەتلىك سۆز ياشلىق دەۋرىمدىن باشلاپلا ماڭا ھەقىقىي ئىلھام بەرگەنىدى؛ ئۆزۈمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇ بىزگە تەسەللىي بولدى ھەمدە كەڭ قورساقلىقنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشنىڭ مەنبەسى بولدى. بۇنداق تەسىرات ئادەمنى ئوڭاي بوشاشتۇرۋىتىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كەڭچىلىك بىلەن يېنىكلىتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق جىددىي مۇئامىلىدە بولۇشتىن ساقلايدۇ. بۇ يۇمۇرلۇق بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇن بېرەلەيدىغان كىشىلىك كۆز قاراشنى بەخش ئېتىدۇ.

  بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياكى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى ياكى مەقسىتىنى سۈرۈشتۈرسە، ئوبيېكتىپ نۇقتىينەزەر بىلەن قارىغاندا، مېنىڭچە بۇ نادانلىق ۋە ئەخمەقلىق بولىدۇ، لېكىن ھەربىر ئادەمدە مۇئەييەن غايە بولىدۇ. بۇ غايە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى ۋە ھۆكۈم نىشانىنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھۇزۇر - ھالاۋەت ۋە راھەت - پاراغەتنى تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى بولىدۇ، دەپ قارىغان ئەمەسمەن-بۇنداق ئېتىكا ئاساسىنى چوشقىنىڭ غايىسى، دەپ ئاتايمەن. يولۇمنى يورۇتىۋاتقان ھەمدە ماڭا يېڭى جاسارەت بېغىشلاۋاتقان تۇرمۇشقا خۇشاللىق بىلەن توغرا قاراش غايىسى ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە چىنلىقتىن ئىبارەت. ھەمراھلار ئارىسىدىكى سەمىمىي ھېسسىيات بولمىغاندا،  ئوبيېكتىپ دۇنياغا -سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن خىزمەتلىرى ساھەسىدىكى مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئوبيېكتلارغا پۈتۈن زېھنىي بىلەن بېرىلمىگەندە، مېنىڭچە، تۇرمۇش تولىمۇ مەنىسىز بولىدۇ. مېنىڭچە، كىشىلەر كۈچەپ قوغلاشقان چاكىنا نىشان - بايلىق، ساختا شۆھرەت، راھەت - پاراغەتكە بەكمۇ بېرىلگەن تۇرمۇش- پەسكەشلىك بولىدۇ.
 مەندە كۈچلۈك ئىجتىمائىي ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار. لېكىن مەندە باشقىلار بىلەن ۋە جەمئىيەت بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش تەلىپى كەم. بۇ ئىككىسىدىن ھامان غەلىتە سېلىشتۇرما ھاسىل بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ‹‹ تەنھا مېھمان » مەن. دۆلىتىمگە، ئائىلەمگە، دوستلىرىمغا، ھەتتا ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن مەنسۇپ بولغان ئەمەسمەن؛ بۇ مۇناسىۋەتلەر ئالدىدا مۇئەييەن ئارىلىق بارلىقىنى ھەمدە تەنھالىقنى ساقلاپ قېلىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمەن-بۇنداق ھېسسىيات يىلدىن - يىلغا كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ. كىشىلەر شۇنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىدۇكى،  باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ۋە ماسلىشىپ بىرلىككە كېلىش چەكلىمىلىك بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىش ھاجەتسىز. شەكسىزكى،  بۇنداق ئادەم ئاق كۆڭۈل ۋە غەم - ئەندىشىدىن خالىي ھالىتىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئايرىلىپ قالسىمۇ،  لېكىن باشقىلارنىڭ پىكىرى،  ئادەت ۋە ھۆكۈملىرىنىڭ تىزگىنلىشىگە كۆپ ئۇچرىمايدۇ ھەمدە قەلب تەڭپۇڭلۇقىنى ئاشۇنداق ئىشەنچسىز ئاساستىكى قايمۇقتۇرۇشلارغا تىكلەشتىن خالىي بولالايدۇ.
   دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم سىياسىي غايەم ھېسابلىنىدۇ.ھەر بىر ئادەم ئادەم سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىشى كېرەككى، ھەر قانداق ئادەم باشقىلار چوقۇنىدىغان مەبۇد بولماسلىقى لازىم. مېنى زامانداشلىرىم بەك ماختاپ ۋە ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مېنىڭ سەۋەنلىكىمدىن ئەمەس، شۇنداقلا تۆھپىلىرىم تۈپەيلىدىنمۇ ئەمەس،  بەلكى ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرنىڭ بىر خىل مەسخىرىسى،  بۇنىڭ سەۋەبى،  كىشىلەردە ئېھتىمال بۇنداق بىر خىل ئارزۇنىڭ بولغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئاجىز كۈچۈم بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئاز ساندىكى بىر نەچچە كۆز قارىشىمنى بىلمەكچىدۇ. بۇ ئارزۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ماڭا تامامەن ئېنىقكى، بىر تەشكىلات ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، بىر ئادەم تەپەككۇر قىلىشى، قوماندانلىق قىلىشى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، لېكىن رەھبەرلىك قىلىنغۇچىلار مەجبۇرلانماسلىقى لازىم. ئۇلار ئۆزىنىڭ داھىيسىنى تاللىۋالالايدىغان بولسۇن. مېنىڭچە، مەجبۇرلايدىغان ئىستىبدات تۈزۈم ناھايىتى تېز چىرىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى زوراۋانلىق ھامان پەزىلىتى ناچار كىشىلەرنى سەھنىگە چىقىرىپ قويىدۇ. ئىشىنىمەنكى،  تالانتلىق زالىم پادىشاھقا ھامان ئۇياتسىزلار ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇ قەدىمدىن كەلگەن ئوڭاي ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنىيەت،  دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۈگۈن بىز ئىتالىيەدە، رۇسىيەدە كۆرۈۋاتقان تۈزۈمگە كۈچلۈك قارشى تۇردۇم. ياۋروپادا بۈگۈن مەۋجۇت بولۇۋاتقاندەك ئەھۋالدا دېموكراتىيە شەكلى گۇمانلىق بولۇپ قالدى. بۇنى دېموكراتىيە پىرىنسىپلىرىنىڭ ئۆزىگە دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تۇراقسىزلىقىنىڭ ۋە سايلام تۈزۈمىنىڭ شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكنىڭ ئالامىتى. ئىشىنىمەنكى، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا توغرا يول تاپتى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى خېلى ئۇزۇن بولىدىغان زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشقا تولۇق ھوقۇقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە ئاغرىقلارنى ۋە نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈزگەن بىر قەدەر كەڭ بەلگىلىمىلىرى ماڭا يارىدى.كىشىلىك ھاياتنىڭ رەڭگارەڭ ئويۇنلىرىدا ھەقىقىي قىممەتلىك بولىدىغىنىنى سىياسىي جەھەتتىكى دۆلەت ئەمەس،  بەلكى ئىجادچانلىققا ۋە ھېسسىياتقا ئىگە شەخسلەردىن، ئىنسانىي پەزىلەتتىن ئىبارەت؛ شەخىسلەرلا يۈكسەك ۋە ئاجايىپ نەرسىلەرنى يارىتالايدۇ. ۋەھالەنكى، ئاۋام ئىدىيە جەھەتتە ھامان قاشاڭ بولىدۇ،  ھېسسىيات جەھەتتىمۇ قاشاڭ بولىدۇ.
     سۆزۈم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئاممىۋى تۇرمۇشتىكى ئەڭ ناچار بىر خىل ئىپادە ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ مەن بىزار بولىدىغان ھەربىي تۈزۈم. بىر ئادەم كۆرەڭلىگەن پېتى ھەربىي ئوركېستىرغا ئەگىشىپ چاسا شەكىلدە تېزىلدۇرۇلغان قوشۇن ئىچىدە كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىقىمغا يېتىدۇ. ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىنلا ئۇنىڭدا كاللا بولۇپ قالغان؛ يىلىكلا بولسا، ئۇنىڭ ھەممە ئېھتىياجىغا يېتەتتى. مەدەنىيەتنىڭ بۇنداق جىنايى مەركىزىنى ئىمكانقەدەر تېزرەك يوقىتىش لازىم. باشقىلارنىڭ جورۇقچىلىقى بىلەن بولىدىغان قەھرىمانلىق، رەھىمسىزلەرچە زوراۋانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك نامى ئاستىدىكى يىرگىنىشلىك بىشەملىكلەر مېنى قاتتىق يىرگەندۈرىدۇ! مېنىڭچە ئۇرۇش شۇنداق رەزىل، پەسكەشلىكى، قىيما-چىيما قىلىنىپ كەتسەممۇ، ئۇنداق يىرگىنىشلىك شۇملۇققا ئارىلاشمايمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئىنسانىيەتكە يۇقىرى باھا بېرىمەن. ئىشىنىمەنكى، خەلقنىڭ ساغلام ھېسسىياتى مەكتەپلەر ۋە گېزىت ئارقىلىق تەسىر قىلىدىغان سودا مەنپەئەتى ۋە سىياسىي مەنپەئەتنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىمىغان بولسىلا، ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستى ئاللىقاچان يوقالغان بولاتتى.
   بىزدە بولىدىغان ئەڭ ياخشى تەجرىبە - سىرلار تەجرىبىسىدىن ئىبارەت. ئۇ ھەققى سەنئەت ۋە ھەققى ئىلىم - پەننىڭ مەنبەسى ئۈستىدە چىڭ تۇرغان ئاساسىي ھېسسىيات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىمىكى ئۇنىڭ تېگى- تەكتىگە يەتمىسە، ئۇنىڭدا قايتا قىزىقىش بولمىسا، شۇنداقلا قايتا ھەيرانلىق ھېسسىيات بولمىسا، ئۇ ھارام تاماقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. مانا مۇشۇنداق سىرلارنىڭ تەجرىبىسىدىن -قورقۇش ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ-دىن بارلىققا كەلگەن. بايقاپ كېتەلمەيدىغان مەلۇم نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە، قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر سىرىغا ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىل بىلەن يېقىنلىشىدىغان ئىدراكىي ۋە ئەڭ يارقىن گۈزەللىكنى ھېس قىلىمىز -دەل مۇشۇنداق تونۇش ۋە مۇشۇنداق ھېسسىياتتىن ھەقىقىي دىننىي ھېسسىيات ھاسىل بولغان. مۇشۇ مەنىدىن، بەلكى پەقەت مۇشۇ مەنىدىنلا، چوڭقۇر دىننىي ھېسسىياتقا ئىگە ئادەممەن.ئۆزۈم ھاياتنىڭ مەڭگۈلۈك سىرلىردىن قانائەتلىنىشنى ئىستەيمەن. مەۋجۇت دۇنيانىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرۇلمىسىنى كۆزىتىشتىن قانائەتلىنىمەن. ئۇنىڭدىن يېرىم - ياتىنى بولسىمۇ بايقىۋالالىسام ھەمدە سەمىمىي تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈنگەن ئاشۇ ئىدراكنىڭ بىر قىسمىنى چۈشىنەلىسەم، ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىسام،  ئۇنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر قىسمىنى چۈشىنەلىسەممۇ تولۇق رازى بولغان بولاتتىم.

ئىزاھات

    نوبېل - شىۋېتسىيە خىمىكى ھەم كەشپىياتچىسى 1833-1896 يىللىرى ياشىغان.
 نوبېل مۇكاپاتى - نوبېلنىڭ مىراسىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات. 1901-يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم فىزىكا، خىمىيە، فىزىيولوگىيە ياكى تېببىي ئىلىم (مېدىتسىنا) ۋە تىنچلىق ئىشلىرى بويىچە تارقىتىلىپ كەلگەن. 1968- يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات مۇكاپات تۈرى قوشۇلغان.

                                ئېينىشتىيىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


  20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن 1879-يىل 3 -ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ئۇلىم شەھىرىدە يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا خىيالچان، كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بالا ئىدى. ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ،  ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئۈمىد يوق» ئوقۇغۇچى ھېسابلىناتتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ «ئۈمىد يوق» ئوقۇغۇچى 1905- يىلى 26 ياشقا تولغان چاغدا «فىزىكا خاتىرىلىرى» ژۇرنىلىدا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك نەزەرىيە «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نى ئېلان قىلدى. لېكىن بۇ ئۇلۇغ نەزەرىيەنى چۈشىنىدىغانلار 1915-يىلىغىچە 20 كىشىدىن ئاشمىدى. 1916-يىلى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1919-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيەسى تەجرىبىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1921-يىلى 42 يېشىدا نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. لېكىن ئۇنىڭ نەزەرىيەسىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ بولدى. گېرمانىيەدە مەخسۇس تەشكىلات قۇرۇلۇپ تەنقىدلەندى. سەۋەبى، ئۇ يەھۇدىي بولۇپ قالغانلىقى ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بەزى ئالىملارمۇ ئۇنى بۇرژۇئازىيە ئالىمى دەپ قاراپ، << ئىدېئالىزمچى >> دەپ تەنقىدلىدى.

ئېينىشتىيىن ئۇلارغا جاۋابەن 1953-يىلى مۇنداق بىر كۇبلېت ھەجۋىي شېئىر يازدى :


ئىزلىگىنىڭلار قەترىچە ھەقىقەتمۇ، 

تەرلەپ -پىشىپ،  جاپا چېكىپ ئاھ ئۇرۇپ؟
كېلۇر پىرقە پەرمانىدىن ھەقىقەت،
يۈرمەڭلار ئەخمەق بولۇپ باش قاتۇرۇپ. 


ئۆمرىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قازانغان بۇ ئالىم 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەنبە:«نوبېل مۇكاپاتى ئالغۇچىلارنىڭ نۇتۇق تېكىستلىرى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.




تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز