تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئابدۇغېنى سىيتىت: مەرىپەت گۈلدەستىلىرى

مەرىپەت گۈلدەستىلىرى

 


 

  ئابدۇغېنى سىيىت 


 

 

     سالام، مۇئەللىم

 

مۇئەللىم، مەن ساڭا بېرىمەن سالام،

بېغىشلاپ پاك ئىخلاس، مۇھەببىتىمنى .

ئەجرىڭدىن نۇر ئېقىپ يورۇغان دىلىم،

قوبۇل قىل ئەقىدەم، چىن ھۆرمىتىمنى .

 

مەن سېنى تاغ دەيمۇ بۇلۇتنى سۆيگەن؟   

بىلىمەن، ھۆرمىتىڭ تاغدىنمۇ ئېگىز .

گەر باغۋەن ئاتىسام، ئۆستۈرگەن مېۋەڭ،

شېرىنلىك بابىدا بالدىنمۇ لەرىز .

 

تەر-ئەجرىڭ دەرياكى كۈۋەجەپ ئاققان،

بەھرىڭدە ياشنايدۇ باغۇ- بوستانلار .

سەن ھۆرمەت ئىگىسى، پەرۋىشىڭ بىلەن،

يېتىلدى نى ئۇلۇغ مەردۇ – مەردانلار .

 

سەن تۆكۈپ ئەۋلادلار غېمىدە قان – تەر،

ئېچىلدى گۈل – غۇنچە باسقان يولۇڭدا .

ئەمانىڭ كۆزىسەن، تىلسىزنىڭ تىلى،

يېشىلەر ھېكمەتلەر سىرى قولۇڭدا .

 

ئېسىمدە، مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈن،

سەن مېنى كۈتكۈنۈڭ– مېھىرلىك كۈلۈپ .

ئېىسىمدە، مېنى دەپ چەككەن جاپايىڭ،

ئۆسكىنىم شەپقىتىڭ پەيزىنى سۈرۈپ .

 

سەن ئۇلۇغ، سەن بۈيۈك، ئالقىش ساڭا خاس،

ساناقسىز دىللاردا تەۋسىپ مەدھىيەڭ .

ئەۋلادقا تەۋەرۈك، ئۆرلەشكە قانات،

 ھەرسائەت ئۆتكەن دەرس، سۆزۈڭ، لېكسىيەڭ .

 

يېزىلسا قانچىلاپ توم – توم قىسسەلەر،

ئاز كېلەر شەنىڭگە مېھرىبان ئۇستاز .

ئەجرىڭنى ئاقلايمىز يارىتىپ تۆھپە،

غايىنىڭ كۆكىدە ئەيلەيمىز پەرۋاز .

 

     ئۇ ، مېنىڭ ئۇستازىم

 

چېچىغا ئاق قوندى، چېكىدە قورۇق،

ۋە لېكىن مەڭزىدە تەپچىرەيدۇ قان .

سۆزلەيدۇ، نۇتقىمۇ خوپ راۋان، تولۇق،

يول يۈرەر ياشلاردەك شاش، تېتىك ھامان .

گەپ-سۆزى ئاشكارە، خوپ ئوچۇق – يورۇق،

گەر چىقسا مۇنبەرگە ئاڭا ئالقىش شان.

ئۇ ، مېنىڭ ئۇستازىم، مەندە ئەجرى بار،

قەلبىمدە ھۆرمىتى، قەدرى – مېھرى بار .

 

ئۇ بارغان سورۇنلار كېتەر جانلىنىپ،

چاقچاقلار ئەۋجىدە شوخ كۈلكە – قىيقاس.

كەيپىيات باھارغا كېتەر ئايلىنىپ،

قالىدۇ تورۇسمۇ ئۆرۈلگىلى تاس.  

شۇڭا، ئۇ نەزەردىن قالماس شاللىنىپ.

ھەيرانمەن، كەيپىمۇ ئەجەب پەيزى، راس.

ئۇ، مېنىڭ ئۇستازىم، ئىللىق مېھرىبان،

قەلبىمدە سۆيگۈسى ياسايدۇ قىيان .

 

ئۇ ماڭا ئۆگەتكەن چىن سەمىمىيلىك،

بىر ئۆمۈر پاك ياشاش، سۆزلەشنى، راستنى .

مۈشكۈلنى يېڭىشنى، بولساممۇ تىرىك،

ئۆگەتكەن بولۇشنى روھىي ئالماسنى.

دېگەن ئۇ: « ئەبەدىي ئۇنۇتماس خەلق،

ئەل ئۈچۈن پىداكار بېلى تالماسنى...»  

ئۇ، مېنىڭ ئۇستازىم، مەن ئاڭا شاگىرت،

مۈشكۈلدە ۋايسىماس ئادىتىم شاھىد.

 

ئۇ دەيتتى: « بولمايدۇ دېگىلى ئادەم،

ئۇچقاننى ساماندەك ئويناپ شامالغا .

ھەسەتخور كۆڭلىگە قاراڭغۇ ئالەم،

ئىتتىرەر ئۆزگىنى ئورا – ئازگالغا .

ئۆگەنسۇن سېخىيلىك بابىدا ھاتەم،

مەردلىكنى سېنىڭدىن، چامدىغىن ئالغا ...»

ئۇ، مېنىڭ ئۇستازىم، « مەن » دىن بەك يىراق،

تەلىمى، خىسلىتى يولۇمغا چىراق .

 

ھە، ئۇ كىم ؟ مۇئەللىم-بىر ئاددىي ئىنسان،

بەستىدە بور – توزاڭ، قولىدا كىتاب .

توشۇماس، ساقلىماس ئۇنى « جىپ » ھامان،

ناز قىلىپ ئېلىپ ماڭار تەس لاتا پىكاپ،

ئۇ ھارماس تۇلپاردۇر ئېشىشتا داۋان .

ھەر نەپەس ئالغا ! ... دەپ قىلىدۇ خىتاب،

ئۇ، مېنىڭ ئۇستازىم، بەيگىدە چانماس،

ئەدەبلىك، پەزىلىتى گەپ – سۆزىگە ماس .

 

ئۇ شامكى، كۆيىدۇ ئىرپان يولىدا،

نۇرىنى ئەۋلادلار بىلەر تەۋەررۈك .

كۈن – تۈنى ئەۋلادلار ئېسى–يادىدا،

يەلكىدە تاغ كەبىي بۇرچ، ئېغىر يۈك .

سۆيەر خەلق تۆھپىسى ئەمەس دالدىدا،

دىللاردا سىيماسى بەك يۈكسەك، بۈيۈك .

ئۇ، مېنىڭ ئۇستازىم، نۇرلۇق ئابىدە،

ئۇ ماڭا قىبلەگاھ، مەن شۇ كەئبىدە .

      

             مەكتەپ مېھرى

(خوتەن پېداگوكىكا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا)

 

ناخشامغا ئەقىدە، سۆيگۈ مۇجەسسەم،

بولغاي ئۇ تاج - چاچقۇ، زىننەت بېشىڭغا.

مەكتىپىم، مەن سەندە يېتىلگەن كۆچەت،

قىل قوبۇل سوۋغامنى ئاتمىش يېشىڭغا.

 

مەن ساڭا كىرگەن شۇ تۇنجى دەملەردە،

بىلىنگەن ھۆسنۈڭ ئۇز، تاڭنىڭ لەيلىسى.

باقاتتىم يېنىشلاپ، ئوخچۇپ ھېسلىرىم،

سېزەتتىم باغرىڭنى گۈلشەن سەيلىسى.

 

يايرىدىم بېلىقتەك قايناق ھاياتنىڭ،

باغرىڭدا مەن سەبىى سەھرا بالىسى.

سەن دېدىڭ: « كەلگىنە، ئەي ئوماق ئوغلۇم،

ئېھ، بىلىم تەشناسى، كۆزنىڭ قارىسى».

 

سەن بولدۇڭ نۇر - مەشئەل خىرە قەلبىمگە،

تونۇتتۇڭ ھەق نېمە؟ ۋە نېمە ناھەق؟

ئۆگەتتىڭ ئادەمچە ياشاشنى ماڭا،

تەھدىتلەر ياغسىمۇ سۆزلەشنى بەرھەق.

 

دېمەك، سەن مەكتىپىم ــــ مەردلىك ئوچىقى،

تاۋلاندىم چوغلانغان پولاتتەك پېچتا.

سېرىقتال ئۆتتۈم مەن، ياشىدىم غەيۇر،

دۈم چۈشمەي تەييارغا، خوش- خوش ئېقىشقا.

 

ئەجرىڭدە ئۆستۈم مەن كۆچەت بوپ بولۇق،

بال بېرىپ ئەۋلادقا ، تولۇپ قىيامغا.

ياشىدىم مېھرىڭگە ساقلاپ ئەقىدە،

كۆز سالماي ئەجىرسىز نەپكە، ھارامغا.

 

مەن قۇچقان شەرەپتە سېنىڭ ھەسسەڭ بار،

چۈنكى، سەن ئۆگەتكەن جاپانى يەڭ دەپ .

بولسا گەر ئەل-ۋەتەن يولىدا كېرەك،

جان پىدا ئەيلىگىن، قىل كۈرەش، جەڭ دەپ.

 

ئازمىدۇ سېنڭدە يېتىلگەن شاگىرت،

ئەۋلادلار دىلىغا چىراق ياققانلار.

ئازمىدۇ سەنئەتكار، يازغۇچى-شائىر،

ئازمىدۇ ھەر سەپتە شەرەپ تاپقانلار.

 

قىلمىسا گەر باغۋەن پەرۋىش چىمەنگە ،

تولامدۇ گۈل ھۆسنى جۇلا، جىلۋىگە ؟

گەر سېنىڭ تەلىمىڭ تۇرمىسا ئەستە،

ئاھ، نېمە ئۈندەيتتى مېنى غەلىبىگە؟

 

قېرىيدۇ ئادەملەر ئاتمىش يېشىدا،

ئاقىرىپ چاچ-ساقال، مۈكچىيىپ بېلى.

بىراق، سەن نېمانچە نەۋقىران، زىبا،

تويلاشقان ياشلاردەك ھېلىلا-ھېلى.

 

مەكتىپىم، سەن چىراق، ئەۋلاد پەرۋانە،

ئاتەشلىك ئىشقڭغا باغرىن ئۇرىدۇ.

تاۋلىنىپ، ئەقىلگە تولغاننى چىللاپ،

ۋەتەننىڭ كەلگۈسى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

 

ئاتمىش يىل، ئاتمىش ياش، دەل ئاتمىش قارار،

ھەر قارار مېۋىسى بولۇق شېرىن-باغ.

مەكتىپىم، چېھرىڭنى سۆيىدۇ كۈلكە،

شاگىرتلار ئەل يۇرتنى رازى قىلغان چاغ.

 

بىر دەريا مېھرىم بار مەكتىپىم ساڭا،

شۇ مېھىر قەلبىمنى يۇيۇپ تۇرىدۇ.

تەلىمىڭ دىلىمدا چاقنىغان نەقىش،

ئۇ شاگىرت قەلبىگە ئۇيۇپ تۇرىدۇ.


مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز