قۇرۇم تېغى باغرىدىكى قەدىمىي يۇرت ــ
نۇرى
مۇھەممەت تۇرسۇن
(«قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى گېزىتى»نىڭ پېنسىيونېرى)
تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلاردا ئانچە كۆپ تىلغا ئېلىنمايدىغان ھەم نۇرغۇن كىشىلەر بىلىپ كەتمەيدىغان، قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بىر قەدىمىي يۇرت بار. ئۇ بولسىمۇ چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇرى يېزىسىدۇر.
نۇرى يېزىسى ـــ چىرا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي، جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزىنىڭ جۇغراپىيەلىك دائىرىسى شەرقتىن غەربكە (كەڭلىكى)44°1′19″8، جەنۇبتىن شىمالغا (ئۇزۇنلىقى)159°8′1″143، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ يۇقىرى ئىگىزلىكى 6903 مېتىر، ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 4251 مېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى(كۆلىمى)4933كۇۋادىرات كىلومىتىر. نۇرى يېزىسى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 110 كىلومېتىر بولۇپ، شەرق تەرىپى چىرا ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىغا، غەرب تەرىپى ئۇلۇغساي يېزىسىغا، جەنۇب تەرىپى شىزاڭ(تىبەت) ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرىسىغا، شىمال تەرىپى دامىكو يېزىسىغا تۇتىشىدۇ.
نۇرى يېزىسى قۇرۇم تېغى باغرىغا جايلاشقان، ھاۋاسى ساپ، سۈيى ئەلۋەك، مەنزىرىسى گۈزەل، تەبىئىي بايلىقى مول جايلارنىڭ بىرى. بۇ يۇرتنىڭ يايلاقلىرى چارۋا-مال بېقىشقا تازا ماس كېلىدۇ، تۈزلەڭلىكلەردە بولسا بۇغداي، قوناق، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەر ھەمدە بەرەڭگە، چامغۇر، پىياز دېگەندەك تۈرلۈك كۆكتاتلار تازا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئالما، ئۈرۈك، غەزمەت، ياڭاق قاتارلىق ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەردىن تەركىپ تاپقان باغلارمۇ كۆپ. يېزا مەركىزىدە يېزىنىڭ ئالاھىدە ماركىسى بولغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە 7 تۈپ تېرەك بار. (بەزى ماتېرىياللاردا ئۇ 500 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ يېزىلغان) 1980-يىللارنىڭ بېشىدا خەنزۇچە «شىنجاڭ گېزىتى» بۇ تېرەكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭىنىڭ ئىگىزلىكىنى 120 مېتىر، ئۇنىڭ غول ئايلانمىسىنى 20 مېتىر كېلىدۇ، دەپ سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلغان. (ھازىر تەبىئىي ۋە سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقلار تۈپەيلىدىن ئاران 5 تۈپ تېرەك ئامان قالدى).
نۇرى يېزىسىغا قاراشلىق 18 كەنت بار، يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 13 مىڭدىن ئاشىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەت چىمەنباغ كەنتى بىلەن قۇمباغ كەنتىنىڭ پاسىلىغا جايلاشقان. ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بەزى ئولىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئېيتىشىچە: يېزا ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم تارىخى ھەققىدە ئەسلىدە نۇرغۇن ماتېرىيال، رىۋايەت، چۆچەكلەر بار بولسىمۇ لېكىن خاتىرىگە ئېلىپ ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەچ ھەمدە ساقلانغانلىرىمۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە كۆيدۈرىۋېتىلگەچ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار يۇقالغان ۋە ئۇنتۇلغان. يېزا ئىسمى ھەققىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان مۇنداق بىرلا رىۋايەت بار: زامان-زامانلارنىڭ ئەۋۋىلىدە تەكلىماكاندا دەھشەتلىك قارا بوران كۆتۈرۈلۈپ، ئاسمان، زېمىننى چاڭ توزاڭ قاپلاپ، ئۇدا 40 كېچە كۈندۈز ھاۋا ئېچىلماپتۇ. ئۇنىڭ تەسىرى بۇ يۇرتقا ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. شۇ سەۋەپلىك بۇ يەردىكى كىشىلەر ھاۋانىڭ ئېچىلىپ قۇياشنىڭ چىقىشىغا تولىمۇ تەقەززا بولۇپتۇ، شۇنداقلا كىشىلەر توپلىشىپ ھەر كۈنى ئېگىز تاغ بېشىغا چىقىپ، قۇياشنىڭ چىقىشىنى تىلەپ دۇئايى-تىلاۋەت قىپتۇ. 40 نەچچە كېچە كۈندۈز ئۆتكەندىن كېيىن قارا بوران ۋە چاڭ توزاڭ بېسىقىپ، ئاخىرى قۇياش چىقىپ زېمىنغا نۇر چېچىپتۇ. قۇياشنىڭ چىقىشىغا تەشنا بولغان خەلق ئۇنىڭغا تەنتەنە قىلىپ: «كۈن نۇرى چىقتى، كۈن نۇر چاچتى» دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. بۇ سۆز كېيىن ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرۈپ، يۇرتنىڭ ئىسمى «نۇر» (نۇرى) دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن.
«(نۇرى)» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ھەققىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھاتمۇ ئۇچرايدۇ: «<نۇر> قەدىمكى مۇڭغۇل تىلىدا <كۆل> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، تىل شىۋە ئادىتى بويىچە قۇشۇلغان < ى> تاۋۇشى ئارقىلىق ئۇنىڭ مەنىسىنى <كۆللۈك> دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ». گەرچە «نۇر» دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى مۇڭغۇل تىلىدا «كۆل» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ لېكىن بۇنى مۇڭغۇل تىلىغا باغلاپ ئىزاھلاش ياكى چۈشەندۈرۈشنىڭ دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكىگە ھازىرچە كىسىپ بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئىسپاتلاش، ئېنىقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا يەنى بۇ سۆزنىڭ قايسى دەۋردە، قانداق پەيدا بولغانلىقى، «نۇر» دېگەن سۆز بىلەن باغلىنىشى بار ياكى يوقلۇقى (بولۇپمۇ مۇڭغۇللارنىڭ مۇشۇ رايوندىكى پائالىيەت ئىزنالىرى، خارابىلىرى ھەققىدە) تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ مۇكەممەل ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئالدىراپ يەكۈن چىقارساق تارىخ ئالدىدا مەسخىرىگە قالىمىز. بەزى ماتېرىياللاردا «نۇرى يېزىسى ئەڭ قەدىمىي يۇرت بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردىلا ئۇدۇن (خوتەن) تەۋەسىدىكى ئالتە بەگلىك دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان (نۇرى، ئۇلۇغساي، چاقار، بوستاندىن تەركىپ تاپقان. مۇئەللىپ ئىزاھى) چىرا دۆلىتى مۇشۇ يەردە قۇرۇلغان. مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۈبۈتلەر كۈچىيىپ تارىم ۋادىسىنى بىر مەھەل كونترول قىلىپ، تارىمنىڭ شىمالىدا تاڭ سۇلالىسى بىلەن قارشىلاشقاندا، تۈبۈتلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى مۇشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان. چۈنكى بۇ يەر دېھقانچىلىققىمۇ، چارۋىچىلىققىمۇ باب كېلىدىغان، ساپ ھاۋالىق، يوللىرى راۋان ياخشى جاي ئىدى. بۇ يەر بۇياپىشىدىن تارتىپ، پولۇغىچە بولغان يۇرتلارنىڭ مەركىزىي قىسمىغا ۋە چىرا، چاقارغا بارىدىغان ھارۋا يوللىرىنىڭ، كېرىيە، لوپ، تىبەتكە بارىدىغان كارۋان يوللىرىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ، ئەزەلدىن قۇرۇم تاغ رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزي بولۇپ كەلگەن» دەپ خاتىرىلەنگەن.
نۇرى يېزىسى - چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ «نۇرى» دەپ ئاتالغان. «شىنجاڭنىڭ مەمۇرى رايونلىرى تەزكىرىسى» ناملىق كىتاپتىمۇ «نۇرى كەنتى» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىنگو (پىرقە) دەۋرىدە چىرا ناھىيەسىنىڭ 6- رايونى دەپ ئاتالغان. مىنگونىڭ33- يىلى نۇرىغا “يېڭى ھايات”بازىرى دەپ نام بېرىلگەن. 1949 -يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ بىر مەزگىلگىچە چىرا ناھىيەسىنىڭ 6-رايونى دېيىلگەن. 1959-يىلىدىكى كوممۇنالاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە «نۇرى خەلق كوممۇناسى (گۇڭشېسى)» بولۇپ قۇرۇلغان. 1966-يىلى باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا نۇرى يېزىسىنىڭ ئىسمى «قىزىل قىيا (خۇڭيەن) كوممۇناسى (گۇڭشىسى)» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» تاماملانغاندىن كېيىن، «نۇرى خەلق كوممۇناسى (گۇڭشىسى)» دېگەن ئىسىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984-يىلىغا كەلگەندە يۇقىرىنىڭ ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن «نۇرى يېزىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
نۇرى يېزىسى ئەسلىدە نۇرى، سايباغ، ئىماملىدىن ئىبارەت 3 تەبىئىي باشقۇرۇش رايونىدىن تەركىپ تاپقان. 1977-يىلى 29-ئاۋغۇستتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ئىماملا باشقۇرۇش رايونى نۇرى يېزىسىدىن ئايرىلىپ «بوستان يېزىسى» بولۇپ قۇرۇلغان.
بۇ يېزا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر تۈزۈلىشى نىسبەتەن مۇرەككەپ، تەۋەلىكىدە ئېگىز پەس تاغلار، دۆڭلۈكلەر، جىلغىلار كۆپ. بوزاڭ، سارلۇڭ، يار ئىچى (ياچى)، دومسۇن قاتارلىق 4 كەنت پۈتۈنلەي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ (ھازىر بۇ كەنتلەرنىڭ بەزىلىرى تۈزلەڭلىككە كۆچۈرۈلۈپ، چارۋىچىلارنىڭ ھەم دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلدى) باشقا كەنتتىكىلەر ھەم دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئادەتلەنگەن.
بۇ يېزىنىڭ كېلىماتى سوغۇق، نەمخۇش كېلىماتقا مەنسۈپ بولۇپ، يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىرغا يېقىنلىشىدۇ. سۇ بايلىقى جەھەتتە ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. نۇرى دەرياسىنىڭ بېشى قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئىچكىرىسىدىن باشلىنىدۇ. شۇنداقلا دەريانىڭ ئاساسلىق ئېقىنى 3 كىچىك دەريانىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ يىللىق نورمال ئېقىش مىقدارى 172 مىليون 300 مىڭ كۇپمېتىرغا يېقىنلىشىدۇ. دەريانىڭ سۈيىدىن گۇلاخما، دامىكو يېزىلىرى دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن خېلى كەڭ-كۆلەمدە مەنپەئەتلىنىدۇ.
يېزا مەركىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىدە ئاساسلىق ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدىغان يارمىڭ (يامۇن) تېغى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتەكلىرى مۇنبەت يايلاقتۇر، بۇ يەردە يەرلىك چارۋىچىلار ھەم بىڭتۈەن 14-دىۋىزىيە 1-چارۋىچىلىق فىرمىسىنىڭ چارۋىچىلىرى ئۆزلىرىگە تەۋە يايلاقلاردا چارۋا-مال باقىدۇ. قۇرۇم تېغى باغرىدىكى يېزىغا تەۋە يايلاقلاردىن تۈرلۈك مەدەنلەر چىققاندىن باشقا يەنە نېفىت (يېقىندا نېفىت زاپىسى بايقالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى)، ئالتۇن، قاشتېشى، كاۋاش، تۆمۇر رودىسى... قاتارلىقلار چىقىدۇ. قوي يۇڭى، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلار خېلى داڭلىق. پايانسىز، مۇنبەت يايلاقلاردا يەنە جەرەن، كىيىك، سۇغۇر، بۆرە، ئارقار، ياۋا توشقان، ئولاي، كەكلىك، قىزىل تۇمشۇق قاغا قاتارلىق ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ھەر خىل قۇشلار ياشايدۇ. يايلاقلاردا يەنە قار لەيلىسى، گۈمبەمەدەك (موگو)، گۈلبىنەپشە، رەيھان، چۈچۈكبويا، بۆرە سامسىقى قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئىنتايىن كۆپ.
بۇ يەردە (يارمىڭ تېغى باغرىدا) يەنە 1958-يىلىدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتىدە ئېچىلغان بىر رودا كېنى بار بولۇپ، تاكى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك سىمونت زاۋۇتىنى مۇھىم خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن (ھازىر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يەر تاشلىنىپ قالدى). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلىك كىشىلەر يارمىڭ تېغى باغرىدا بىر ساياھەت نۇقتىسى بەرپا قىلغان بولۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە تەۋەسىدىكى نۇرغۇن كادىر، ئىشچى، خىزمەتچىلەر ئىستىراھەت كۈنلىرىدە بۇ يەرگە كېلىپ، سەيلى-ساياھەت قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ، بولۇپمۇ ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە بۇ يەرگە كېلىپ كېتىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
بۇ يېزىدىكى بىر قىسىم كەنتلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، «چىمەنباغ»، «قۇمباغ»، «يارباغ»، «يېڭىباغ»، «يالغۇزباغ»، «سايباغ»، «گۈلباغ»، خېنىباغ»، «باغبېشى»، «ئاقتاش»، «قىزىلتاش»، «چاھارتاش» دېگەندەك يەر ناملىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. نۇرى يېزىسىدا ئوردا ۋە ھاكىمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان «خېنىباغ» (توغرىسى «خانباغ» ياكى «خانلىق باغ» بولىشى مۇمكىن). «يامۇن»، «خان يۇرت» قاتارلىق يەر ناملىرىنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇپ كەلگەنلىكى بۇ يەرنىڭ قەدىمكى چىرا بەگلىكىنىڭ ئوردىسى جايلاشقان ئورۇن ئىكەنلىكىنى مەلۇم جەھەتتىن دەلىللەپ بېرىدۇ. بۇ بىر ئىزدىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋالدۇر.
بۇ يېزىدا تارىخىي رىۋايەتكە ئايلىنىپ كەتكەن يەر ناملىرىمۇ خېلى كۆپ. «خانيۇرت» دېگەن جاي نامى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. بۇ يەر ھازىر يازلىق يايلاق بولۇپ، يېزا مەركىزىگە تۈزلىنىيە ئارىلىقى 25 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئېيتىلىشىچە: مىڭ يىللار بۇرۇن ئىسلام خانلىقى قوشۇنلىرى بۇددىستلار بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، ئۇلارنى قوغلاپ بۇ يەرگە كەلگەن ۋە قوشۇن ھەم قوشۇن سەركەردىلىرى مۇشۇ يەرگە بارىگاھ قۇرۇپ ئارام ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئىسمى «خانيۇرت» (خان تۇرغان يۇرت) بولۇپ قالغان ئىكەن.
يېزا بازىرىنىڭ شەرقىي، جەنۇبىغا تەخمىنەن 5 كىلومېتىر كېلىدىغان باش تۇغ دېگەن جايغا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 14-دىۋىزىيەسىنىڭ 1-چارۋىچىلىق فىرمىسى ئورۇنلاشقان. فىرما 1951-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 2-كورپۇس (جۇن) ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ خوتەندىكى ئىش بىجىرىش باشقارمىسىغا قارىغان. 1955-يىلى قىسىملار تەرتىپكە سېلىنغاندا بۇ فىرما شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1-دىۋىزىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ (75) 11-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا بىنائەت 1975-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىۋېتىلگەن. 1982-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە، خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تەۋە بولغان، ھەمدە كېيىن يەنە بىڭتۈەن 14-دىۋىزىيە 1-چارۋىچىلىق فىرمىسى دەپ ئاتالغان. پىرمىدىكى ئىشچى، خىزمەتچىلەر ۋە چارۋىچىلار «جاپا مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، بوز يەر ئېچىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش» مەۋقەسىدە باشتىن ئاياق چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق مېھنەت ئارقىلىق شانلىق تارىخ يارىتىپ، يوقلىقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك تەرەققىيات جەريانىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇفىرمىدا 3 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى، چارۋىچى بار بولۇپ، 8 روتا (ليەن) دىن تەركىپ تاپقان. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى چارۋىچىلىق بىلەن، بىر قىسمى دېھقانچىلىق، باغ-ئورمانچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فىرما رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە يەرلىك بىلەن مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشتەك جاسارەتنى ھەقىقىي نامايان قىلدى. ھازىر چارۋىچىلىق فىرمىسىنىڭ مەركىزى باش تۇغ يىپ يېڭى قىياپەتكە كىرگەن بولۇپ، ئېگىز بىنالار تەرەپ-تەرەپتە قەد كۆتۈردى. مۇھىت زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ھەممە جاي باغۇ-بوستانلىق ۋە گۈلزارلىققا ئايلاندى. ئىشچى-خىزمەتچى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ ھاللىق سەۋىيە بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە. بۇ يەر زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە جايغا ئايلىنىپ، كىشىلەر تەلپۇنىدىغان ئىتتىپاق، ئىناق، ئىللىق ماكان بولۇپ قالدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن نۇرى يېزىسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ باشقا جايلارغا ئوخشاش ناھايىتى تېز بولدى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرى كۈنسايىن راۋاجلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قورسىقى توق، كېيىم-كېچىكى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولۇپ، دېھقان، چارۋىچىلار ھاللىق تۇرمۇشقا قەدەم تاشلىدى، شۇنداقلا يېزىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، قاتناش ئىشلىرى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلدى. دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىمۇ يىلسىرى ئېشىپ باردى.
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2-قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن بۇ يېزىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھىۋالىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر ھەم يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى. تيەنجىن شەھىرى چىرا ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشلىغاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ۋە ئەمەلىيلىشىشگە ئەگىشىپ، بۇ يېزا تېخىمۇ ئېچىۋېتىش، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشتەك تەستە قولغا كېلىدىغان تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى. تيەنجېىن شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا ناھىيە بويىچە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئالدىن ئېلىپ بېرىش، كەسىپلەرنى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تۈۋرۈك قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە پۇختا ئۇل سالدى. بۇ جەرياندا نۇرى يېزىسىدىكى دېھقان، چارۋىچىلارمۇ نۇرغۇن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. بولۇپمۇ دېھقان، چارۋىچىلار ئۈچۈن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى يەنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا تيەنجىن شەھرىدىكىلەرنىڭ بەرگەن ياردىمى ئاز بولمىدى. نىشانلىق ياردەمنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ يېزىدىكى %80 دېھقان، چارۋىچى ئەمىن ئۆيلەرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ خاتىرىجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا. ھازىر نۇرى يېزىسىنىڭ قىياپىتىگە نەزەر سالسىڭىز يېزىدىكى ئىدارە، ئورگانلار، مەكتەپ ۋە سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئىشخانا، ئۆي-ئىمارەتلىرىنىڭ يېڭىباشتىن سېلىنغانلىقىنى، ئېگىز، قەۋەتلىك بىنالارنىڭ قەد كۆتۈرگەنلكىنى، مۇھىتى گۈزەل، شارائىتى ياخشى، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قىياپىتىنىڭ ھەقىقىي نامايان بولغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.
نۆۋەتتە، نۇرى يېزىسىدىكى دېھقان، چارۋىچىلار ئۆزلىرىگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كەلگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىپ، مۇقىملىق ۋەتەرەققىياتنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتكە دادىل يۈزلىنىپ، ئۆز يۇرتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش، تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئالغا باسماقتا.
چىرا ناھىيەسىنىڭ”13- بەش يىللىق“ مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرى پىلانىغا ئاساسلانغاندا نۇرى يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ئاساسي ئەسلىھەلەر ھەم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ ئىلگىرىكىدىن زور دەىجىدە ئاشۇرۇلغان. دېمەك بۇ يۇرتنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ نۇرلۇق بۇلىشىدىن ئۈمىد زور.
(دەسلەپكى ئارگىنالى 2014 -يىلى 15-ئۆكتەبىردە تەييارلاندى، 2015- يىلى 10- ئىيۇلدا قىسمەن ئۆزگەرتىلدى)
پايدىلانمىلار:
1. نىياز كېرىم، زىۋىدە ساتتار: «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2006- يىلى ئىيۇل نەشىرى.
2. «چىرا ناھىيە يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» (ئۇيغۇرچە) 1985-يىلى ئاپرېل نەشرى.
3. «چىرا سۇچىلىق ۋە ئېلېكتىر-ئېنىرگىيە تەزكىرىسى» (ئۇيغۇرچە) 2009-يىلى دېكابىر نەشرى.
4. « چىرا ناھيە چوڭ ئىشلار خاتىرسى» (1993- 1949، ئۇيغۇرچە) 1999- يىلى فېۋرال نەشىرى.
دىققەت:
مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، نۇرىدا ئۆتكەن تارىخىي شەخسلەر، ئۆلىما، جامائەت ئەربابلىرى، بايلار، ئۆرپ- ئادەتلەر، چىرا تارىخىدىكى مۆجىزە - جەڭگىۋار ئۆستەڭ دېگەندەك مەزمۇنلارنى قۇشۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئەمما ماقالىنى باشقا ھېچقانداق مەتبۇئاتقا يوللىماڭ، مەتتۇرسۇن ھەسەن بىرقانچە ئورۇنغا يوللىغانلىغىنى ئېيتقان. ئۆزىڭىز كۆرۈپ باقسىڭىزلا بولىدۇ.