تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئوسما ۋە ئۇنىڭ رولى

    ئوسما ئاساسەن شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپىسسىمان، رەڭگى كۈلرەڭ، گۈلى ئۇششاق سېرىق، يېتىلگەندە قارا سۆسۈن رەڭدە بولىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، قاش ئۆستۈرۈش، چاچ ئۆستۈرۈش رولى بار.

    ئوسما يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ، ئازراق زەنجىۋىل بىلەن سۇس ئوتتا قاينىتىپ، تىنغاندىن كېيىن تىرىپىنى ئەلگەك بىلەن سۈزۈۋېتىپ ئىچىپ بەرسە قىزىتما چۈشۈرۈش، ئىسسىقنى ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، قاننى سۇۋۇتۇش، داغ چۈشۈرۈش، جىددىي خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، تارقىلىشچان زوكام، جىددىي خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلغاندىن باشقا، قاشنى گۈزەللەشتۈرۈش، قويۇق ئۆستۈرۈش، چاچ چىقىرىش رولى بار. لېكىن ئوسما يىلتىزى سۈيى سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا ماس كەلمەيدۇ. ئۇنى ئۇزاق مەزگىل نورمىدىن ئارتۇق ئىچكەندە بەدەننى زەخىملەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ تال، ئاشقازانغا بەكرەك زىيانلىق بولۇپ، ئاشقازان ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئوسما يوپۇرمىقىدا تىنىكتورا دەپ ئاتىلىدىغان ماددا بار بولۇپ، ئۇ خىل ماددىنى ئايرىپ ئېلىپ، بوياقچىلىق سانائىتىنىڭ، شۇنداقلا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا بولىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز