تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋاكسىنا ۋەقەسى توغرىسىدىكى باياناتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر باشقارمىسى 22-نويابىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، يېقىندا جۇڭگودا يۈز بەرگەن ۋاكسىنا ۋەقەسىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ھەر ۋاقىت جۇڭگونىڭ سەھىيە تارماقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن تەييار تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئېيتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋاكسىنىنى توغرا ساقلاش ۋە باشقۇرۇش كېرەك، بولمىسا كۈچىنى يوقىتىدۇ ياكى كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ناتوغرا ساقلانغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاكسىنا ئاساسەن زەھەرلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ ۋەقەدە ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن تۆۋەن. بالىلار دۇچ كەلگەن خەۋپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ ئىممۇنىتېتلاشنى كېڭەيتىش يىرىك پىلانى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھەم ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قاتما كېسىلىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى، جۇڭگو ۋاكسىنىلىرىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەل بولۇشنى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرگەنلىكىنى ئېنىقلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلارنى داۋاملىق ئادەتتىكى ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىلىرىنى ئەملەش ئارقىلىق، بالىلاردا يۈز بېرىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكتىن ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.


مەنبە: خەلق تورى




ئەسلى مەنبەسى: ئەلداۋا سالونى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز