تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قۇلىقىڭىزنى ھەرگىز كولىماڭ!

قۇلاق ئىنتايىن سەزگۈر، ئاجىز ئەزا، كولىغان ۋاقىتتا سەللا دىققەت قىلمىساق، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، قۇلاغ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا قۇلاققا مەڭگۈلۈك زىيان يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر قۇلاق كولاشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا قۇلاق كولاش ئادىتىنى تاشلىمايدۇ.

بۇ ماقالىنى ئوقىسىڭىز ھەرگىز پاختا تاياقچىسى بىلەن قۇلاق كولىمايدىغان بولىسىز.

دوختۇر دائىم «پاختا تاياقچىسى بىلەن قۇلاق كولىماڭ»دەپ ئەسكەرتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ.

پاختا تاياقچىسىلا ئەمەس، باشقا نەرسىلەر بىلەنمۇ قۇلاق كوچىلىماسلىق كېرەك. بۇنداق بولغاندا قۇلاق كىرى قۇلاقنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەتتا قۇلاق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئەمىلىيەتتە قۇلاقنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى بار، ئالاھىدە تازىلاپ كېتىش ھاجەتسىز. لېكىن قۇلاق كىرىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قۇلاق كىرى بەك كۆپ كىشىلەر پاختا تاياقچىسى بىلەن قۇلاق كوچىلىماستىن دوختۇرخانىغا بېرىشى كېرەك.

 قۇلاق كىرى ئادەتتە تاشقى قۇلاق يولىغا يىغىلىۋالىدۇ، ئەگەر پاختا تاياقچىسى بىلەن قۇلاق كولىساق، قۇلاق كىرى قۇلاقنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ قۇلاقنى توسۇۋالىدۇ. پاختا تاياقچىسى بىلەن قۇلاقنىڭ ئەتراپىنى تازىلاشقىلا بولىدۇ، قۇلاقنىڭ ئىچىگە سالماسلىق كېرەك.

قۇلاق تازىلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى:

قۇلاقنى تۇز سۈيى بىلەن تازىلاش كېرەك. تۇز سۈيىنى قۇلاققا تېمىتىپ، قۇلاقنى ئازىراق لىڭشىتىپ، ئاندىن سۇبىلەن يۇيۇۋېتىش كېرەك.

 بالىلار مېيى، مىنېرال ماي ۋە مەخسۇس قۇلاق يولى تازىلاش مېيى بىلەن قۇلاق يۇيۇشقا بولىدۇ. ئەگەر ئەكس تەسىر بېرىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز ئاۋۋال قولىڭىزغا سۈرتۈپ، بىر سائەتقىچە ئەكس تەسىر بەرمىسە ئاندىن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

گىدرو پېروكسىد بىلەن قۇلاق تازىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇمۇ دائىم ئىشلىتىدىغان قۇلاق تازىلاش سۇيۇقلۇقى.

ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس قۇلاق تېمىتىش ئۈسكۈنىسى ئېلىپ، سۇيۇقلۇقنى ئۈسكۈنە ئارقىلىق قۇلىقىڭىزغا تېمىتىڭ.

ئەگەر قاملاشتۇرالماسلىقتىن ئەنسىرىسىڭىز، دوختۇرغا بېرىڭ، ئۇلاردا قۇلاق تازىلاشقا مۇۋاپىق سايمانلار بار.

مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: قۇلاق كىرىڭىز بەك كۆپ بولمىسىلا، قۇلاقنى كولىماڭ، مەيلى پاختا تاياقچىسى ياكى باشقا سايمانلار بولسۇن، ئوخشاشلا قۇلاقنى زەخمىلەندۈرىدۇ.

قۇلاقنى قوغداش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا قۇلاق كولاش ئادىتىنى تاشلىۋېتىش كېرەك.




ئەسلى مەنبەسى: wribao.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز