«ئېنىقكى ئەڭ ئاخىرىقى نىشان نومۇر قوشماسلىق، لېكىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخى ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى يوق». مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مەۋلۇت 21-چېسلادىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، چېگرا رايونلىرى، تاغلىق رايونلار، چارۋىچىلىق رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتى يەنە داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش ۋە ئىسلاھات قىلىش كېرەك.
مەۋلۇت مۇنداق دېدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى بىكار قىلىشقا بەلگىلىك جەريان كېتىدۇ، مائارىپ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. نومۇر قوشۇش سىياسىتى باسقۇچلۇق ۋە ئالاھىدە مەزگىللىك سىياسەت، نۆۋەتتە، بۇ خىل سىياسەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دۆلىتىمىز مائارىپىدا يەنىلا تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا پەرق مەۋجۇت.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مىللىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ بىر تۇتاش تەلىپى بويىچە، چېگرا رايونلار، تاغلىق رايونلار، چارۋىچىلىق رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.