تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، سېلىن ۋە سېلىن ئاقسىلى تۇخۇم پۇۋەكچىسى يېتىلىش دەۋرىدە ياخشى رول ئوينايدىكەن ھەم تۇخۇمنىڭ يېتىلىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار سېلىننىڭ تۇخۇمداندىكى ئېنىق ئورنىنى بىكىتكەن، كېيىن گلۇتاتىئون پېرئوكسىد ئېنزىم 1 (GPX1) نىڭ تەركىبىدىكى سېلىن ئاقسىلىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە شەكلى چوڭ تۇخۇمداندا سېلىن ۋە سېلىن ئاقسىلىنىڭ تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى چىققان.
سېلىن تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر قاتتىق پوستلىق مېۋە- چېۋىلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، گۈمبەمەدەك قاتارلىقلار بولۇپ، ئاياللار كۆپ يەپ بەرسە ھامىلىدار بولۇشقا پايدىلىق ئىكەن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-11/27/content_475590.htm