كۆپىنچە ئائىلىلەر تېلېۋىزورنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن، دەرھال تېلېۋىزورغا ياپقۇچ يېپىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى تېلېۋىزور ئىشلىتىلىش ھالىتىدە تۇرغاندا، كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ، ناۋادا تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپلا ياپقۇچنى يېپىپ قويغاندا، تېلېۋىزورنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تارقىلىپ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، تېلېۋىزورنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ.شۇڭا، ئادەتتە تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن ياپقۇچنى يېپىش كېرەك.