تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىللە تاماق يېسە...

تەتقىقاتچىلار بىر نەچچە گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق نەتىجىگە ئىگە بولدى: يالغۇز ئايال ئەرلەر بىلەن بىللە تاماق يېگەندە، ئىنتايىن ئاز تاماق يەيدىكەن، تېخى تاماق بۇيرۇتقاندا گۆشلۈك غىزالارنى ئەمەس، گۆشسىز قورۇمىلارنى كۆپ بۇيرۇتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەر قانچە كۆپ بولسا، ئاياللارنىڭ بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان كالورىيە شۇنچە ئاز بولىدىكەن. ناۋادا ئاياللار بىلەن تاماق يېسە، ئۇنداقتا ئۇلار ماروژنا، شاكىلات دېگەندەك كالورىيىسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇتۇپ مەرتلىكىنى نامايەن قىلىدىكەن.

    بۇ ھادىسىگە پىسخولوگلار مۇنداق چۈشەنچە بەردى: ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئىشتىيىنى كونترول قىلىش، ھەتتا چەكلەش بەلكىم ئاياللارنىڭ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا، ئەرلەرگە ئۆزىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايەن قىلىشقا بېرىلىدىغان ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇلار بەدىنى زىلۋا بولسىلا، ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار تاماقنى ئاز يېيىش ئارقىلىق بۇ نىشانغا يېتىش كويىدا بولىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/08/content_486353.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز