تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كەلگۈسىدىكى ئەيدىز داۋالاش ئۇسۇلى: 1~2 ئايدا بىر قېتىم ئوكۇل ئۇرسىلا بولىدۇ

12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە ھازىرقى ئەيدىز كېسىلىنى كۈندە دورا يېيىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوخشاش ئۈنۈمدىكى بىر قېتىملىق ئوكۇل ئۇسۇلى قوللىنىدىكەن. ھەمدە بۇ يېڭى داۋلاش ئۇسۇلى ئەڭ تېز بولغاندا بەش يىل ئىچىدە ئىشلىتىلىشكە باشلايدىكەن.

GSK شىركىتى ۋە Johnson & Johnson شىركىتىنىڭ ئەڭ يېقى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر تۆت ھەپتىدە ياكى سەككىز ھەپتىدە ئىككى خىل ئەيدىزگە قارشى دورىنى ئوكۇل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. 

مۆلچەرلىنىشىچە ئامېرىكىدا تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بار ئىكەن، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. باشقا ۋىرۇسلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، كىشىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن باشقا ۋىرۇسلاردىن قۇتىلالايدۇ، لېكىن كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا مەڭگۈ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ. 

ھازىر بەزى دورىلار قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتالايدۇ. لېكىن ھەركۈنى دورا ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش مۈشكۈل ئىش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى چوقۇم ھەركۈنى دورا يېيىشى كېرەك، بۇ ناھايىتى تەستە ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىش. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا دورا ئوكۇل قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆرۈنەرلىك، پەقەت تۆت ھەپتە ياكى سەككىز ھەپتىدە بىر ئوكۇل قىلسىلا بولىدۇ. 

بۇ خىل يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى ئىككى خىل دورىىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىر خىلى cabotegravir دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بىرى rilpivirine دەپ ئاتىلىدۇ. cabotegravir بولسا ئەيدىز كېسىلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش كارخانىسى ViiVنىڭ مەھسۇلاتى، بۇ دورا تابلېت ياكى ئوكۇل شەكلىدە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىيالايدۇ ياكى كونترول قىلالايدۇ. 

ھازىر تەتقىقاتچىلار قانغا بۇ دورىنى ئوكۇل قىلىشنى ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئېلان قىلىنغىنى پەقەت ئىكى يىلغا سوزۇلغان كىلىنكا سىناقنىڭ بىر قىسمى. ھازىرغىچە، ھەر تۆت ھەپتىدە ياكى سەككىز ھەپتىدە بىر قېتىم ئوكۇل قىلغان بىمارلاردا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش نىسبىتى ئەنئەنىۋى دورىلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىت بىلەن ئوخشاش بولغان. لېكىن ئوكۇل قىلىنغان بىمارلاردىمۇ نۇرغۇن ئەكىس تەسىرلەر كۆرۈلگەن، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى ئوكۇل قىلىنغان جاينىڭ ئاغرىشى. 

گەرچە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىدىن ناھايىتى كۆپ ئۈمىد بولسىمۇ لېكىن بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقىي قوللىنىلىشىغا يەنە خېلى ۋاقىت بار. تەتقىقاتچىلارنىڭ دىيىشىچە بۇ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ 2020-يىلى بازارغا چىقىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. لېكىن بۇخىل داۋالاش ئۇسۇلىدا بەزى توسالغۇلار بار، مەسلەن بۇخىل دورىلارنى سوغۇق ساقلاش كېرەك، بۇ ئىسسىق بەلۋاغ رايونىدا ياشايدىغان ھەمدە توڭلاتقۇسى يوق كىشىلەر ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە. 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز