تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دانىخورەك ۋە ئۇنى داۋالاش

يۈزگە دانىخورەك چىقىش تېرىدىكى بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، گەرچە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، لېكىن ياش ئوغۇل- قىزلارنىڭ سىرتقى گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دانىخورەكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، ياشلار يېتىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغاندا، بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئىشلىنىشى تېزلىشىپ، ئوغۇللاردا ئەرلىك ھورمۇن يۇقىرلاپ كېتىدۇ ھەمدە تېرە ئاستى مايلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، تۈك خالتىلىرىنىڭ ئېغىزىنى توسىېۋالىدۇ. نەتىجىدە سۇيۇقلۇق ۋە تېرە ئاستى مايلىرىنىڭ سىرتقا چىقالماسلىقى، سىرتقى چاڭ- توزاننىڭ تەسىر قىلىشى قوشۇلۇپ دانىخورەكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا روھىي ھالەتتىكى جىددىيلىك، ئۇزۇقلۇق تەركىبنىڭ بەك يۇقىرى بولۇشى، بەزى خىمىيۋى دورىلارنىڭ رېئاكسىيسى ۋە پەرداز بويۇملىرىنى نامۇۋاپىق ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىنمۇ دانىخورەك پەيدا بولىدۇ. بەزى قىزلارغا ھەيز كېلىشكە ئۈچ- تۆت كۈن قالغاندا دانىخورەك چىقىدۇ. دانىخورەك ئاساسەن تېرە ماي بەزلىرى تەرەققىي قىلغان يۈز قىسمى، مەيدىنىڭ يۇقىرى قىسمى، تاغاق ئارىلىقى ۋە دۈمبە قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. تېرە يۈزىدە تۈگۈنچە، يىرىڭلىق قاپارتما، يىرىڭلىق ئىششىق ۋە تارتۇقسىمان تۈگۈنچە كۆتۈرلۈپ چىقىدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇندا يەڭگىل قىچىشىش، ئاغرىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. دانىخورەك ئادەتتىكى دانىخورەك، غۇژمەك دانىخورەك، خالتىلىق دانىخورەك، ئىششىيدىغان دانىخورەك، تارتۇقلىشىدىغان دانىخورەك قاتارلىق تىپلارغا بۆلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىلىدىكى دانىخورەك بولسۇن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقاندا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى:

كۈندە كەچتە ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ بوش سىقىۋېتىپ، يۈزىگە تەكشى تەگكۈزۈپ 13 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل تېرە تۆشۈكچىللىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يۇقىرىقى ئۇسۇلدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى رېتسىپنى ئىشلىتىش لازىم.

گۈڭگۈرت پوقى بەش گرام، مارگانسۇپ0.1 گرام، ۋازېلىن 150 گرام،

تەييارلاش ئۇسۇلى: ۋازلېننى ئوتقا قويۇپ ئېرىتىپ، يېرىم قىزىق ھالەتكە كەلگەندە گۈڭگۈرت پاراشوكى، مارگانسوپ سېلىنىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.

كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دانىخورەك بار ئورۇنغا ئاز مىقداردا تەكشى سۈرتۈپ، ئەتىگەندە يۇيۇپ بەرسە، دانىخورەك تېز ساقىيىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۈندە ئۇلاشتىن ئىلگىرى ئۈزۈم سىركىسى ياكى %70 ئىسپىرىتنى يۈزگە سۈرتسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار يۈز سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىش، ماي تەركىبى كۆپ بولغان سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك، تېرە تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، دانىخورەك چىققان ئورۇننى قول بىلەن تاتلىماسلىق ھەم سىقماسلىق، تەركىبىدە ماي، قەنت بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، لازا، ئاچچىقسۇ، پىياز، سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش لازىم.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز