تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىملىتامسىز؟

شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 2015-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن باكلاۋۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. كۆپلىگەن ئۆلكىلەردىن ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقاچقا، يېقىندا شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم بىرىنچى تۈركۈمدىن تاللاپ قوبۇل قىلىشنى سىنايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن توردا ئىلتىماس قىلىشنى تاماملىسا بولىدىكەن.

مەزكۇر پىلان بويىچە، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ياكى ئىلىم-پەن تۈرىدىكى مۇسابىقە، تەنتەربىيە، سەنئەت، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق دەرستىن سىرتقى پائالىيەتكە قاتناشقانلىق ئىسپاتىنى تەمىنلىسە، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى شۇ جاينىڭ 1-تۈركۈم نومۇر سىزىقىغا يەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى 6-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا تەكلىپ قىلىدىكەن، يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئويلىشىلىدىكەن.

شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىشنى خالايدىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، توردا ئىلتىماس قىلىشنى تاماملىشى كېرەك ئىكەن، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامال بار توردا ئىلتىماس قىلغان سىستېمىغا تىزىملىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى يوللاپ بېرىشى كېرەك. شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 6-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شېنجېن، بېيجىڭ، شاڭخەي، شيامېن، ۋۇخەن، چۇڭچىڭ، جىنەن، كۇنمىڭ، خاڭجۇ، شېنياڭ قاتارلىق 10 شەھەردە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز