تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار ساغلاملىقى

 ئاياللاردا بەزىدە سوغۇق ئۆتكەنلىكتىن بەل ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، لېكىن دائىم بەل ئاغرىسا، بۇ قىسمەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن:

    1. داس بوشلۇقى ياللۇغى. داس بوشلۇقى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلاردا تۆۋەنكى قورساق ئاغرىش، قىزىش، ئىچكى ئاجرالما كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

    2. بالىياتقۇ ئۆسمىسى. بەل قاتتىق ئاغرىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلگەن ھامان تەكشۈرتۈش كېرەك.

    3. بالىياتقۇ بوينى راكى. بالياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئاخىرى مەزگىلىدە بەل ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بالىياتقۇ بوينى ھۈجەيرىلىرىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق راك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

    4. بالياتقۇنىڭ ئورنى نورمال بولماسلىق. بالياتقۇنىڭ ئورنى بىنورمال بولسا، بەل ئاغرىيدۇ، شۇڭا بەل ئاغرىغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

    5. بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى يۆتكىلىش. بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى ئۆزگەرگەندە ئاستىنقى قورساق قىسقى ۋە بەل ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

مەنبەhttp://uy.ts.cn/life/content/2015-12/24/content_482979.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز