ئەرلەر ئايالى بىلەن دائىم بىرگە ياتسا،ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن
تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە،ئەرلەر جورىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇپ ئۇخلىغاندا كاشىلىغا ئۇچرايدىكەن،مەيلى يىقىنچىلىق قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن،ئەتىسى روھى ھالىتى بىنورمال بولۇپ،چوڭ مىڭىسىنىڭ ئىنكاسى تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن."يىڭى ئىلىم-پەن"ژورنىلىنىڭ ئەڭ يىڭى بىر سانىدا بىسىلغان تەتقىقاتىدا دىيىلىشچە، ئاياللار بۇ خىل كاشىلىدىن مۇستەسنا ئىكەن.ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئەكىسچە بىر ياستۇققا باش قويۇپ ئۇخلىسا،تىخىمۇ بەھوزۇر ئارام ئالالايدىكەن.چۈنكى،بۇ خىل ھالەت ئاياللارنى غەرق ئۇيقۇ ھالىتىگە كەلتۈرىدىكەن.
ۋىنا ئۇنۋىرىستىتىنىڭ پروفسسورى ى خاردئ.كاروچ يىتەكچىلىگىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى پەرزەنت كۆرمىگەن 20نەچچە ياشلىق قىز-يىگىت جورىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان.تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى 10كىچە بىر ياستۇققا باش قويۇپ ئۇخلىتىپ،كىيىن يەنە 10كىچە ئايرىم ئۇخلاتقۇزغان.تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىنى جەدىۋەللەشتۈرۈش ۋە قول بىلەن باشقۇرۇپ كۈزۈتۈش ئەسۋابى ئارقىلىق باھالىغان.ئەتىسى،يەنە ئۇلاردىن ئاددىي ئەقلىي سىناق ئالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ جىددىيلەشتۈرگۈچى ھورمۇن سەۋىيسىنى تەكشۈرگەن.ئەرلەر جورىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغاندا،تىخىمۇ بەھوزۇر ئۇخلايدىغانلىغىنى ئىيىتقان بولسىمۇ،ئەمىليەتتە ئۇنداق بولمىغان.سىناقتا ئۇلارنىڭ ئىنكاسى تۆۋەن بولغان،دىمەك ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسى ئۇيقۇ جەريانىدا كاشىلىغا ئۇچرىغان.
ۋەھالەنكى،ئاياللار جۈپتى بىلەن بىر بىر ياستۇققا باش قويغاندا،ئۇيقۇ سۈپىتى تىخىمۇ ياخشى بولغان،ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىنكاس كۆرۈلمىگەن.ئۇلار ئادەتتە ياستۇققا باش قويۇش بىلەن تەڭلا ئۇيقۇغا كەتكەن.ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇيقۇغا تىخىمۇ تىز غەرق بولۇپ،يالغۇز ئۇخلىغانغا قارىغاندا تىخىمۇ راھەتلەنگەن.سالى ئۇنۋىرىستىدىكى ئۇيقۇ مۇتەخەسىسى دوكتور نېد.سدىلى:"بىز جورىلەرنىڭ بىر ياستۇققا باش قويۇپ ئۇخلىشىنى تەكىتلىمەيمىز،بۇنداق قىلىش تولىمۇ غەلىتە بىر ئىش.چۈنكى،ئىككى ئادەم ئۆز-ئارا تىۋىش چىقىرىدۇ،يوتقان تالىشىپ چىقىدۇ،مۇشۇنداق بولسا قانداقمۇ تاتلىق ئۇخلىغىلى بولسۇن؟"دەيدۇ.
ھاياتلىق ژورنىلىدىن ئىلىندى