كىشى قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە، تاماق تاللىماي قالىدۇ، ئەمما قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە نېمىلا بولسا يەپ قورساق تويغۇزۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، شۇڭا قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندىمۇ يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
1. سۈت، پۇرچاق سۈتى ـــــ بۇ ئىككى خىل يېمەكلىك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاقسىل ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ خوراپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولى جارى قىلدۇرۇلمايدۇ. توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى بولسا پېچىنە، بولكا قاتارلىق ئۇن يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك ياكى تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئىچىشكە بولىدۇ ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچسىمۇ بولىدۇ.
2. قېتىق ـــــ ئاچ قورساق قېتىق ئىستېمال قىلغاندا، قېتىقنىڭ سالامەتلىكنى ئاسراش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكنى ئاسراش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپلا قالماستىن يەنە ھەزىم قىلىش رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. چاي ـــــ چاينى ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق، مەزمۇت تۇرالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
4. كەمپۈت ـــــ كەمپۈت بولسا بىر خىل ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىك، ئاچ قورساققا كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىۋالغاندا، ئادەم بەدىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان شېكىرىنىڭ نورمال قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەرلىك ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالماي، قان سۇيۇقلۇقىدىكى قان شېكىرى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال ئوڭايلا كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ كەمپۈت كىسلاتالىق يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، ئاچ قورساق كەمپۈت يېگەندە يەنە ئوڭايلا تەندىكى كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى ۋە تۈرلۈك مىكرو جانلىقلار تەڭپۇڭلۇقى تەسىرگە ئۇچراپ، سالامەتلىكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
5.ئەبنۇس ـــــ ئەبنۇس بىر قەدەر كۆپ ژېلاتىن، تاننىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماددا ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىدا خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ تەستە ئېرىيدىغان كوللوئىد پارچىسى ھاسىل بولۇپ، ئوڭايلا ئاشقازاندا تاش پەيدا بولۇۋالىدۇ.
6. بانان ـــــ بانان تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولغان ماگنىي ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئاچ قورساققا بانان يېگەندە تەندىكى ماگنىي تۇيۇقسىزلا ئۆرلەپ بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقىدىكى ماگنىي-كالتسىي تەڭپۇڭسىزلىشىپ، يۈرەك-قان تومۇرغا بېسىم چۈشۈرۈپ قويىدۇ، بۇمۇ سالامەتلىككە ياخشى ئەمەس.
7. دولانا، ئاپېلسىن ـــــ كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە كىسلاتاسى، دولانا كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىپ، يېپىشقاق پەردىگە نىسبەتەن ياخشى بولمىغان غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازاننى كۆپتۈرۈپ، كېكىرىك پەيدا قىلىپ، ئاشقازاندىن سۇ يېنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. سامساق ـــــ سامساق تەركىبىدە كۈچلۈك ئاچچىق تەملىك سامساق ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسى ۋە ئۈچەي دىۋارىغا نىسبەتەن كۈچلۈك غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش، مۇجۇپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
9. تاتلىقياڭيۇ ـــــ تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە تاننىن ۋە كوللوئىد بار بولۇپ، ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، مەيدە ئېچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
10. سوغۇق ئىچىملىك ـــــ ئاچ قورساق ھالەتتە تۈرلۈك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.