جۇڭيى تېبابىتىدە بۆلجۈرگەننىڭ قوقاقنى ياندۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش ۋە زەھەرنى قايتۇرۇش رولى بار دەپ قارىلىدىغان بۇلۇپ، ئەتىياز پەسلىدە جىگەرنى قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ، قوقاق بېسىپ كەتكەندە ئازراق بۆلجۈرگەن ئىستىمال قىلسا، ئىسسىقنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە، بۆلجۈرگەننى ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن ئىستىمال قىلىش لازىم، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مېۋە يېلىمى ۋە سېللۇلوزا بار بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلاپ، بوۋاسىر (گېموروي)، ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەمما بۆلجۈرگەن ئىستىمال قىلغاندا، ئوتتۇرىسىدا كاۋاك بار، شەكلى غەلىتە، رەتسىز ھەم بەك چوڭ بۆلجۈرگەننى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. بۆلجۈرگەننىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسم يۇقىرى ھوسۇللۇق يېڭى سورتىدىن باشقا، ئادەتتىكى تۈرلىرىگە زىيادە كۆپ مىقداردىكى ھورمون ئىشلىتىلىدۇ. بۆلجۈرگەنگە پىشىشنى تېزلىتىش دورىسى ياكى باشقا ھورمون تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كىيىن، ئۆسۈش ۋاقتى قىسقىرايدۇ، رەڭگىمۇ ئوچۇق، چىرايلىق بولىدۇ، ئەمما بۆلجۈرگەنگە خاس خۇشپۇراق، يېڭى، چۈچۈمەل تەمى يوق بولىدۇ.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/02/content_504401.htm